ئەدەبىياتىمىز نېمە دەيدۇ

سەھپە: كىتاپلار باھا:0

 

ئەدەبىياتىمىز نېمە دەيدۇ

ئاپتورى:ئابدۇبەسىر شۈكۈرى

باھاسى: 15.00

2010-يىلى6-ئاي 1-نەشرى

2010-يىلى6-ئاي 1-بېسىلىشى

تىراژى:0001-2000

ISBN:9787105107704

كىرىش سۆز

ئابدۇبەسىر شۈكۈرى مىللىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ ھەممە بەدىئىي تەركىبلىرىنى پىششىق بىلىدىغان ، ئۇلار ئۈستىدە ئىزچىل ئەمەلىي ئىزدىنىۋاتقان ، مۇئەييەن ئىلمىي نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئورتاق ھۆرمەت ۋە ئېھتىراپىغا ئېرىشكەن تالانتلىق تەتقىقاتچىدۇر . مەن ئۇنىڭ ھازىرغىچە ھەر خىل مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ، يېڭىچە ئىلمىي پىكىر ۋە كۆز قاراشلىرىغا تويۇنغان ئىجادىي ماقالىلىرىنى ئۈزۈلدۈرمەي ئوقۇپ كەلدىم . بۇ قېتىم ئۇنىڭ بۇ ماقالىلەر توپلىمىنى سۆيۈنۈش ئىچىدە ئوقۇپ چىقىپ ، ئەدەبىيات تەتقىقاتىدا ھەقىقەتەن ئۆزىگە خاس ئالاھىدە ئىلمىي پەللە ياراتقانلىقىنى تېخىمۇ ئەمەلىي ھالدا چوڭقۇر ھېس قىلدىم .

مېنىڭچە توپلامغا كىرگۈزۈلگەن ماقالىلەرنىڭ ئىلمىي ئىزدىنىش نۇقتىسى يېڭى ، مۇھاكىمە دائىرىسى كەڭ ، پىكىر ۋە كۆز قاراشلىرى ئۆزگىچە بولۇپ ، ئەدەبىياتىمىزنىڭ ھازىرقى رېئال ئەھۋالى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان چوڭقۇر ئىجادىي ئىلمىي ئىزدىنىش دېيىشكە بولىدۇ . توپلامغا كىرگۈزۈلگەن ماقالىلەر تۆۋەندىكىدەك روشەن ئىلمىي ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە :

(1) ئاپتور يۇقىرىقى نەزەرىيىۋى تەربىيىلىنىشكە ۋە مىللىي ئەدەبىياتىمىز ھەققىدە چوڭقۇر ئەمەلىي بىلىمگە ئىگە بولغانلىقتىن ئۆز مۇھاكىمىلىرىدە ئەركىن ۋە ئازاد بولۇپ ، مەسىلىلەرنى ئىلمىي ۋە ئەمەلىي ئانالىز قىلىپ ، ئۆز ئەسەرلىرىنى مەزمۇن جەھەتتىن مۇئەييەن كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇققا ئېرىشتۈرگەن . نەتىجىدە ئۇنىڭ ماقالىلىرى ئەدەبىياتىمىزنىڭ بىر دەۋرلىك تەرەققىياتىنىڭ ھەممە زۆرۈر ئىلمىي مەسىلىلىرى بىلەن تەبىئىي ھالدا باغلانغان .

(2) ئاپتور بۇ ماقالىلىرىدە باشقىلارنىڭ تەييار بايان ۋە خۇلاسىلىرى كەينىدىن ئەگەشمەي ، ھەر قانداق تەسىرات ۋە ئۆزلەشتۈرمە پىكىرلىرىگە بېرىلمەي ، ھەممىنى مىللىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىدىن ئېلىپ ۋە ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ئىلمىي ئىزدىنىشىدىن ئۆتكۈزۈپ ، ئۆزىنىڭ مۇئەييەن ئىلمىي قىممەتكە ئىگە بولغان ئىجادىي پىكىر ۋە كۆز قاراشلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن . ئۇ ھەممە نەرسىگە ئۆزىگە خاس ئىلمىي يول بىلەن ياندىشىپ ، مىللىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ، ھەر قايسى تۈر ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئومۇمىي بەدىئىي گەۋدىسىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان كەمچىللىك ۋە يېتەرسىزلىكلەر ھەققىدە يېڭى ئىجادىي پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان .بۇ ماقالىلەرنى ھەر قانداق كىشىنى قايىل قىلىدىغان روشەن ئىلمىي خاسلىققا ئىگە قىلغان .

(3) ئاپتور ئەدەبىياتىمىزنىڭ ھازىرقى رېئال ئەھۋالى ھەققىدىكى مۇھاكىمىسىدە ئەدەبىياتىمىزدا ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بولغان بىر مۇنچە ئاپتورلارنى نۇقتىلىق قەلەمگە ئېلىپ ، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي ئىجادىيىتىنى چوڭقۇر ھالدا ئىلمىي مۇھاكىمە قىلىپ ، ئۇلارنىڭ ئەدەبىياتىمىز تەرەققىياتىدىكى ئورنى ۋە تۆھپىسىنى دەل ۋە توغرا يورۇتۇپ بەرگەن . ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ، زوردۇن سابىر ، ئەخەت تۇردى ، مەمتىمىن ھۇشۇر ، ئالىمجان ئىسمائىل ، مۇھەممەت خېۋىرگە ئوخشاش تۆھپىكار ۋەكىللىرىنىڭ ئومۇمىي ئىجادىيىتى ھەققىدىكى باھا ۋە خۇلاسىلىرىنى ئومۇمىي ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنىڭ ئۇلارنىڭ بەدىئىي ئىجادىيىتى ھەققىدىكى ئورتاق ئىلمىي يەكۈنى دېيىشكە بولىدۇ .

(4) توپلامغا كىرگۈزۈلگەن ماقالىلەرنىڭ پىكىر يوللىرى ئېنىق ۋە راۋان ، قۇرۇلمىسى ئىخچام ۋە يىغىنچاق ، مۇلاھىزىلىرى ئېنىق ۋە روشەن بايانلىرى جانلىق ۋە تەرتىپلىك بولۇپ ، ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزىگە تارتىدىغان ئالاھىدە بىر خىل سېھرىي كۈچكە ئىگە . مېنىڭچە بۇ ئاپتورنىڭ ئىلمىي نەزەرىيىۋى ئاساسىنىڭ پۇختىلىقى بىلەن ئەدەبىي تەتقىقات يېزىقچىلىقى بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىپ ، ئۆزىگە خاس يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى يېتىلدۈرگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ، ئەلۋەتتە .

مەن ئابدۇبەسىر شۈكۈرنىڭ بۇ ماقالىلەر توپلىمىنى ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ ھەممە زۆرۈر ئىلمىي تەرەپلىرىنى ئۆزىدە تولۇق گەۋدىلەندۈرگەن ،ئەدەبىياتىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى يېڭى تەرەققىياتىغا ئالاھىدە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغان قىممەتلىك ئىجادىي ئەمگەك ھېسابلايمەن .

مۇھەممەد پولات

2006-يىلى 25-نويابىر

2011.03.15 ئاپتور: ئوغۇز
خەتكۈچ:
يازمىغا ھازىرچە باھا يېزىلمىدى!
* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Hex Wind designed by smslåntopplista.se