版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35524592.html

    ************************
    قەشقەر . قەشقەر . قەشقەر

    ************************


    ساداقەتجان ھاجى


    (1)

    باھار ۋەسلىگە ئاشىقتۇر گۈزەل بوستانىمىز قەشقەر.
    ياشارماق، ياشنىماق ئىستەر قەدىم ئاستانىمىز قەشقەر.
    ئۇلۇغ مەھمۇد، يۈسۈپ روھى يانار دىلدا بولۇپ مەشئەل،
    جاھاندا بىباھا بىزنىڭ بۈيۈك داستانىمىز قەشقەر.

    (2)

    ئەزىز قەشقەر  ۋەتەن باغرىدىكى دۇردانىدۇر دوستلار.
    دەۋر جەڭگاھىدا ئوغلانلىرى مەردانىدۇر دوستلار.
    ھايالىق قىزلىرى ئەل ئىشقىدا پەرۋانىدۇر دوستلار.
    شۇڭا قەشقەر جامالىغا جاھان مەستانىدۇر دوستلار.

    ساما قاينايدۇ ھېيتگاھتا، مۇقام ياڭرايدۇ ھەر ياندا.
    ناۋا ئەيلەيدۇ بۇلبۇللار گۈزەل ئارزۇدا – ئارماندا.
    يېتەرمۇ ۋەسلى دىلبەرگە ئەزىز قەشقەر بۇ دەۋراندا؟
    ئەزىز قەشقەر – ئەزىز ئەلنىڭ ئۇلۇغ داستانىدۇر دوستلار.

    (3)

    قۇچاقىڭ بىز ئۈچۈن  ئالتۇن بۆشۈكتۇر ئەي ئانام قەشقەر.
    قېنىپ مىھرىڭگە چوڭ بولدۇق تېپىپ سەندە ئارام قەشقەر.
    تۈمەن دەرياسىدا ئاقتى تۈمەن ئارزۇيىمىز بىزنىڭ،
    تۈمەن دىللارغا نۇر بەرگەن تۈمەن تاڭدىن سالام قەشقەر.
    كامال تاپ! ئىشقى بىداردىن ساڭا چىن ئىھتىرام قەشقەر.


    ★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★
    (2003 – يىل 4 – ئاينىڭ 22 – كۈنى. قەشقەر)
    («قەشقەر گېزىتى» 2003–يىللىق 30–سىنتەبېر سانى)

    بۇ شېئىرنى باشقا توربەتلەرگە كۆچۈرۈپ يوللاشقا بولمايدۇ
    ★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: