版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/232478281.html

    نوشىرۋان يائۇشېفنىڭ ساياھىتى ھەققىدە


    ئوئىشى شىنئىچىرو (ياپونىيە)
    دوكتور ئۆمەرجان نۇرى تەرجىمىسى


    كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە ئەنگىلىيەلىك فورسىسنىڭ ئەلچىلەر ئۆمىكى، روسىيىنىڭ كۇروپاتكىن باشچىلىقىدىكى تەكشۈرۈش ئۆمىكى، ياۋروپا-ئامېرىكا ۋە ياپونىيەنىڭ ئېكسپېدىتسىيىچىلىرى، ساياھەتچىلەر تەڭرىتاغنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىغا كېلىپ يەرلىك ئۆرپ-ئادەتلەر ھەققىدە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان خەۋەرلەرنى ئېلان قىلدى. يات دىندىكى بۇ كىشىلەر بۇ يەردىكى ئەھۋاللارنى سوغۇققانلىق بىلەن كۆزەتكەن بولسىمۇ، ئەينى چاغدىكى ئىجتىمائىي ئەھۋاللارنى ئىگىلەشتە چەكلىمىلىكتىن خالىي بولالمىغان.
    بۇلاردىن سىرت روسىيە ۋە ئوسمان ئىمپېرىيەسىدىكى تۈرك زىيالىلىرى ئارىسىدىمۇ تەپسىلىي تەكشۈرۈش دوكلاتى يېزىپ قالدۇرغانلار بار. 1850-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا تەكشۈرۈشكە كەلگەن روسىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە كاپىتانى، قازاق شەرقشۇناس چوقان ۋەلىخانوف، 1914-يىلى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ «ئىتتىھات ۋە تەرەققىيات ھەيئىتى» قەشقەرگە ئەۋەتكەن ئۇسۇلى جەدىد ئارقىلىق پانتۈركىزم، پانئىسلامىزمنى تەشۋىق قىلغان، رودوس ئارىلىدا تۇغۇلغان ئەخمەت كامال① ھەم ئۇفادا تۇغۇلغان تاتار(ۋولگا تاتارلىرىدىن) مۇخبىر نوشىرۋان يائۇشېفلار شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
    بۇ كىشىلەر ئىسلام دۇنياسىدا زامانىۋى مەدەنىيەتنى بۇرۇنراق قوبۇل قىلغان رايونلاردىن كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ «قالاق» ئىسلام مۇھىتى ھەققىدىكى كۆزىتىشلىرىنىڭ كۆپ ھاللاردا بىر تەرەپلىمىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلماي بولمايدۇ. ياخشى يېرى شۇكى، ئۇلارمۇ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلاردىن بولغاچقا، يەرلىك خەلقتىن ئۇچۇر ئىگىلىشى ناھايىتى ئاسانغا چۈشكەن. ئۇلار جەمئىيەتنىڭ ئىچكى قاتلىمىغا سىڭىپ كىرەلىگەچكە، ئۇيغۇرلار ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتلىرىنى ئىشەنچلىك قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىيال دەپ قاراشقا بولىدۇ.
    يائۇشېف 1910-يىللارنىڭ بېشىدىن تارتىپ تاكى 1917-يىلى 11-ئايدا تاشكەنتتە بىقەرەل ۋاپات بولغانغىچە بولغان نەچچە يىل ئارىلىقتا روسىيە تەۋەلىكىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى ساياھەت قىلغاچ، روسىيىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قەرەللىك گېزىت-ژۇرناللىرىغا ماقالە، ساياھەت خاتىرىسى ئەۋەتىپ، ئەينى چاغدىكى تۈرك-تاتار جەمئىيىتىدە كەڭ تونۇلغان شەخس بولۇپ قالغان، ئەمما ئۇنىڭ ئۆتكۈر قەلىمىدە جانلانغان گېزىت-ژۇرناللار روسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن بولشېۋىكلار تەرىپىدىن «ئەكسىلئىنقىلابچى»، «بۇرژۇئا مىللەتچىلىرى» دېگەن بەتنام بىلەن تەقىپ قىلىنغان، كېيىن ھەتتا كىشىلەر قەلبىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن. بۇ ماقالىدە مەن ئىلىم ساھەسىدە ھازىرغىچە نوشىرۋاننىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ، دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ماقالىلەر ۋە ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن يېزىلغان بىر قىسىم ماقالىلەر ئارقىلىق نوشىرۋان يائۇشېفنىڭ ھاياتىنى تونۇشتۇرىمەن ھەمدە ئۇنىڭ «ئورتاق تۈرك تىلى» غا مۇناسىۋەتلىك بايانلىرىنى② تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە يەنە ئۇنىڭ ئالەمگە مەشھۇر ساياھىتى ھەققىدە توختىلىمەن.
    نوشىرۋان يائۇشېفنىڭ يازغانلىرى مېنىڭ تەتقىقات تېمام بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىغا، بولۇپمۇ ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك ناھايىتى قىممەتلىك ئۇچۇرلاردۇر، بۇلار گەرچە يائۇشېفنىڭ سەپەر كەچۈرمىشلىرى ھېسابلانسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدىن كېيىنكى تەتقىقاتنى سىلجىتىش ئەھمىيىتىگە ئىگە دەپ قارايمەن.

    1. ئوتتۇرا ئاسىياغا سەپەر

    يائۇشېف ئۇفا(ھازىرقى باشقۇردىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى) ۋىلايىتىنىڭ بەرىبەي ناھىيە، بوغادى يېزا، مىڭتال كەنتىدىكى ئوتۇن كۆمۈرى ساتىدىغان شىريەزدان ئەخمەت ئوغلى يائۇشېف ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. تۇغۇلغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس، 1880-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تۇغۇلغان بولسا كېرەك. مىڭتال كەنتى ئاقسۆڭەكلەر رايونى بولسىمۇ، يائۇشېفنىڭ ئائىلىسى ئانچە باياشات ئەمەس ئىدى. يائۇشېف سەككىز يېشىدىن 11 يېشىغىچە مىڭتال كەنتىدىن ئۈچ، تۆت كىلومېتىر كېلىدىغان ئۇرازايباش كەنتىدىكى ئاتاۋۇللا سادەتۇللا ئوغلى ئاچقان ئىپتىدائى مەكتەپ( قۇرئان كەرىم يادلاشنى ئاساس قىلىدىغان، مەسچىتلەرنىڭ ھوجرىلىرىدا ئېچىلغان باشلانغۇچ مەكتەپ)تە ئوقۇغاندىن كېيىن، 1907-يىلى شەيخۇللا شەربېكوف ئىسىملىك ئىمامدا ئوقۇغان. بۇ ئىمامنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى چاغدىكى يائۇشېف «ئۇچىسىغا كونىچە تىكىلگەن پەشمەت، پۇتىغا پايپاق بىلەن چورۇق كىيگەن كەمبەغەل كىيىمى» بىلەن بولۇپ، «بۇخاراغا بارايمۇ-تۈركىيىگىمۇ؟، ئاللا مەدەت بەرمىسە مېنىڭ خىراجەت قىلغۇدەك ھېچنىمەم يوق»، دەپ ئىمامدىن مەسلىھەت سورىغانىكەن. ئىمام ئۇنىڭغا ئورېنبورگدىكى ھۈسەينىيە مەدرىسىسىدە ئىلىم تەھسىل قىلىڭ، دەپ مەسلىھەت بەرگەن، بىراق، يائۇشېف ھۈسەينىيە مەدرىسىسىگە بارماستىن ئۇفادا ئېچىلغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان ئالىيە مەدرىسىىسىگە كىرگەن.
    ئالىيە مەدرىسىسى 1906-يىلى 10-ئايدا ئۇفا شەھەرلىك 3-مەسچىتنىڭ ئىمامى زېرىپ ئەپەندى، زىيائىدىن كامالى قاتارلىق بايلارنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىدە ئېچىلغان بولۇپ، مەكتەپتە ئىستانبۇل، قاھىرەلەردە تەلىم ئالغان مۇدەررىسلەر دىنىي ئىلىملەردىنلا ئەمەس، پېداگوگىكا، تارىخ، جۇغراپىيە، ماتىماتىكا، ئاسترونومىيە، ئالگېبرا، خىمىيە دەرسلىرىنى ئۆتەتتى، شۇڭا بۇ مەكتەپ ئەينى دەۋردە ھۈسەينىيە، قازاندىكى مۇھەممەدىيە مەدرىسىلىرى بىلەن باراۋەر مېڭىپ، يېڭىچە ئۇسۇلدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارغان مەكتەپ سانىلاتتى. مەكتەپ ئېچىلغاندا بىر ئالىي كۇرس بىلەن ئىككى تەييارلىق كۇرسى ئېچىلغان بولۇپ، جەمئىي 82 ئوقۇغۇچىسى بار ئىدى. كېيىنكى يىلى 10-ئايدا يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن پار، سۇ تۇرۇبىسى قاتارلىق ئەڭ ئىلغار ئەسلىھەلەر سەپلەنگەن ئۈچ قەۋەتلىك، كاھىشتا سېلىنغان مەكتەپ ياتىقى پۈتۈپ، يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەھرىمەن بولۇشىغا بېرىلگەن③. ئۇزۇن ئۆتمەي يائۇشېفمۇ بۇ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن. يائۇشېف ئالىيە مەدرىسىسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شاھادەتنامىنى كۆتۈرۈپ، ئاۋۋال ئۇفانىڭ جەنۇبىدىكى بىپايان كەتكەن قازاق يايلىقىغا كىرگەن، ئۇزۇن ئۆتمەي قازاق پەرزەنتلىرىنى ئاساس قىلغان مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا سەپىرىنى باشلىغان مەزگىلى ئېنىق بولمىسىمۇ، مۆلچەرلىشىمچە ئۇنىڭ «تۈركىستاننىڭ دېھقانچىلىقى» ناملىق تۇنجى خەۋىرى «ۋاقىت» گېزىتىنىڭ 1912-يىل 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان. شۇنىڭغا قارىغاندا ئۇ مۇشۇنىڭدىن سەل بۇرۇن ئوتتۇرا ئاسىياغا قەدەم باسقان. ئەينى چاغدا كۆپ سانلىق ئىلغار تاتار زىيالىيلىرى جەدىتچىلىك ھەرىكىتى بىلەن تۈرك مىللەتچىلىكىنىڭ تەسىرىگە كۈچلۈك ئۇچرىغان. 1884-يىلى قىرىم تاتارلىرىنىڭ مەرىپەتپەرۋەر مۇتەپەككۇرى ئىسمائىل غاسپىرالى رۇسلارنىڭ ئاسسىمىلاتسىيىلەشتۈرۈش سىياسىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئەنئەنىۋى ئىسلام جەمئىيىتىنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن يۇرتى باغچاسارايدا دىنىي دەرسلەرگە پەننىي دەرسلەرنى بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان باشلانغۇچ مەكتەپ ئاچقان. بۇ مەكتەپتە يولغا قويۇلغان يېڭىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى (ئۇسۇلى جەدىد) نى قوللىغۇچىلار جەدىتچىلىك ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، ئۆز تەسىرىنى روسىيە تەۋەسىگىلا ئەمەس، ئوسمان ئىمپېرىيىسى تەۋەلىكىدىكى تۈرك مۇسۇلمانلىرى ئارىسىغىمۇ تېز سۈرئەتتە كېڭەيتكەن. غاسپىرالى ئوتتۇرىغا قويغان بارلىق تۈركىي خەلقلەر چۈشىنەلەيدىغان «ئورتاق تۈركىي تىل» غايىسى جەدىتچىلەرنىڭ تۈركلۈك ئېڭىنى ئويغاتقان ④. يائۇشېفمۇ جەدىتچىلەرنىڭ بىرى،ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا سەپەر قىلىش ئىرادىسىمۇ تۈرك مىللەتچىلىكىنىڭ تەسىرىدىن خالىي ئەمەس ئىدى.
    «بىز ئۇلۇغلىغان تۈرك يەرلىرىنىڭ مۇكەممەل تارىخى يېزىلغانلىقى ئەزەلدىن مەلۇم ئەمەس، تاتار تارىخى، ئوسمانلى تارىخى، قىرىم، كاۋكاز تارىخى دېگەندەك ئايرىم ئاددىي تارىخلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئومۇمىي تارىخىغا ئائىت بىرمۇ كىتاب يوق»-دەپ زارلانغان يائۇشېف ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئومۇمىي تارىخى يەنى پۈتكۈل تۈركلەرنىڭ تارىخىنى يېزىپ چىقىشنى ئۆزىنىڭ تەتقىقات بۇرچى دەپ ھېسابلىغان. ئوتتۇرا ئاسىيانى ساياھەت قىلىش مەقسىدىمۇ زۆرۈر بولغان تارىخىي ماتېرىياللارنى يىغىش ھەم تارىخىي ئاسارە-ئەتىقىلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئىدى. يائۇشېف تۈركىستان گېنېرال گوبىرناتورلۇقى تۇرۇشلۇق تاشكەنت، تۆمۈرىيىلەر ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى سەمەرقەنت، شەرقتىكى ئەنئەنىۋى ئىسلام مائارىپى مەركىزى بۇخارا قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلغان. زىيارەت جەريانىدا سەمەرقەنتتە تۇرغان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولۇپ، كۈتۈپخانىلارنى ئارىلىغان، مەدرىسىلەرنىڭ مۇدەررىسلىرى ۋە تالىپلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق بىلىمىنى چوڭقۇرلاشتۇرغاچ، ئوتتۇرا ئاسىياغا دائىر تارىخىي ماتېرىياللاردا كۆپ قوللىنىلىدىغان تىل-پارس تىلىنى ئۆگىنىۋېلىشقا تىرىشقان. شۇنىڭدىن باشلاپ مۇخبىرلىق پائالىيىتىگىمۇ رەسمىي كىرىشكەن. بۇ دەل روسىيىگە قاراشلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نەشرىياتچىلىق پائالىيىتى تازا گۈللىنىۋاتقان مەزگىل ئىدى. سەمەرقەنتتە جەدىتچى ئۆلىما، جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى بولۇپ تونۇلغان مەھمۇد بەھبۇدى 1913-يىل 4-ئايدا «سەمەرقەنت» گېزىتى، يەنە 8-ئايدا «ئاينە» ژۇرنىلىنى چىقارغان. 1914-يىلى تاشكەنتتە «سادايى تۈركىستان» ژۇرنىلى بىلەن قوقاندا «سادايى پەرغانە» ژۇرنىلىنى نەشر قىلغان. يائۇشېف بۇ گېزىت-ژۇرناللارغا مەرىپەتپەرۋەرلىك روھىدىكى تۈرلۈك ماقالىلەرنى ئەۋەتكەن⑤. يائۇشېف يەنە «سەمەرقەنت» گېزىتى نەشر قىلىنىشنىڭ ئالدىدا مەھمۇد بەھبۇدى بىلەن كۆرۈشۈپ پىكىرلەشكەن. يائۇشېف زىيارەت خاتىرىسىنىڭ مەزمۇنىنى قازاندا چىقىدىغان «قۇياش» گېزىتىگە ئەۋەتىپ تۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن يائۇشېف «قۇياش» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە 20 پارچىغا يېقىن ماقالە يازغان. 1914-يىلى 4-ئايدا سەمەرقەنتتە زىيارەتتە بولغان بۇخارالىق بىر مۇدەررىسنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، يائۇشېف تاتار گېزىتلىرىنىڭ ئاۋانگارت مۇخبىرى، پانئىسلامىزمنى تەشۋىق قىلىش بىلەن نام چىقارغان ئابدۇلرەشىد ئىبراھىمنىڭ «ئالەمى ئىسلام»⑥ دېگەن كىتابىنىڭ تەسىرىگە قاتتىق ئۇچراپ، ئۆزىمۇ ئاشۇنداق بىر ئەھمىيەتلىك ساياھەت قىلىشنىڭ تەييارلىقىغا چۈشكەن. بۇ مۇدەررىس سەمەرقەنتتە يائۇشېفقا دۇنياغا ساياھەت قىلىشنىڭ تەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، «ئابدۇلرەشىد ئىبراھىمچە زىيارەت» قىلماي، ئۇيغۇرلار يۇرتىغا بېرىشقا نەسىھەت قىلغان.

    2. ئۇيغۇرلار يۇرتىغا سەپەر

    يائۇشېف 1914-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى سەھەردە پويىز بىلەن سەمەرقەنتتىن قوقانغا ئاتلانغان. قوقاندىن ئەۋەتىلگەن خەۋەرنىڭ ئەڭ ئاخىرىغا «قۇياش» گېزىتىنىڭ مۇخبىرلىقىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن قانداق مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتكەنلىكى ئېنىق بولمىسىمۇ، ئىلى ئارقىلىق جۇڭگو تەۋەلىكىگە كىرىپ، روزا ھېيتتا (1914-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە) تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شىخۇ بىلەن ماناسنىڭ ئارىلىقىدىكى كەنتلەردىن ئۆتۈپ، قۇربان ھېيتتا (1914-يىل 10-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە) كۇچاغا يېتىپ كەلگەن. 1915-يىلدىن باشلاپ ئورىنبورگدا نەشر قىلىنىۋاتقان «ۋاقىت» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن مۇخبىرلىق پائالىيىتىنى قايتا باشلىغان. «ۋاقىت» گېزىتى ئىدارىسىدىن ئايدا ئىككى سان چىقىدىغان «شۇرا» ژۇرنىلىدىمۇ ھەر ساندا دېگىدەك ماقالە ۋە سەپەر خاتىرىلىرىنى ئېلان قىلىپ تۇرغان. «ۋاقىت» گېزىتى بىلەن «شۇرا» ژۇرنىلى روسىيە تەۋەسىدىلا ئەمەس، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمۇ سۆيۈپ ئوقۇيدىغان، روسىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ ۋەكىللىك نەشر ئەپكارلىرى ئىدى. بۇنداق كۆپلىگەن خەۋەرلەرنى يېزىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن يائۇشېف ئالدىنقى قاتاردىكى مۇخبىر دەپ قارالغان. ئەمدى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ يائۇشېفنىڭ نەزەرىدە قانداق ئەكس ئەتتۈرۈلگىنىگە نەزەر سالايلى: ئۇ «تۈركلەرنىڭ يۇرتى» بولمىش ئوتتۇرا ئاسىياغا نىسبەتەن بىر خىل زوقلىنىش ھېسسىياتىدا بولغان. شۇڭا ئوتتۇرا ئاسىياغىلا ئەمەس، ئۇيغۇرلار رايونىغىمۇ شۇنداق مېھرى-مۇھەببەت بىلەن قارىغان. ئۇ كۇچاغا يېتىپ كەلگەندە «چىنى تۈركىستان تۈركلىرىگە رەھمەت ئېيتمىسام بولمايدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ تىل، ئۆرپ-ئادىتىگە زوقلىنىدىكەن، دورامچى ئەمەسكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلاردا تۈركىي تىل ۋە تۈرك ئادەتلىرى تولىمۇ ياخشى ساقلىنىۋېتىپتۇ»-دەپ بايان قىلغان. بىراق ئۇنىڭ ئەكسىچە يەنە قاششاق ئەنئەنىگە جاھىللىق بىلەن ئېسىلىۋېلىش ئەھۋالىنىمۇ كۆرگەن. كۆز ئالدىدىكى رېئاللىق يەنى جەنۇبتىكى ئالتە شەھەر دەپ ئاتىلىدىغان بوستانلىقلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ئۇنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرگەن. يائۇشېف جەمئىيەتتىكى قاششاقلىق، نادانلىقنىڭ ئەۋج ئېلىپ، نومۇسىنى سېتىش، قىمار ئويناش، مەيخورلۇق، سوپىلىق، شامانچە ئۆرپ-ئادەتلەرنى قاتتىق سۆككەن. بىراق ئۇ چېقىمچىلىق ۋە تۆھمەت زەربىسىگە ئۇچرىغانلىقتىن ئۇيغۇر جەمئىيىتى ھەققىدىكى ئاچچىق تەنقىتلىرىنى قايتا داۋاملاشتۇرالماي قالغان. ئۇ دىنىي ئىشلاردا پۈتۈنلەي تەرتىپسىز، قالايمىقانچىلىقتا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى «مەھكىمە شەرئى» قۇرۇپ ئىدارە قىلىش زۆرۈرلۈكىنى تىلغا ئالغان. بۇ خەۋەر ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ يۇرتى باغچا سارايدا تەسىس قىلىنغان «تەرجۇمان» گېزىتى (1915-يىل 5-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى سانى)نىڭ بىرىنچى بېتىگە بېسىلغان. بۇنىڭدىن بۇ خەۋەرنىڭ تاتار زىيالىيلىرى ئىچىدە يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلاردا بۇنىڭغا قارىتا ھېچقانداق ئىنكاس بولمىغان. ئۇ يەنە بىر جەدىتچى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن باشلانغۇچ مائارىپنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىپ يەتكەچكە، كۇچا ئۇيغۇرلىرىغىمۇ يېڭىچە مائارىپنىڭ ئەھمىيىتىنى كۈچەپ چۈشەندۈرۈپ، ئەمەلىي مىسال تەرىقىسىدە، ئۆزى شەخسەن 40-50 بالىنى يىغىپ مەكتەپ ئاچقان، قەلەم-قەغەزلەرنى ھەقسىز تارقىتىپ بەرگەن. ئوقۇتۇش بىرەر ئاي داۋاملاشقاندىن كېيىن، بىر قىسىم ئات-ئانىلار خەنزۇ تىلىنى ئۆگەنسۇن، دېگەن باھانە بىلەن بالىلىرىنى مەكتەپتىن چىقىرىۋالغان بولسىمۇ، قېلىپ قالغان بەش-ئالتە ياشلىق بالىلار «تۈركىي تىلى» ئۆگىنىپ تەلەپپۇز ۋە ئىملا قائىدىسى بويىچە خەت يېزىشنى ئۆگەنگەن. بىراق نوشىرۋان يائۇشېفنىڭ قىسقا ۋاقىتتا ئازغىنە ئوقۇغۇچى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگىدەك نەتىجە قازىنالمىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ.
    1915-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى كۇچادىن ئاتلىق يولغا چىققان يائۇشېف تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىنى بويلاپ غەربكە قاراپ مېڭىپ ئاقسۇ، مارالبېشى، پەيزاۋاتلاردىن ئۆتۈپ، 4-ئاينىڭ 28-كۈنى قەشقەرگە يېتىپ كەلگەن. ئۇ يەردە ئەسلى ساياھەتنىڭ مەقسىدى بولمىش تارىخىي ماتېرىياللارنى يىغىش، بولۇپمۇ «تارىخىي رەشىدى» نىڭ قوليازمىسىنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن بىر مەزگىل تۇرغان بولسىمۇ، ساقلىنىۋاتقان تارىخىي كىتابلارنىڭ كۆپىنچىسى پۈتۈنلەي دېگۈدەك «خۇراپىيلىق ۋە توقۇلمىلار بىلەن تولغان خوجا-ئىشانلار تەزكىرىلىرى» بولغاچقا، يائۇشېف ئۈچۈن ناھايىتى ئەھمىيەتسىز كىتابلار بولۇپ چىققان.
    قەشقەردە يېڭىچە مائارىپنىڭ ئاۋانگارتى بولمىش ئىلغار پىكىرلىك ئۆلىما ئابدۇقادىر داموللا بىلەن مۇڭداشقان پۇرسەتتە «ساپ تۈرك تىلى» دا يېزىلغان «قۇتادغۇبىلىك» قوليازمىسىنىڭ ئىنگلىز سەيياھلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئاڭلىغان يائوشېف ناھايىتى بىئارام بولغان. قەشقەردىكى ئىسلام ئېتىقادى ئەھۋالى ھەققىدىمۇ كۇچادىكىگە ئوخشاش ھېسسىياتتا بولۇپ، كۆڭلى قاتتىق غەش بولغان. بىراق، قەشقەردە ئىسلاھات سىناق قىلىنغان. 1907-يىلى ئابدۇقادىر داموللام قەشقەردە تۇنجى يېڭىچە مەكتەپ ئاچقان بولسىمۇ، ئاران ئىككى، ئۈچ يىلچە داۋاملاشقان. 1914-يىلى ئۈستۈن ئاتۇشتا، مۇسابايېفلارنىڭ ياردىمىدە ئەخمەت كامال «دارىلمۇئەللىمىن ئىتتىھاد» نى قۇرۇپ، يېڭىچە مائارىپ ئۇسۇلى بويىچە تەلىم-تەربىيىنى باشلىغان. يائۇشېف قەشقەرنى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە، بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار قەشقەردە ئىككى ئورۇندا باشلانغۇچ مەكتەپ ئېچىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقانىكەن. ئۇ قەشقەردىكى ئۆزگىرىشلەردىن مەمنۇن بولۇپ: «بۇلتۇر يېڭىچە مائارىپنى چەكلەپ، جەدىتچىلەرنى <كافىر> دەپ ئاتىغان قەشقەرنىڭ داموللىلىرى بۇ يىل ھەممىسى ئۆزگىرىپتۇ، يېڭىچە مائارىپقا قارشى تۇرغۇچىلارمۇ بۇنداق قالتىس نەتىجىلەرنى كۆرۈپ ئۆز ياردەملىرىنى ئايىماپتۇ»⑦ دەپ يازىدۇ.
    1915-يىل 8-ئاينىڭ 14-كۈنى قەشقەردىن ئاتلانغان يائۇشېف يېڭىسار، قىزىل، ئاقراباتتىن ئۆتۈپ 19-كۈنى يەكەنگە يېتىپ كەلگەن، يەكەندە بىر ئايدىن ئارتۇقراق تۇرغان. 9-ئاينىڭ 16-كۈنى يەنە ئاتلىنىپ قاغىلىق، گۇمىلاردىن ئۆتۈپ 10-ئاينىڭ 6-كۈنى خوتەنگە يېتىپ كەلگەن. ئۇ ئۇزۇندىن بېرى خىيال قىلىپ كەلگەن تارىخىي ماتېرىياللارنى قولغا چۈشۈرەلمىگەن، خوتەندە قاراقاشلىق ئەيسا قازى دېگەن كىشىدىن ئارىيەت ئالغان كىتابلار ئىچىدە ئەركەبەگ خاننىڭ تەشەببۇسى بىلەن شاھ مەھمۇت بىننى مىرزا فازىل چۇراس يازغان بىر تارىخىي ئەسەر بار ئېدى. يائۇشېف بۇ ئەسەرنى تاتارچىغا تەرجىمە قىلىپ «شۇرا» ژۇرنىلىدا «ئالتە شەھەر تارىخىدىن پارچە» دېگەن تېمىدا ئېلان قىلىدۇ. يەنە ئەينى چاغدا خوتەندىمۇ يېڭىچە مەكتەپلەر تېمىسىدا پاراڭلار بولۇۋاتقان بولۇپ، بىر يىلنىڭ ئالدىدا خوتەندە ئېچىلغان يېڭىچە مەكتەپ مەبلەغ يېتىشمىگەنلىكى ئۈچۈن تاقىلىپ قېلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان، قەشقەردىن كەلگەن مۇھەممەد ئىبنى ئىنايىتۇللا 11-ئاينىڭ 2-كۈنى خوتەندىكى تەسىرى زور كىشىلەرنى يىغىپ، ئۇلارغا يېڭىچە مائارىپنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنى مەكتەپنى داۋاملاشتۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلغان. شۇ مەزگىلدىكى «ۋاقىت» گېزىتى بىلەن «شۇرا» ژۇرنىلىدىكى خەۋەرلەردىن قارىغاندا، يائۇشېفنىڭ نامى ئۇيغۇرلارغا تونۇلغان دەپ قىياس قىلىشقا بولىدۇ. ئۇ 11-ئاينىڭ 6-كۈنى خوتەندىن يولغا چىقىپ 9-كۈنى كېرىيىگە يېتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭ سەپەردىشى بولغان كېرىيىلىك سودىگەر قاسىم ھاجى قارشى ئالغان، ئۇ قاسىم ھاجىنىڭ ئوغلى تۇرسۇن ئاخۇنغا 11-ئاينىڭ 20-كۈنى مەكتەپ ئاچقۇزغان، ئۆزى يېڭىچە مەكتەپنىڭ ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئىككى، ئۈچ ئاي ئون نەچچە ئوقۇغۇچىغا «تۈركىي تىل»دا ئوقۇپ، يېزىشنى ئۆگەتكەن.
    1916-يىلى بىر يىلنى خوتەن بىلەن كېرىيىدە ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئەسلى كەلگەن يولى بىلەن 1917-يىلنىڭ بېشىدا قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن، ھەمدە سەپەر تەييارلىقى پۈتسىلا يەنە تىبەت ئارقىلىق ھىندىستانغىچە بېرىپ ساياھەت قىلىش ئويىدا بولغان. بىراق، قەشقەرگە تۇيۇقسىز روسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاغدۇرۇلۇپ، فېۋرال ئىنقىلابىنىڭ غەلىبە قىلغانلىق خەۋىرى يېتىپ كەلگەن. ئۇ قەشقەردە كۆرگەن «ۋاقىت» گېزىتىگە ئىنقىلابتىن كېيىنكى روسىيە ۋەزىيىتى خەۋەر قىلىنغانىدى. ئوتتۇرا ئاسىيادا گېنېرال گوبىرناتورنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىگە بولغان مۇستەبىتلىكى يوقىلىش بىلەن بىرگە نۇرغۇن سىياسىي، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار قۇرۇلغان، يېڭىدىن گېزىت-ژۇرناللار نەشر قىلىنغانىدى. 3-ئايغا كەلگەندە، جەدىتچىلەرنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان «شۇرائى ئىسلام» دېگەن ئاپتونومىيە تەشكىلاتىمۇ قۇرۇلغانىدى⑧. يائۇشېف سەپەرنى بىردىن توختىتىپ، يۇرتى روسىيىدىكى «ئىنقىلاب ۋە ئەركىنلىك» نى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن، 4-ئايدا قەشقەردىن يولغا چىقىپ روسىيە تەۋەسىگە كىرگەن. ئوش، ئەنجان، قوقانلاردىن ئۆتۈپ، 5-ئاينىڭ 3-كۈنى تاشكەنتكە يېتىپ كەلگە.ن
    بىراق، شىنجاڭغا سەپەر قىلىپ قايتىپ كەلگەن يائۇشېفقا تاشكەنتتىكى تاتارلار سوغۇق مۇئامىلىدە بولغان. «شۇرائى ئىسلام»مۇ يولباشچىلارنىڭ يېتىشمەسلىكى، مۇتەئەسسىپلەر بىلەن سۈركىلىش قاتارلىق نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار ئىچىدە تۇرغاچقا، پائالىيىتىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس ئېدى. يائۇشېف ئۇلارغا بولغان ئۈمىدسىزلىكىنى يوشۇرالمىغان. شۇڭا ئۇ تاشكەنتتىن تېزلا ئايرىلىپ سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ تەييارلىقىدا بولغان. ئەپسۇس، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى يائۇشېف تاشكەنتتە بىقەرەل 30 يېشىدا ۋاپات بولغان، ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپات بولغانلىق مۇسىبەت خەۋىرى تارقالغاندا «شۇرا» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى رىزائىددىن ئىبنى پەخىردىن يائۇشېفنىڭ تالانتىغا ئېچىنىپ: «ئۇنىڭ خەۋەرلىرى ۋە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى سەپەر خاتىرىسى شەكلىدە رەتلەپ نەشر قىلىپ تارقىتىش زۆرۈر، ئەگەر ئۇنىڭ ئاغىنە-بۇرادەرلىرى، زامانداشلىرى ئۇنىڭ پۈتۈن ئەسەرلىرىنى يىغىپ نەشر قىلسا قالتىس ئىش بولاتتى-»دەپ چاقىرىق قىلغان، بىراق، ئىنقىلابتىن كېيىنكى ۋەزىيەت شۇنداق قىلىشقا يار بەرمىگەن.

    3. خاتىمە ئورنىدا

    يائۇشېف پائالىيەت ئېلىپ بارغان 1910-يىللار روسىيە ۋە ئوسمان ئىمپېرىيىسىدىكى تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدىلا ئەمەس، تەڭرىتاغنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىمۇ جەدىتچىلىك ھەرىكىتى تازا جانلانغان مەزگىللەر ئېدى. يائۇشېف كۇچا بىلەن كېرىيىدە ئۆزى يېڭىچە مەكتەپ ئېچىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتىن سىرت قەشقەر، خوتەنلەردە يەرلىك جەدىتچىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ پائالىيىتىنى گېزىت-ژۇرنال يۈزىدە ماختىغانلىقىغا قارىغاندا، ئۇ جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ئومۇملىشىشىغا تۆھپە قوشقان. بۇ ماقالىدا ئۇنىڭ پائالىيىتىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە ئەمەلىي پاكىتلار كۆرسىتىلمىگەن بولساممۇ، تۆۋەندىكى بىرقانچە ئېھتىماللىقنى ئەسلەتمە قىلىپ ماقالەمنى ئاخىرلاشتۇرماقچىمەن. قەشقەردىكى مۇتەئەسسىپ دىنىي كۈچلەر جەدىتچىلەر بىلەن دۈشمەنلەشكەن، بۇ خىل قارشىلىشىش ئاقىۋەتتە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ جەدىتچىلەرنى باستۇرۇشىغا سەۋەب بولغان. شۇڭا جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ قىيىنلىقى ھەمدە جۇڭگودا ئىسلاھات ۋە مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەن كىشىلەر تازا جانلىنىۋاتقان مىللەتچىلىك ھەرىكىتىگە يۈزلەنگەن. بۇ ھەرىكەت 1933-يىلى قەشقەردە تىكلەنگەن «ش ت » بىلەن نەتىجىلەنگەن. قەشقەردىكى جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىلىرىنىڭ بىرى بولغان، 1920-يىللاردا ئۆزبېكستاندا مۇھاجىر بولۇپ يۈرگەن ھاجى ئەلى «ۋاقىت» گېزىتىگە ئەۋەتكەن ماقالىسىدا : «ئۆتمۈشتە ئىلىم ۋە مەدەنىيەتنىڭ مەركىزى بولغان ئانا يۇرتۇم نۇرسىز، يولسىز، سۇسىز قېلىپ خارابلىشىۋاتىدۇ»-دەپ يۇرتىدىكى جاھالەتتىن زارلىغان⑨. ئۇ «ۋاقىت» گېزىتىگە ماقالە ئەۋەتكەن⑩ئىكەن، ئەلۋەتتە يائۇشېفنىڭ خەۋەرلىرىنىمۇ كۆرگەن بولسا كېرەك. يائۇشېفنىڭ خەۋەرلىرىدە ئىشلىتىلگەن روسىيە تۈركلىرىنىڭ نەشرى ئەپكارىدا قوللىنىلغان جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم ۋە مىللەت ناملىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆزلۈكىنى شەكىللەندۈرۈشكە قانداق تەسىر كۆرسەتكەن؟ دېگەن مەسىلىگە كەلسەك: غەربلىكلەرنىڭ ماقالىلىرىدىكى " ش ت" دېگەن سۆز جۇغراپىيىۋى ئۇقۇم سۈپىتىدە قوللىنىلغان، بۇ ئاتالغۇ ئۇيغۇرلارغا سىرتتىن كىرىپ سىڭگەن، ئەمما بۇ ئاتالغۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىغا سىڭىشى «شەرقىي تۈركستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئىش(11). بۇ ئاتالغۇ پەقەت تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى جايلارنى كۆرسەتكەن، ھازىر ئۇيغۇرلاردىكى «ئالتە شەھەر» دېگەن ئۇقۇم بەزىدە «يەتتە شەھەر»، «سەككىز شەھەر» دېگەن ئۇقۇملارغا ئالمىشىپ تۇرىدۇ. مەزكۇر بوستانلىق شەھەرلىرى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇدەك چوڭ شەھەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالسىمۇ، ئۇچتۇرپان، يېڭىساردەك كىچىك شەھەرلەرنى چوقۇم ئۆز ئىچىگە ئېلىش-ئالماسلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولمايدۇ. ئابدۇقادىر داموللا 1915-يىلى «شۇرا» ژۇرنىلىغا ئەۋەتكەن ماقالىسىدا : «بىزنىڭ قوشنىلىرىمىز، شەرقتە ئاقسۇلۇقلار، خىتايلار، شىمالدا قىرغىزلار، جەنۇبتا تىبەتلەر، غەربتە بۇرۇندىن باشلاپ بىزلەرگە ئۇستاز بولۇپ، دىن ۋە مەدەنىيەت ئۆگەتكەن پەرغانە ۋە بىزنىڭ ئەڭ مۇقەددەس مەدەنىيەتگاھىمىز بۇخارائى شېرىپدۇر»-(12) دەپ بايان قىلغان، قەشقەردە تۇغۇلغان ئابدۇقادىر داموللا ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئوخشاشلا «ئالتە شەھەر» نىڭ بىرى بولغان ئاقسۇ ئاھالىسى «قوشنا» لىقنىڭ نېرىسىغا ئۆتەلمىگەن. بەلكىم ئەينى چاغدىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا «ئالتە شەھەر»، «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن ئاتالغۇلار ئۇلار ياشاۋاتقان بوستانلىقلار دائىرىسىدىن كەڭرەك جۇغراپىيىۋى ئۇقۇم مەنىسىنى بېرەلمىگەن. بىراق، كېيىنچە ئۇلار «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن ئۇقۇمنى ئاكتىپلىق بىلەن قوبۇل قىلغان يائۇشېف «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن سۆزنى ئانچە ئىشلەتمىگەن. كۆپ ئورۇندا «چىنى تۈركىستان» يەنى «جۇڭگو تەۋەلىكىدىكى تۈركىستان» دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلەتكەن، ئۇ يازغان ماقالىلەرنى ئوقۇغان يەرلىك ئۇيغۇرلار بۇ يات ئاتالغۇنى غەلىتىلىك ھېس قىلغان بولسىمۇ، ئىشقىلىپ ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان زېمىننىڭ «چىنى تۈركىستان»، «ش ت»، «تۈركىستان» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئاتىلىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسا كېرەك. ئاشۇ جۇغراپىيىۋى ئۇقۇم دائىرىسىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى قوللاپ شۇنداق ئاتىغاندىمۇ، ئۇلاردا شۇنىڭغا مۇناسىپ جۇغراپىيىۋى ئۇقۇمنىڭ بولماسلىقى ۋە نىمە ئۈچۈن « ش ت » ئاتالغۇسىنى دۆلەت نامى سۈپىتىدە ئىشلەتكەنلىكىنى ھەرقانچە قىلىپمۇ چۈشەنگىلى بولمايدۇ. ھازىر بۇ ئاتالغۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىغا ئۆزلىشىش جەريانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنىڭ يېقىنقى، ھازىرقى زامان تارىخى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكىتىنى چىقىش قىلىپ ئويلاش مۇھىم تېما.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    نەقىللەر مەنبەسى:
    ① ساۋادا مىنورونىڭ چوقان ۋەلىخانوفنىڭ تەكشۈرۈش سەپىرىنىڭ جەريانى تونۇشتۇرۇپ يازغان «يەتتە سۇدىن قەشقەرگىچە» دېگەن ماقالىسى ( تاكى زاۋاياما ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يىللىق ئىلمىي ژۇرنىلى، ئومۇمىي 41-سان) بىلەن ئەخمەت كامال ھەبىبزادىنىڭ پائالىيىتى ھەققىدە ئوئىشىنىڭ «قەشقەردىكى جەدىتچىلىك ھەرىكىتى-مۇساباي جەمەتى ۋە يېڭىچە مائارىپ» دېگەن ماقالىسىغا قاراڭ.
    ② سېرگېي زېنكوۋىسكى: «روسىيىدىكى پانتۈركىزم ۋە پانئىسلامىزم»، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى 1967-يىلى ئىنگلىزچە نەشرى، 114-، 115-بەتلەر؛ ئېدۋارد ئالۋورس: «قىرىم تاتارلىرىنىڭ ھاياتلىق كۈرىشى».
    ③ ئالىيە مەدرىسىسىنى پۈتتۈرگەن كۆپ سانلىق ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچى بولۇپ، قازاقىستان، ئوتتۇرا ئاسىياغا ئەۋەتىلگەن. يائۇشېف ئوتتۇرا ئاسىيانى ساياھەت قىلغان چاغدا بىرقانچە شەھەردە تەلىم-تەربىيە پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان، ئۈرۈمچىدىكى تاتارلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن تەرتىپ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقان زىننەتۇللاھ ئەپەندى جىگىتبايمۇ ئالىيە مەدرىسىسىنى پۈتتۈرگەن.
    ④ كوماسى ھىروئو: «ئىنقىلابىي ئوتتۇرا ئاسىيا-جەدىتچىنىڭ پورتىرېتى»، توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1996-يىل نەشرى،56-59-بەتلەر.
    ⑤ بۇلار روسىيە تەۋەلىكىدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ نەشر ئەپكارى بولۇپ، مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن «ئاينە»دۇر. «ئاينە»دىكى ماقالىلاردا يائۇشېفنىڭ ئىسمى ئېنىق يېزىلمىغان،پەقەت «ي.ن»دېگەن ئىككىلا ھەرب يېزىلغان، بىراق «ن» ھەرپىنىڭ ئالدىغا «سەيياھ» سۆزى قوشۇلغانلىقى ھەمدە ماقالىنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا يائۇشېف ئىكەنلىكىنى ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.
    ⑥ ئابدۇرەشىد ئىبراھىم 1907-يىلنىڭ ئاخىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ساياھىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 1908-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرى قايتا قازاندىن يولغا چىقىپ سىبىرىيە، موڭغۇلىيە، مانجۇرىيە، ياپونىيە، كورىيە، جۇڭگو، سىنگاپور، ھىندىنوزىيە، ھىندىستان، ئەرەب يېرىم ئارىلىغىچە ساياھەت قىلغان. بۇ ھەقتە ئابدۇلرەشىد ئىبراھىمنىڭ يازغان «ئالەمى ئىسلام-روسىيە تۈركلىرىنىڭ نەزەرىدىكى ياپونىيىنىڭ مېيجى دەۋرى» دېگەن كىتابنىڭ ياپونچە تەرجىمىسىگە قاراڭ.
    ⑦ بۇ كىتابنى ئاكىمۇشكىن پارسچە تېكستى بىلەن رۇسچە تەرجىمىسىنى قوشۇپ ئىزاھ يېزىپ نەشر قىلدۇرغان. ئۇ پايدىلانغان ئەسلى كىتابنى ۋ.ۋ.بارتولد 1916-يىلى تاشكەنتتە باقىجانباي دېگەن كىشى ساقلىغان كىتابلار ئارىسىدىمۇ ئۇچراتقان، ئەجەپلىنەرلىكى ئوخشاش ۋاقىتتا يائۇشېفمۇ يەنە بىر قوليازمىنى تاپقان.
    ⑧ كوماسىنىڭ كىتابى 123-125-بەتلەر.
    ⑨ ئوئىشىنىڭ ماقالىسى 17-بەت.
    ⑩ ھاجى مۇھەممەد نەۋرۇز ھاجى ئوغلى «قەشغەر»، ۋاقىت گېزىتى، 1914-يىل، 11-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى سانى.
    (11) داموللا ئابدۇقادىر: «بايانى ھەقىقەت»، «شۇرا» ژۇرنىلى، ئورىنبۇرگ، 1915-يىل، 12-ئاينىڭ 1-كۇنى نەشرى،23-سان.
    (12) ۋاڭ كې: «تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى ھەققىدە تەتقىقات»، توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى،1995-يىلى ياپونچە نەشرى،8-بەت.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://www.shewqiy.com/thread-328-1-1.html
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: