سەمەرقەنت

سەھپە: كىتاپلار باھا:0

سەمەرقەنت

ئاپتورى:ئەمىن مائالوف

باھاسى:35.00

2010-يىلى 12-ئاي1-نەشرى

2010-يىلى 12-ئاي 1-بېسىلىشى

ISBN:9787105112166

مۇئەللىپ ھەققىدە

ئەمىن مائالوف 1949-يىل 2-ئاينىڭ 25-كۈنى لىۋاندا تۇغۇلغان ، فرانسۇز تىلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇغان ، ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ، مۇخبىر ، مۇھەررىر ، مەخسۇس ستون يازغۇچىسى بولغان ، لىۋاندىكى ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى سەۋەبىدىن 1976-يىلى ئايالى ۋە بالىلىرىنى ئېلىپ فرانسىيىگە كۆچمەن بولۇپ بارغان ، شۇنىڭدىن بېرى پارىژدا ياشاپ كەلمەكتە . يازغۇچى «ئەرەبلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئەھلىسەلىپ يۈرۈشى» ناملىق ئەسىرى بىلەن تونۇلغان . 1986-يىلى نەشر قىلىنغان «ئافرىقىلىق لېئو» دېگەن تۇنجى رومانى دۇنيادىكى نادىر ئەسەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئورۇن ئالغان .

ئەمىن مالوف ئىجادىيىتىنىڭ ئاساسىي خۇسۇسىيىتى شەرق تېمىسىدۇر . ئۇنىڭ 1988- يىلى نەشر قىلىنغان «سەمەرقەنت» ناملىق ئىككىنچى رومانى زور ئالقىشقا ئېرىشكەن ۋە كۆپلىگەن تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان . «يورۇق باغلار» ، «بىئاترىچادىن كېيىنكى تۇنجى ئەسىر» ناملىق رومانى بىلەن فرانسىيىدىكى ئەڭ زور مۇكاپات ھېسابلانغان گونكور مۇكاپاتىغا سازاۋەر بولغان . ئۇندىن باشقا يازغۇچىنىڭ «شەرق پورتلىرى»، «ئاخىرەتلىك كىيىملىكلەر»، «يوللارنىڭ باشلىنىشى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

فرانسۇز يازغۇچىسى جىل دېمېرنىڭ پىكرىچە «ئەمىن مائالوف ئۆزىنىڭ «سەمەرقەنت» ئەسىرى بىلەن شەرققە خاس رومانچىلىق ئىستېداتىنى نامايان قىلىپ ، فرانسۇز ئەدەبىياتىدا يېڭىچە بىر يۆلىنىش ياراتقان » . ئۇنىڭ ئۇشبۇ رومانىدا مەشھۇر ئالىم ، شائىر ۋە پەيلاسوپ ئۆمەر ھەييامنىڭ سەمەرقەنتتىكى ھاياتى ئۇنىڭ مەشھۇر رۇبائىيلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىش تارىخى ، 11-ئەسىردىكى ئىجتىمائىي – سىياسىي ھايات تەلقىنى ، يېڭى پەيدا بولۇۋاتقان تۈرلۈك دىنىي مەزھەپلەرنىڭ كۈرىشى ۋە 19-ئەسىرگىچە مۇسۇلمان دۇنياسىدا نامەلۇم بولغان رۇبائىيلار قول يازمىسىنىڭ ياۋروپادىكى شان – شۆھرىتى ، ھەمدە بۇ قول يازمىنىڭ 1912-يىلى «تىتانىك» نامىلق پاراخوتىنىڭ ھالاك نەتىجىسىدە ئوكيان تېگىگە چۆكۈپ كەتكەنلىكىگە ئائىت سەرگۈزەشتلەر بايان قىلىنغان . بۇ ئەسەر ئابدۇمۇراد كۆچىبايېۋ ترىپىدىن فرانسۇز تىلىدىن ئۆزبېك تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ ، ئۆزبېكىستاندا نەشر قىلىنىدىغان «جاھان ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ ، ئەنە شۇ ئۆزبېكچە تەرجىمىسىگە ئاساسەن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان ، ھەمدە ئەلى بېركتاي تەرىپىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ YKYنەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان 45-باسمىسىدىن پايدىلىنىلدى.

مۇندەرىجە

ئۆمەر ھەييامنىڭ سەمەرقەنتتىكى سەرگۈزەشتلىرى

بىرىنچى بابتىن – ئون تۆتىنچى بابقىچە

قاتىللار جەننىتى

ئون بەشىنچى بابتىن – يىگىرمە تۆتىنچى بابقىچە

مىڭ يىللىقنىڭ ئاخىرى

يىگىرمە بەشىنچى بابتىن – ئوتتۇز بەشىنچى بابقىچە

دېڭىزدىكى گۆھەر

ئوتتۇز ئالتىنچى بابتىن – قىرىق سەككىزىنچى بابقىچە

مۇقەددىمە

مەن سىزگە ئاتلانتىك ئوكياننىڭ تېگىگە كەلگۈلۈككە چۆكۈپ كەتكەن بىر كىتاب ھەققىدە سۆزلەپ بەرمەكچىمەن . ئەينى دەۋردىكى گېزىتلەردە بۇنداق توغرىلىق ناھايىتى كۆپ نەرسىلەر يېزىلغان ۋە بۇ ھەقتە بىر نەچچە بەدىئىي ئەسەرلەرمۇ يارىتىلغان .

«تىتانىك» ناملىق غايەت زور پاراخوتنىڭ 1912-يىلى 14-ئاپرېلدىن 15-ئاپرېلغا ئۆتەر كېچىسىدىكى ھالاكىتى ، دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك قول يازمىلارنىڭ بىرى بولغان ، بۈيۈك پارس ئالىمى ۋە شائىرى ئۆمەر ھەييامنىڭ رۇبائىيلىرىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنىمۇ دېڭىز تەكتىگە ئېلىپ كەتتى.

مەن بۇ ھالاكەت ھەققىدە تەپسىلىي توختالماقچى ئەمەسمەن . كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلار ئاللىقاچان بۇ ھالاكەتنىڭ دەھشەتلىك ئاقىۋەتلىرىنى پۇلغا سۇندۇرۇپ ، ھېسابلاپ كۆرۈشكەن ، شۇ قېتىمقى ھالاكەتتە ھاياتىدىن ئايرىلغان ھەر بىر ئادەم ھەققىدە ئەتراپلىق ، تەپسىلىي مەلۇماتلارنى توپلاشقان . مېنىڭ نەزىرىمدە ، بۇ قېتىملىق ھالاكەتتىكى ئەڭ مۇھىم يوقىتىش ، ئادەملەرنىڭ ھېساب – كىتابلىرىدا ئېتىبارغا ئېلىنمىغان ئاشۇ قول يازما ئىدى . مانا بۇ ۋەقەلەرنىڭ سادىر بولغىنىغا ئالتە يىل بولغان بولسىمۇ ، شائىرنىڭ ئۆزى يازغان بۇ قول يازمىنى – بىر چاغلاردا ئۆز قۇللىرىم بىلەن تۇتقان بىباھال قول يازمىنى- مەڭگۈلۈككە يوقاتقانلىقىمنى زادىلا ئۇنىتالمايمەن . چۈنكى بۇ قول يازمىنىڭ ئۆز ئانا يۇرتى ئاسىيادىن ئېلىپ چىقىپ كېتىلىشىگە مەن بەختى قارا بېنجامىن ئۆمەر لېسساج سەۋەبچى بولدۇم . ئۇنى مەن نەرسە – كېرەكلىرىم بىلەن ئاشۇ پالاكەت باسقان «تىتانىك» ناملىق پاراخوتىغا ئېلىپ چىققان ئىدىم . مەن بىلەن زامانداش كىشىلەرنىڭ مەنمەنلىكى ۋە مەنسەپپەرەسلىكى تۈپەيلىدىن بۇ پالاكەت سادىر بولۇپ ، قول يازما يەر يۈزىدىن غايىب بولدى.

شۇنىڭدىن بېرى كۈندىن – كۈنگە قان ۋە رەزىللىككە پېتىپ بېرىۋاتقان ئۇشبۇ دۇنيادا ھايات ھەققىدىكى گەپلىرىنى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن ئۇلاردىن قاچىدىغان بولۇپ قالدىم ، بىراق قەلبىمدىكى ئۈمىد چىرىغى زادىلا ئۆچمىدى .ئويلايمەنكى ، ھامان بىر كۈنى قول يازما سۇ تەكتىدىن ئېلىپ چىقىلىدۇ ، ئالتۇن ساندۇق ئىچىدە ، سۇ ئاستى لاتقىلىرىدىن ئامان قالغان بۇ ئاجايىپ قول يازمىنىڭ تەقدىرى يېڭى سەرگۈزەشتلەر بىلەن تولۇپ تاشىدۇ . ئادەملەرنىڭ بارماقلىرى يەنە ئۇنىڭ نەپىس سەھىپىلىرىنى سىلايدۇ . رۇبائىيلارنى ئوقۇپ ھەيرانلىق ئىلىكىدە لال بولغان ئوقۇرمەنلەر ، شائىرنىڭ ئۇنىڭ چۆرىسىگە يېزىلغان سەرگۈزەشتلىرىدىن خەۋەردار بولىدۇ . ئىخلاسمەنلىرى بۈيۈك شائىرنىڭ قەلبىنى ، ئۇنىڭ دەسلەپكى شېئىرلىرىنى ، ھاياجانلىرىنى قايتىدىن ھېس قىلىدۇ . ئۇنى ئوقۇپ چىقىپ ، ئاللىقاچان ئالەمدىن ئۆتۈپ كەتكەن بۇ ئاجايىپ ئىنساننىڭ مىسلىسىز ئەقلىي قۇۋۋىتىگە قايىل بولۇشۇپ ، ئۇنىڭ قەبرىسىدىكى قۇم رەڭ يادىكارلىق ئالدىدا چوڭقۇر ئويغا چۆمىدۇ.

بۇ قول يازمىدا نە بىرەر يىلنامە ، نە بىرەر ئىمزا يوق ئىدى . پەقەتلا ئاتەش قەلب شائىرنىڭ تۆۋەندىكى بېغىشلىمىسىلا بار ئىدى: «سەمەرقەنت يەر يۈزىنىڭ جىلۋىسى!»

1918-يىل

2011.02.22 ئاپتور: ئوغۇز
خەتكۈچ: ،
يازمىغا ھازىرچە باھا يېزىلمىدى!
* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Hex Wind designed by smslåntopplista.se