غوجامۇھەممەد غەزەللىرىگە مۇشائىرە - [شېئىرلىرىم]

    _べ Tag:ئىجادىيىتىم   2009年02月20日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35456393.html

    غوجامۇھەممەد غەزەللىرىگە مۇشائىرە


    (بۇ غەزەللەر غوجىمۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ «جان ئارا جانان ياتۇر ئايەت ئوقۇپ» دېگەن ماۋزۇدىكى غەزەللىرىدىن ئۈچ غەزەلگە مۇشائىرە)


    ساداقەتجان ھاجى



    خەنجەردە ئاھىم

    ئوقۇپ غەزەلنى ئۆرتەندى باغرىم
    كۆكسۈمگە پاتقان خەنجەردە ئاھىم
    تۈننىڭ كۆزىدە كۆيمەكتە زۇلمەت
    ئىزدەيدۇ ئاينى مەنزەردە ئاھىم
    ئون بەش تامچە قان قاننىڭ دەردىنى
    سۆزلەيدۇ قانغا مۇنبەردە ئاھىم
    قان بولۇپ تاشقان ئىدى خوتەندە
    قار بولۇپ ياغدى قەشقەردە ئاھىم
    ئىشقى بىدارنىڭ ئىشقى شېھىددۇر
    مەشۇقنى كۆرگەي مەھشەردە ئاھىم

    (2008-يىل 1-ئاينىڭ 27-كۈنى)
    ******************************


    ئاشىقى شازادىخان

    بەختىخاننىڭ بەختىنى قىلسام بايان
    ئالمىخان ئاھ ئۇردى كۆز ياشى قىيان
    سەيدىخان سايلاردا سەرسان قۇش ئىكەن
    روزىخان كۈندە تۇتۇپتۇ رامىزان
    قار ئىكەن قەمبەرنىسانىڭ قەبرىسى
    غەرق ئىكەن مۇڭ دەشتىگە مىراجىخان
    ئالمىخاننىڭ ئاھىنى ئاڭلاپ غوجام
    كەتتى مەشرەبتەك چىقىپ چۆللەر سايان
    ئىشقى بىدار ئاشىقى ئازادىخان
    ھۆرىخاننىڭ ھەسرىتى ئاندىن يامان.

    (2008-يىل 1-ئاينىڭ 28-كۈنى)
    ****************************


    خۇدا ياخشى

    بەندىگە ھەممىدىن خۇدا ياخشى
    خۇدا دەپ قىلسا جان پىدا ياخشى
    مەندەك سارايدىكى بىغەم بەگدىن
    غوجىدەك سايدىكى گادا ياخشى
    مەشرەبكە غاردىكى ئىبادەتتىن
    داردىكى مەنسۇردەك ساما ياخشى
    مىڭ پاتمان «ئىمان»دىن قىيامەتتە
    بىر قىتىم ئاھ دىگەن ناۋا ياخشى
    خۇدايا مەن ئىشقى بىدارىڭغا
    بىر تاغدىن بىر تامچە زىيا ياخشى

    (2008-يىل 1-ئاينىڭ 28-كۈنى)
    ******************************
    باشقا توربەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ
    ******************************


    ★★★★★★★★
    قوشۇمچە:
    ★★★★★★★★


    غوجامنىڭ غەزەللىرى


    (1)

    كەزسەم خوتەننى، قەشقەردە ئاھىم.
    ياش تۆكتى ئاقسۇ، مىڭ ئەردە ئاھىم.
    ئىزدەپ تىنچلىق بارسام ئىلىغا،
    قانىتى بوغۇق كەپتەردە ئاھىم.
    ئاتۇشقا چىقسام تاشلار يېرىلدى،
    جاندا بىلەنگەن شەمشەردە ئاھىم.
    تۇرپاندا قەبرە، بولدۇم ھازىدار،
    شائىرنى چاپقان خۇمپەردە ئاھىم.
    كەزدىم ۋەتەننى ئون بەش چۆرگىلەپ،
    ئون بەش تامچە قان مەھشەردە ئاھىم.

    (2)

    ئالمىخاننىڭ ئالمىسى بار، باغى يوق.
    لەيلىخاننىڭ گۈلى بار، گۈلزارى يوق.
    سايرىماڭلار غۇنچىخانغا تەلمۈرۈپ،
    ئېچىلىشقا بەھرى ئاپتاپ يازى يوق.
    تاڭغا يىغلاپ ئولتۇرىدۇ نۇرىخان،
    تۈندە كەلمەڭلار ئۇنىڭ چىراغى يوق.
    چىللىماڭلار ھۆرىخاننى بەزمىگە،
    ئاڭا ئاشىق يىگىتى-سەردارى يوق.
    تىڭشىماڭلار كۈيلىسە ئازادىخان،
    جان غېمىدىن كۆڭلىنىڭ ئارامى يوق.

    (8)

    سېغىن باش ئۇرغىلى خۇدا ياخشى.
    ئاڭا يەتكىلى ھەم گۇنا ياخشى.
    ۋەتەنسىز قالمايدۇ ئىتمۇ ئاخىرى ھەرگىز،
    تىللىما زىكرىگە ھەمدۇ-سانا ياخشى.
    گادايلىق تونىنى سال، دېدىڭ كىمگە؟
    بىراۋنىڭ تاجىدىن ئەسكى كۇلا ياخشى.
    قۇياشقا تەلمۈرۈپ ياتقان كېچەلەردىن،
    سەپەردە بولغىنىڭ جاندىن جۇدا ياخشى.
    غوجى جان ئايۋىنىدىن چىق قىلىپ ئىسيان،
    سايدىكى قارا تاشقىمۇ سادا ياخشى.

    ★★★★★★★★
    (مەنبە: «جان ئارا جانان ياتۇر ئايەت ئوقۇپ»
    ★★★★★★★★


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: