ياشلىق. ياشلىق. ياشلىق - [شېئىرلىرىم]
_べ Tag:ئىجادىيىتىم 2009年02月25日
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/35718738.html
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
ياشلىق. ياشلىق. ياشلىق
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
ساداقەتجان ھاجى
ياشلىق دىگەن ئەڭ ئېسىل چاغدۇر.
گۈزەللىككە تويۇنغان باغدۇر.
ئۆمۈرنىڭ شۇ ئېسىل چېغىدا،
قەلبىمىز گۈل، قەددىمىز تاغدۇر.
ياشلىق – چوغدۇر. چوغدۇر يۈرەكلەر.
چوغ يۈرەكتە ئوتلۇق تىلەكلەر.
ئۆمۈرنىڭ شۇ ئېسىل چېغىدا،
باغرىمىزدا سۆيگۈ چېچەكلەر.
ياشلىق – تۇغدۇر. بىزنى يېتەكلەر.
جاۋاھىرغا تولار ئېتەكلەر.
ئۆمۈرنىڭ شۇ ئېسىل چېغىدا،
ئايلىنىدۇ زەرگە كىپەكلەر.
ياشلىق – يولدۇر. يولدۇر داۋانلىق.
ياشلىق ئەمەس ھەرگىز نادانلىق.
ئۆمۈرنىڭ شۇ ئېسىل چېغىدا،
قىلىپ سالما ئەلگە يامانلىق.
ياشلىق – كۈيدۇر. كۈيدۇر جاراڭلىق.
ياشلىق ئەمەس ھەرگىز ساراڭلىق.
ئۆمۈرنىڭ شۇ ئېسىل چېغىدا،
بولغىن چوقۇم ئەلگە ياراملىق.
ياشلىق – قۇتتۇر. قۇتتۇر – ئاراملىق.
ياشلىق ئەمەس ھەرگىز قاراملىق.
ئۆمۈرنىڭ شۇ ئېسىل چېغىدا،
ئەل بەختىنى ئويلا داۋاملىق.
ياشلىق شۇنداق ئېسىل ۋاقتىمىز.
گۈل تېرىساق ئۈنگىدەك تاشقا.
ياش ۋاقتىدا تاپقان بەختىمىز،
ئۈندەر بىزنى ئويغاق ياشاشقا.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
(2000-يىل 10-ئاي. قەشقەر)
باشقا توربەتلەرگە كۆچۈرۈپ يوللىماڭ
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
收藏到:Del.icio.us