تۈرك قاغانلىقى تارىخى
ئاپتورى:ليۇ شىگەن
2002-يىلى1-ئاي 1-نەشرى
2002-يىلى1-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:1-3000
ISBN:7228068327
باھاسى:13.5
تەرجىماندىن
تۈرك تارىخى تەتقىقاتى ئۇزۇندىن بۇيان دۆلىتىمىز ئىچى ۋە سىرتىدا زور ئېتىبارغا ھەم تەسىرگە ئىگە بولۇپ كەلدى ، شۇنداقلا بۇ جەھەتتە نۇرغۇن نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى . ھالبۇكى ، ھازىرغا قەدەر تۈرك تارىخىغا ئائىت بىرەر ئۇيغۇرچە ئەسەر نەشر قىلىنمىغاچقا ، كىشىلەرنىڭ بۇ جەھەتتە بىلىدىغانلىرى تولىمۇ ئاز بولدى . مۇشۇنى كۆزدە تۇتۇپ مەزكۇر ئەسەر تۈرك تارىخىنى ئىخچام ھەم مەزمۇنلۇق يورۇتۇپ بېرەلەيدۇ دەپ قارالغانلىقتىن ، تۈرك تارىخىغا قىزىققۇچىلارنىڭ دەسلەپكى ئېھتىياجىنى قاندۇرسا ئەجەب ئەمەس دېگەن نىيەتتە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىندى :
1. ئەسەردىكى بەزىبىر تەرجىمە قىلىش بىھاجەت دەپ قارالغان جايلار قىسقارتىۋېتىلدى .
2. بەزى سۆز – جۈملىلەر ئۇيغۇرچە گرامماتىكىلىق باغلىنىش نۇقتىسىدىن مۇۋاپىق يوسۇندا ئۆزگەرتىلدى .
3.بەزى ئىسىم – ئاتالغۇلار مۇمكىنقەدەر توغرا تەرجىمىسىنى ئېلىش يۈزىسىدىن «خەنزۇچە – ئۇيغۇرچە تارىخىي ئاتالغۇلار لۇغىتى» ، «تارىخ ئاتالغۇلىرى تەرجىمە قوللانمىسى» ،«قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما» قاتارلىق ئەسەرلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردىن سېلىشتۇرۇلۇپ ، توغرا دەپ قارالغانلىرى ئېلىندى.
4. بەزى ئىسىم – ئاتالغۇلار ئۇيغۇرچىسى بولمىغانلىقتىن ، مەسئۇل مۇھەررىرنىڭ تەكلىپى بويىچە خەنزۇچە قەدىمكى ئوقۇلۇشىغا ئاساسەن ، ئۇيغۇر تىلىغا ماسلاشتۇرۇلۇپ ياسىلىپ ، كەينىگە «*» بەلگىسى قويۇلدى ۋە خەنزۇچىسى قوشۇپ قويۇلدى . ئەگەر بۇنىڭدىن كېيىنكى تەتقىقاتلاردا توغرا ئاتىلىشى بارلىققا كەلسە ، شۇ بويىچە ئېلىنغۇسى .
ئەسەردىكى ئىسىم – ئاتالغۇلارنى سېلىشتۇرۇپ بېكىتىشكە مەزكۇر ئەسەرنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى ئەركىن شېرىپ زۆرۈر ھەم قىممەتلىك ياردەملەرنى بەردى . بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يولداش ئەركىن شېرىپكە ئالاھىدە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن .
قەلبىمدە ئاجىز ، سەۋىيەم چەكلىك بولغانلىقتىن ، تەرجىمىدە بەزى سەۋەنلىكلەردىن خالىي بولالمىغان بولۇشۇم مۇمكىن ، كەڭ تەتقىقاتچىلارنىڭ زۆرۈر پىكىر – تەلەپلەرنى بېرىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.
2001-يىل ، سېنتەبىر