版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35193044.html

     

    گۈل كېلۇر


    ساداقەتجان ھاجى


    گۈل ئېچىلىپ گۈلىستاندا گۈل كەلدى يار. گۈل كېلۇر.
    زىمىستاندەك قەلبىمىزنى ئەيلەپ باھار گۈل كېلۇر.

    چۆللەر بولدى چىمەنزارەي، ئويناڭ خۇشال كۈلۈپ يارەي.
    بۇ زىمىندا بىزنىڭمۇ ھەم بەختىمىز بار. گۈل كېلۇر.

    نۇرلار ھەريان چېچىلار ھەم. نۇرغا تولدى كېچىلەر ھەم.
    نۇر قوينىدا غۇنچە – غۇنچە گۈل ئېچىلار. گۈل كېلۇر.

    سۇلار ئاقار شىر – شىر قىلىپ، كۆڭۈللەرگە ئارام بېرىپ.
    سۇغا قېنىپ بولدى زېمىن گۈل – لالىزار. گۈل كېلۇر.

    قۇشلار ئۇچار ناۋا قىلىپ، غەمكىن دىلغا داۋا قىلىپ.
    قۇشلار بىلەن بىللە ئۈچۈپ قاتار – قاتار گۈل كېلۇر.

    تاغ – دالانى بويلاپ كېلىپ، سۆيدى شامال ئويناپ كېلىپ،
    بەختىمىزگە تەبىئەتتىن پۈتۈپ تۇمار گۈل كېلۇر.

    تاغدا– باغدا، ئېگىز– پەستە، ئېچىلغانچە دەستە- دەستە،
    ۋىسالىغا زوق- ھەۋەستە قىلىپ خۇمار گۈل كېلۇر.

    ئىشقى بىدار يار- جانانلار، ئۈمىدلىك بول دوست- يارانلار.
    باغ بولىدۇ تاغ- داۋانلار. بىز ئىنتىزار گۈل كېلۇر.


    *************************************
    (1994- يىل 10- ئاينىڭ 8- كۈنى. قەشقەر)
    («قەشقەر گېزىتى» 1995- يىل 1- ئاينىڭ 7- كۈنى)

    باشقا توربەتلەرگە كۆچۈرۈپ يوللىماڭ
    *************************************


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: