سەھرايى كەبىردىكى ئۇسسۇلچى قىز
ئاپتورى:ھ. گ. كونسالىك
باھاسى:16.50
1999-يىلى 2-ئاي 1-نەشرى
1999-يىلى 2-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:1-4000
ISBN:710503226X
ئاپتور ھەققىدە
ھېنز . گ . كونسالىك گېرمانىيىنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچىسى . ئۇ ھازىرغىچە 130 دىن ئارتۇق رومان يازدى ، رومانلىرىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا تارقىتىلىشى 79 مىليون نۇسخىدىن ئېشىپ كەتتى . ئۇ نېمىس تىلى بىلەن يېزىقچىلىق قىلىدىغان يازغۇچىلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ . يازغۇچى ھېكايە توقۇشقا ئىنتايىن ماھىر بولۇپ ، ئەسەرلىرىنىڭ تەسۋىرى جانلىق ، ۋەقەلىكى جىددىي ۋە ئەگرى – توقاي ، شۇڭا نەشر قىلىنغان ھامان بازىرى ئىتتىك كىتاب بولۇپ قالماقتا . ئۇنىڭ ئەسەرلىرى قايتا – قايتا نەشر قىلىنىپلا قالماستىن ، بەلكى كۆپىنچىسى كىنو ياكى تېلېۋىزىيە تىياتىرى قىلىنىپ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشىپ كەلمەكتە .
قىسقىچە مەزمۇنى
گېرمانىيىلىك زېرەك ، گۈزەل قىز ھېرد شۋېت ئايرىلغىنىغا ئۇزۇن بولغان ئاكىسىنى ئىزدەپ بارماقچى بولىدۇ ، ئويلىمىغان يەردىن ئادەم سودىگەرلىرىنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ قېلىپ ، سەھرايى كەبىر قۇملۇقىدىكى بىر مېھمانخانىغا سېتىۋېتىلىدۇ . ئۇ ئادەم چىدىغىلى بولمايدىغان خورلۇقلارغا ئۇچراپ ، كۆرمىگەننى كۆرىدۇ …