版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/147277603.html

    سۇدان نېمە ئۈچۈن پارچىلاندى؟


    پارچىلىنىپ كەتكەن باشقا ئەللەرگە ئوخشاش، سۇداننىڭ پارچىلىنىپ كېتىشى بىرمۇنچە ئېزىتقۇ نەزىرىيە، رېئال ۋە سىياسىي سەۋەبلەردىن بولغان.
    سۇداننىڭ جەنۇبىدا ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش نەتىجىسى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى «تونۇردىن چىقتى». ٪99 تىن ئارتۇق ئاۋاز بەرگۈچى جەنۇبىي سۇداننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن. جەنۇبىي سۇداننىڭ مۇستەقىل بولۇشى قىل سىغمايدىغان دەرىجىگە يەتتى. ( بۇ ماقالە ئىلگىرى يېزىلغان. جەنۇبىي سۇدان 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلىدى- تەرجىماننىڭ ئىزاھاتى). كۈزەتكۈچىلەر: ئافرېقا قىتئەسىدىكى زېمىنى ئەڭ چوڭ بولغان دۆلەت سۇداننىڭ ئىككىگە پارچىلىنىشى سۇدان دۆلىتىنىڭ يەر سىياسەتچىلىكىنىڭ تراگېدىيىسى، شۇنداقلا دۇنيا يەر سىياسىيتېررىتورىيەسىنىڭ پارچىلىنىش يۈزلىنىشىنىڭ يېڭى كارتىنىسى دېيىشمەكتە.
    ئۆتكەن ئەسىردە 1-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياقلاشقاندا، دۇنيادا 30 نەچچە دۆلەت بار ئىدى. 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياقلاشقاندا، دۇنيادىكى دۆلەت سانى 50 دىن ئاشتى. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىدە يەنە يېڭىدىن 100 نەچچە دۆلەت كۆپەيدى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى، شەرقىي ياۋرۇپانىڭ پارچىلىنىشى بىلەن، 20دىن ئارتۇق يېڭى دۆلەت كۆپىيىپ، دۆلەت سانى 200گە يېقىنلاشتى. 2011-يىلى سۇداننىڭ پارچىلىنىشى بىلەن بۇ يۈزلىنىش يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاندى.
    2008-يىلىدىكى كوسوۋو ئەندىزىسىگە ئوخشاش، غەرپتىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بېسىمى ئاستىدا، جەنۇبىي سۇدان ۋە شىمالىي سۇدان 2005-يىلى ئومۇمىيۈزلۈك تېنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلدى. مەركىزىي ھۆكۈمەت جەنۇبلۇقلارنىڭ ئالتە يىلدىن كېيىن ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش بىلەن مۇستەقىل بولۇش-بولماسلىقنى ئۆزى قارار قىلىشىغا قوشۇلۇشقا مەجبۇر بولدى. كەڭ دائىرىدىن قارايدىغان بولساق، دۇنيادىكى ٪90 تىن كۆپرەك دۆلەت كۆپ مىللەتلىك دۆلەتلەردۇر. مىللەت مەسىلىسى سەۋەبىدىن دۆلەتنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشى ۋەزىيىتى ھازىرغىچە پەسەيگىنى يوق. ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق مۇستەقىللىققا ئېرىشىشىتىن ئىبارەت سۇدان ئەندىزىسى بۆلگۈنچىلىك تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈن خەتەرلىك ئۆرنەك ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل پارچىلىنىش ئەندىزىسى كېڭىيىپ كەتسە، يەر سىياسىيتېررىتورىيەسىنىڭ پارچىلىنىش يۈزلىنىشى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.
    بىر مۇنچە كۈزەتكۈچى ئەربابلار سۇداننىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىنى ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سەۋەبلەردىن يەنى ئىرق، دىن مسىلىسىنىڭ مۇرەككەپلىكى، جەنۇب بىلەن شىمال تەرەپ ھۆكۈمىتىنىڭ تىلى بىر، دىلى باشقا بولغانلىقى، مەزكىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىدارسىزلىقى قاتارلىقلاردىن كۆرۈشتى. بۇ ئامىللارنىڭ تەسىرى بولغانلىقى راست، لېكىن، چوڭقۇر قاتلامدىن قارىغاندا، پارچىلىنىپ كەتكەن باشقا ئەللەرگە ئوخشاش، سۇداننىڭ پارچىلىنىپ كېتىشى بىرمۇنچە ئېزىتقۇ نەزىرىيە، رېئال ۋە سىياسىي سەۋەبلەردىن بولغان.
    بىرىنچى، مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش نەزىرىيىسىنىڭ ئېزىقتۇرۇشى. ئاتالمىش «مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىشى» دېگەنلىك، بىر مىللەتنىڭ يات مىللەت كوللېكتىپىدىن ئايرىلىپ دۆلەتنى پارچىلىشى، مۇستەقىل بولغان مىللىي دۆلەت بولۇشى، ھەرقانداق مىللەت ئۆزىگە كىمنىڭ ۋەكىللىك قىلىشىنى ۋە ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنى قارار قىلىشقا ھوقۇقلۇق، دېگەنلىكتۇر. ئۇنىڭ مۇنداق ئىككى نەزىرىيە مەنبەسى بار: بىرى، ياۋرۇپادا پەيدا بولغان «قەۋم ئەۋلادىنىڭ مىللىي مەسلەك» نەزىرىيىسى. 18-ئەسىردىكى ئامېرىكا مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ۋە فرانسىيە ئىنقىلابى ئۇنىڭ تىپىك ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ. 1-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ۋىلسون «14 تۈلۈك پىلان»دا مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش پىرىنىسىپىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان. ئىككىنچىسى، لېنىن رەھبەرلىكىدىكى بولشىۋىكلەر چارپادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشىلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن، چېگرا ئىچىدىكى مىللەتلەرگە مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى بەرگەن.
    2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى خەلقئارا قانۇنلارنىڭ مۇھىم پىرىنسىپلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى. شۇ سەۋەبتىن، مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش نامىدىن پايدىلىنىپ دۆلەتنى پارچىلاش كۆپ مىللەتلىك دۆلەتلەر تاقابىل تۇرۇش ئەڭ قىيىن بولغان، شۇنداقلا نەزىرىيە جەھەتتە ئەڭ تىڭىرقاپ قالغان ئىش ھېسابلىنىدۇ.
    تارىخىي مەنبەسىدىن قارىغاندا، بىر مىللەت بىر دۆلەت بولۇش ئەندىزىسى ئەڭ دەسلەپ غەربىي ياۋرۇپادىن باشلانغان. 3-ئەسىردە رىم ئىمپىرىيىسى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ياۋرۇپادا كىچىك دۆلەتلەر كۆپىيىتپ كەتكەن. بۇ خىل پەۋقۇلئاددە يەر سىياسىيتېررىتورىيەسىدە مىللەتلەر كۆپەيگەن ۋە كۈچەيگەن. بىر مىللەت بىر دۆلەت بولۇشتىن ئىبارەت مىللىي مەسلەك مانا شۇنداق پارچە-پارچە سىياسىيتېررىتورىيەدە ئۆسۈپ چىققان ئەپيۈنگۈلگە ئوخشايدۇ. يېقىنقى زاماندا، ياۋرۇپا گىنى بولغان بۇ خىل مىللەت نەزىرىيىسى بارچە كىسەلنىڭ شىپالىق دورىسى سۈپىتىدە شەرق ئەللىرىگە ئېلىپ كېلىندى. ياقا يۇرتتىن كەلگەن بۇ خىل سىياسىي پىكىر ئېقىمى مىللەتلەر ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا شەرقتىكى دۆلەتلەرگە بەخت-سائادەت ئېلىپ كېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ئۆچمەنلىك، ئۇرۇش ۋە مالىمانچىلىق پەيدا قىلدى. مىللەتلەر تەركىۋى ئەڭ مۇرەككەپ بولغان بالقان رايونىدا بىردىنلا ياۋرۇپادىكى پۇرۇخ تۇڭىغا ئايلىنىپ، قىسقىغىنا ۋاقتتا ئۈچ قېتىملىق بالقان ئۇرۇشىنى پەيدا قىلدى، ھەمدە 1-دۇنيا ئۇرۇشىغا سەۋەب بولدى. كىچىك دۆلەتلەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى ۋە بالقانلاشتۇرۇش ھازىرغا قەدەر سەلبىي مەنىدە قوللىنىلماقتا.
    ئىككىنچى، غەرب دۆلەتلىرى باشقا دۆلەتلەرنى پارچىلاشنى رەقىبىنى باپلاشنىڭ ستىراتىگىيىلىك ۋاستىسى قىلىۋالدى. خەلقئارا سىياسى پىرى مورگانسو «رەقىبىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ياكى ئاجىز ھالەتتە قالدۇرۇشتا رەقىبىنى پارچىلاش ياكى پارچىلانغان ھالەتتە ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. مانا بۇنىڭدىن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى قىسىمدا بىرلىشىش ۋە بىرگەۋدىلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى، باشقا دۆلەتلەردە مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەركىتىگە بار كۈچى بىلەن قۇتراتقۇلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىش تەس ئەمەس.
    2008-يىلى مۇستەقىل بولغان كوسوۋونى ئېلىپ ئېيتساق، ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكا كوسوۋونى مۇستەقىل بولۇشقا قۇترىتىش ئۈچۈن، ئامېرىكا ترورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىدىكى «كوسوۋو ئازادلىق ئارمىيىسى» نى تىزىملىكتىن ئۆچۈرىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن بۇ تەشكىلات ئەركىنلىك جەڭگىۋارلىرى سۈپىتىدە سىرۋىيە ئارمىيىسى ۋە خەلقىگە زورلۇق بىلەن تاقابىل تۇردى. سىرۋىيە ھۆكۈمىتى قايتارما زەربە بەرگەندە ئامېرىكا، ياۋرۇپا كوسوۋو ئۇرۇشىنى قوزغاپ، كوسوۋونىڭ ئومۇمى خەلق ئاۋاز بېرىپ مۇستەقىل بولۇشىغا ياردەم بەردى.
    غەرب دۆلەتلىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنى پارچىلاشقا خۇشتار بولۇشىدىكى سەۋەب، دۆلەتلەر قانچە كىچىك بولسا، ئۇلار خالىغانچە ئوينايدىغان پىچكىغا ئايلىنىدۇ. كوسوۋونىڭ ئىلگىرى يۈگۈسلاۋىيەنىڭ كەمبىغەللەر مەھەللىسى دەيدىغان نامى بار ئىدى. ھازىرمۇ ياۋرۇپادىكى ئەڭ نامرات رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە. دۇنيا بانكىسىنىڭ 2005-يىللىق ستاتستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، كوسوۋونىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى ٪44 كە يەتكەن، ٪37 ئاھالە نامراتلىق سىزىقىدىن تۆۋەن سەۋىيەدە ئىكەن. مەركىزى شەھەردە ئېلكتىر كۈچى يېتىشمەيدىكەن. مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنى باقالماي، ياۋرۇپا، ئامىرىكاغا يۆلىنىشكە مەجبۇر بولغان.
    ئامېرىكا ئۇزۇندىن بۇيان سۇدانغا ئۆچمەنلىك قىلىپ كەلدى، سۇداننى ترورلۇقنى قوللىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزدى، سۇدانغا ئوپىراتسىيە شەكلىدە زەربە بەردى، دارىفور مەسىلىسىنى تۇتقا قىلىپ، سودىيە پرېزىدېنتى باشىرنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى. ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى سۇداننىڭ جەنۇبىنى پارچىلاشنى پىلانلاش بولدى. 2005-يىلى غەربتىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئازدۇرۇشى ۋە مەجبۇرلىشى بىلەن، سۇدان شىمال ھۆكۈمىتى ۋە جەنۇب ئاپتۇنۇمىيە ھۆكۈمىتى ئومۇميۈزلۈك تېنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ، ئالتە يىلدىن كېيىن، جەنۇبنىڭ ئومۇمى خەلق ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق مۇستەقىل بولۇش-بولماسلىقنى قارار قىلىشقا پۈتۈشتى. ئەينى ۋاقتتىكى جەنۇب ئاپتۇنومىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرى جالان دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوللاپ، ئىچكى قىسىمدا ئاپتۇنۇمىيەنى يولغا قويۇش تەرەپدارى ئىدى. ئەجەبلىنەرلىك يېرى شۇكى، يېرىم يىل بولا-بولماي، ئۇ ئايرۇپىلان چۈشۈپ كېتىش ھادىسىسى بىلەن قازا قىلدى، ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان رەھبەر غەرب دۆلەتلىرىگە مايىل شۇنداقلا مۇستەقىللىقنى ياقلايتتى. سۇداننىڭ پارچىلىنىش يولى ئاساسەن غەرب دۆلەتلىرى سىزغان سىزىق بويىچە بولدى. سۇداننىڭ جەنۇبى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، كوسوۋونىڭ ئىزىنى بېىسپ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىشى تۇرغانلا گەپ. شىمال ھۆكۈمىتى ئاجىزلاپ كەتكەنلىكتىن، ئامېرىكا بىلەن تەڭ تۇرمىقى بەسى مۈشكۈل.
    تارىخىي تەجرىبىلەر ئىسپاتلىدىكى، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە پۈتۈنلىكى دۆلەت مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىدۇر. تېررىتورىيەنىڭ پارچىلىنىشى سىياسىي جەھەتتە مالىمانچىلىق ھەتتا دۆلەتنىڭ پارچىلىنىشىنى پەيدا قىلىدۇ. 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، گېرمانىيە تارقاق –پارچە ھالەتتىن مىللەتنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياۋرۇپادىكى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانغان. ئامېرىكا جەنۇبىي قىسىمدىكىلەرنىڭ مۇستەقىللىق تەلىپىنى قۇراللىق باستۇرۇپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى دەرىجىدىن تاشقىرى قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇشىغا تېررىتورىيە ۋە سىياسىي ئۇل سالغان. بۇنىڭ بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولغىنى شۇكى، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىش نەتىجىسىدە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلىك ئورنىدىن مەھرۇم قالدى.

    (ماقالىنى يازغان ئاپتۇرنىڭ خىزمەت ئورنى: جۇڭگۇ ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات يۇرتى غەربىي ئاسىيا، ئافرىقا تەتقىقات ئورنى)

    تەرجىمە قىلغۇچى: نوشىرۋان
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    «شىنخۇا تورى»دىن تەرجىمە قىلىندى.
    http://news.xinhuanet.com/mil/2011-02/14/c_121077075.htm
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://qamus.okyan.com/View.aspx?ID=11271
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭



    جەنۇبىي سۇداننىڭ «مىللەتلەر ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ئەندىزىسى»

    ماقالە ئاپتورى: خې جىڭجۈن


    نىل دەرياسىنىڭ ئىككى ئاساسىي ئېقىنى قوشۇلغان جايدا زېمىنى كەڭ بىر دۆلەت بار، ئۇ-سۇدان دۆلىتى. بۇ ئىقلىمدا قەدىمىي مەدەنىيەتلەرنىڭ ئىزنالىرىنى تاپقىلى بولمايدۇ، لېكىن قەدىمقى رىم دەۋرىدە يېتىپ كەلگەن خرىستىئان دىنى مەدەنىيىتى بىلەن ئەرەب ئىمپىرىيىسى گۈللەنگەندىن كېيىن يېتىپ كەلگەن ئىسلام دىنى مەدەنىيىتى ۋە شۇ سەۋەبتىن ئايرىلغان ئىككى خىل كۈچ ئىككى مىليۇن 500 مىڭ كۇۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ زېمىندا جەنۇب ۋە شىمالنى ئىگىلەپ تۇرىدۇ. بۇنىڭدىن بىر دۆلەتتىكى ئىككى خىل دىننى ئايرىپ تۇرىدىغان لېنىيە شەكىللەنگەن.
    بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بۇ لېنىيە ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا لېنىيىسى بولۇپ قالدى. 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى جەنۇبىي سۇداندىكى تۆت مىليۇن ئاۋاز بەرگۈچى جەنۇبىي سۇداننىڭ سۇدان دۆلىتىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇش-بولماسلىقىنى قارار قىلىش ئۈچۈن، ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىشكە قاتناشتى. 2-ئاينىڭ 7-كۈنى ئاۋاز بېرىش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى، ٪99 ئاۋاز بەرگۈچى ئايرىلىپ چىقىشنى قوللىغان. سۇدان ھۆكۈمىتى بىرىنچى بولۇپ بايانات ئېلان قىلىپ، ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جەنۇبىي سۇدان دۆلىتىنىڭ بارلىققا كېلىشى مۇقەررەر بولۇپ قالدى. ( بۇ ماقالە ئىلگىرى يېزىلغان. جەنۇبىي سۇدان 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلىدى- تەرجىماننىڭ ئىزاھاتى).  يەر مەيدانى ئافرېقا قىتئەسىدىكى بىرىنچى چوڭ دۆلەت ئۈچىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى، يەر مەيدانىنىڭ بەشتىن بىر قىسمى ئازىيىپ كەتتى.
    جەنۇبىي سۇداننىڭ پارچىلىنىش ئەندىزىسى كېيىنكى مۇستەملىكە دەۋرىدىكى «مىللەتلەر ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» ئەندىزىسى بولۇپ، بۇ ئەندىزىنىڭ كېڭىيىپ كېتىش ۋە كۆچۈرۈلۈش مەسىلىسى كۈزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

    جەنۇب بىلەن شىمالدىكىلەرنىڭ تونۇشى دىن تەرىپىدىن بەلگىلەندى

    ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا سۇدان مۇستەقىل بولدى. سۇداننىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكىلەرنىڭ زىددىيىتى ئۇزۇندىن بۇيان كەسكىن بولۇپ كەلدى. تاشقى كۈچلەرنىڭ ئوت قۇيرۇقلۇق قىلىشى بىلەن ئۈزۈلمەي توقۇنۇش بولۇپ تۇردى. 1958-يىلى ئارمىيە ھۆكۈمەت ئىسلام دىنىنىڭ جەنۇبتىكى خرىستىئان دىنىنى ئاساس قىلغان نېگىرلار ئولتۇراقلاشقان رايونغا تارقىلىشىغا ئىلھام بېرىپ، جەنۇبلۇقلارنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىدى، ئىچكى ئۇرۇشنى كەسكىنلەشتۈردى. بىرىنچى قېتىملىق ئىچكى ئۇرۇش 1955-يىلى باشلىنىپ 17 يىل داۋاملاشتى. 1983-يىلى ئارمىيە ھۆكۈمەت ئىسلام دىنىنى يەنە بىر قېتىم جەنۇبقا كىڭەيتمەكچى بولدى ھەمدە مەملىكەت بويىچە ئىسلام شەرىئىتىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ قارار جەنۇبلۇقلارنىڭ يەنە بىر قېتىم قارشىلىقىنى قوزغاپ، ئىككىنچى قېتىملىق ئىچكى ئۇرۇش پارتلاپ، 22 يىل داۋام قىلدى.
    ئىچكى ئۇرۇشنىڭ پارتلىشىدا دىن، ئىرق، تونۇش، مۇستەملىكە قالدۇق مەسىلىسى، دۆلەت ھاكىمەت تەقسىماتى ۋە سىرتنىڭ تەسىرى قاتارلىق سەۋەبلەر بار ئىدى. دىن ئامىلى ھالقىلىق ئامىللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شىمالدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئاھالە ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلىدۇ، ئىسلام دىنى ئۇلارنى باشقا ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن باغلاپ تۇرىدىغان مەدەنىيەت ۋە ئىرق بەلۋىغى ھېسابلىنىدۇ. جەنۇبتىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئىسلاملاشتۇرۇش ۋە ئەرەبلەشتۈرۈشكە قارشى تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ خرىستىئان دىنىغا بولغان ئەقىدىسى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. ئىككى قېتىملىق قانلىق ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن، جەنۇبلۇقلارنىڭ ئانا دۆلىتىگە بولغان تەۋەلىك ئېڭى يوقالدى. شىمالدىكىلەرنىڭ جەنۇبلۇقلارنى قايىل قىلىش ئىشەنچىمۇ يوقالدى. 2011-يىلى ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش نىسبىتى ۋە جەنۇبنىڭ پارچىلىنىشىنى قوللاش نىسبىتى ٪90 تىن ئېشىپ كەتتى. بۇ نىسبەتلەر جەنۇبلۇقلارنىڭ قەلبىدە ئانا دۆلەتنىڭ ئوبرازى ئاللىقاچان يوقالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

    بايلىق تالىشىش ۋە دارفۇر كىرزىسى

    زامانىۋىي جەمئىيەتكە قەدەم قويغاندىن كېيىن، سۇداننىڭ نوپۇسى شىددەت بىلەن كۆپەيدى، چارۋىچىلىققا ئەھمىيەت بېرىلىپ، نۇرغۇن يەرلەر قۇملىشىپ كەتتى. سۇ، ئوتلاق ۋە قېزىلما بايلىقلارنى تالىشىش جىددىيلەشتى، ئېكولوگىيە سەۋەبىدىن، زور تۈركۈمدىكى كۆچمەنلەر جەنۇبقا كۆچتى، قەۋم-قەبىلە توقۇنىشى كۈنسايىن كۈچەيدى. سۇداننىڭ غەربىدىكى دارفۇر رايون توقۇنىشى دەسلەپتە بايلىق تالىشىشتىن پەيدا بولغان ئىدى.
    ئەنئەنىۋى بايلىق ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولىۋاتقاندا، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا، سۇداننىڭ دارفۇر رايونىنىڭ جەنۇبى، سۇداننىڭ جەنۇب-شىمالى قىسمى تۇتاشقان جايلار ۋە سۇداننىڭ جەنۇبىدا زاپاس مىقدارى 11 مىليارت 600 مىليۇن تۇڭ نېفىت زاپىسى بايقالدى. سۇدان بايلىقى كەمچىل دۆلەتتىن نېفىت بايلىقى مول دۆلەت بولۇپ قالدى.
    غايەت زور نېفىت بايلىقىنى ھەممە تەرەپ تالىشىپ قالدى. جەنۇبىي قىسىمدا نېفىت بايلىقى بولغان بىلەن، ئۇنىڭ پايدىسى مەركىزىي ھۆكۈمەتكە بولدى، بايلىق تەقسىماتى ئادىل بولمىدى، بۇ جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ ئەسلىدىنلا جىددىي بولغان مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرىۋەتتى. يەنە بىر جەھەتتىن، جەنۇبىي قىسىمدىكى بۆلگۈنچىلەر نېفىت بايلىقىنى بۆلۈنۈپ چىقىشنىڭ دەسمايىسى دەپ قاراپ، زىيادە روھلىنىپ كەتتى. بايلىق تالىشىش ئىنسانپەرۋەرلىك بالايى-ئاپىتى پەيدا قىلدى. ئىككى مىليۇندىن ئارتۇق ئادەم توقۇنۇش ۋە قىرغىنچىلىقتا جېنىدىن ئايرىلدى. مانا شۇنداق ئادەمنى شۈركەندۈرىدىغان خەۋەرلەر سۇدان دۆلىتى ئىچى –سىرتىدىكىلەرنى جەنۇب بىلەن شىمالنى بۆلۈش، تېنچ ئۆي ئايرىش- سۇدان مەسىلىسىنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىشتىكى تاللاش دېگەن قاراشقا كەلتۈردى.
    رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىن قارىغاندا، جەنۇب بىلەن شىمالنى پارچىلاش ئەڭ ياخشى تاللاش ئەمەس ئىدى. جەنۇبتا نېفىت بار بولغان بىلەن، سانائەت ئاساسى ئاجىز بولۇپ، شىمال ئارقىلىق دېڭىز پورتىغا يەتكۈزىلەتتى. شىمالنىڭ سانائەت ئاساسى ياخشى بولسىمۇ، جەنۇبنىڭ بايلىقىغا تايىناتتى. ئادەم كۈچى بايلىقى جەھەتتە، شىماللىقلارنىڭ ئوقۇش سەۋىيسى يۇقۇرى، ئوتتۇرىچە كىرىمى جەنۇبلۇقلاردىن يۇقۇرى ئىدى. جەنۇب بىلەن شىمال پارچىلانسا، ئۆزئارا مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالمىسا، ھەر ئىككى تەرەپ ئۇتتۇرغۇچى بولۇپ قالاتتى.

    يېڭىچە ئەدلىيە ئىنسانپەرۋەرلىك ئارىلىشىشى

    نۇرغۇن ئادەملەر: سۇدان ھۆكۈمىتى جەنۇبنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىگە شۇنچە ئاسان ماقۇل دەمدۇ، دەپ سوراشتى. شۇنداق، جەنۇبىي سۇداننىڭ مۇستەقىل بولۇشى مۇقەررەرلىك بولۇپ قالدى. سۇدان پرېزىدېنتى ئەلبەشىر جەنۇب-شىمال مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. بۇ يەردىكى ھالقىلىق مەسىلە، ئەلبەشىر باشقىلارغا كوكۇلىسىنى تۇتقۇزۇپ قويدى.
    2008-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى گائاگا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ تەپتىش ئەمەلدارى خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە ئەلبەشىرنى ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى، ئۇرۇش جىنايىتى، ئىرقىي قۇرۇتۇش جىنايىتى سادىر قىلدى دەپ شىكايەت قىلدى. تەپتىش ئەمەلدارى سوت مەھكىمىسىگە يازما ئىسپات، ماددىي ئىسپات ۋە گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى قاتارلىق ئون مىڭدىن ئارتۇق دەلىل-ئىسپات تاپشۇردى. خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ ئادەتتىكى تەرتىپىگە ئاساسلانغاندا، سوت مەھكىمىسى قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقىرىش-چىقارماسلىق مەسىلىسىنى بىر-ئىككى ئاي قاراپ چىقىدۇ. بۇ دېلو بىر دۆلەتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان دۆلەت باشلىقىغا چېتىلغانلىقى ئۈچۈن، دېلونى قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقنى قارار قىلىش ئۈچۈنمۇ بىر مۇنچە ۋاقت كېتىدۇ. ئادەتتە، دەسلەپكى دەلىل-ئىسپاتلار تولۇق بولسا، سوت مەھكىمىسى باشقا ئامىللار سەۋەبىدىن قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقىرىشنى رەت قىلىدىغان ئىش بولمايدۇ. ئەلبەشىرنى قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقىرىش ۋاقت مەسىلىسى بولۇپ، بىر مەزگىلدىن كېيىن ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى.
    بۇ خىل ئارىلىشىش ئەدلىيە ئىنسانپەرۋەرلىك ئارىلىشىشى دەپ ئاتالدى.
    خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ب د ت 1998-يىلى دېپلوماتىيە تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىللەر يىغىنىدا ماقۇللانغان « خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئەھدىنامىسى»(رىم ئەھدىنامىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن 2002-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي قۇرۇلغان. 2006-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىگە قەدەر 134 دۆلەت ئىمزا قويغان، 104 دۆلەت ئەھدىنامىنى تەستىقلىغان. ئەلبەشىر ئەھدىنامىگە ئىمزا قويغان دۆلەتلەرنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە كىرسە، ئۇلارنىڭ ئەلبەشىرنى تۇتۇپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ.
    ئەلبەشىر جەنۇب خەلقىنىڭ ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ب د ت نىڭ بىر ئاپپاراتىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئافرىقا ئىتتىپاقىمۇ ئەلبەشىر سۇداننىڭ تېنچلىق مۇساپىسىدە غايەت زور تۆھپە قوشتى، تېنچلىقنى ئىلگىرى سۈرگەن ئەربابقا تۇتۇش بۇيرۇقى بىلەن تەھدىد سېلىش دورۇس ئەمەس، دېدى.

    كېيىنكى مۇستەملىكە دەۋرىدىكى «مىللەتلەر ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش»

    كېيىنكى مۇستەملىكە دەۋرىدە ئافرىقىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئىچكى مالىمانچىلىق داۋام ئەتتى، لېكىن، قارشى تەرەپ ئادەتتە بۆلۈنۈپ كېتىشنى ئەمەس، ھوقۇقتىن تەڭ بەھرلىنىش ياكى ئاپتونومىيەنى تەشەببۇس قىلاتتى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-، 60-يىللىرىدا ئافرىقا مۇستەملىكەسىزلەشتۈرۈش قەدىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىرلا ئېرىترىيە مۇستەقىل بولغان. بۇنداق مۇقىملىقنى ئەنسىزلىككە تولغان بالقان، شەرقىي ياۋرۇپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايتتى.
    دارفۇر ھۆكۈمەتكە قارشى قۇراللىق گوروھىغا ئوخشاش، قارايمىق رەھبەرلىكىدىكى جەنۇبىي سۇدان خەلق ئازاتلىق ھەرىكىتى دەسلەپتە مۇستەقللىقنى تەلەپ قىلماستىن، بەلكى تېخىمۇ چوڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
    ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرى سۇداننى ئىسلام ئاشقۇنلىرىنىڭ پاناھگاھى دەپ قارىدى. ئامېرىكا 1998-يىلى 3-ئايدا بازا تەشكىلاتى بىئولوگىيىلىك قۇرال ياساۋاتىدۇ، دېگەن سەۋەب بىلەن سۇداننىڭ بىر دورا زاۋۇتىنى باشقۇرىلىدىغان بومبا بىلەن ۋەيران قىلدى. 2011-يىلى ئافغانستان ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا سۇداننىڭ بازا تەشكىلاتىنىڭ يېڭى تايانچ بازىسى بولۇپ قېلىشىدىن تېخىمۇ ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالدى.
    سۇداننىڭ ئىچكى مالىمانچىلىقىنى تېزرەك ئاخىرلاشتۇرۇش شۇنداقلا ئىسلام ئاشقۇنلىرىنىڭ سۇداننىڭ جەنۇبىغا سىڭىپ كىرىشىنى توسۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-، 60-يىللىرىدا ئافرىقىنىڭ ياۋرۇپادىكى جاھانگىرلارنىڭ مۇستەملىكىسدىن قۇتۇلىشىغا ياردەم بېرىشتە قوللانغان «مىللەتلەر ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» ئۇقۇمىنى قايتا كۆتۈرۈپ چىقىپ، سۇداندا «بىر مىللەت بىر دۆلەت» بولۇشتەك مىللىي مەسلەكنى يولغا قويۇشنى قوللىدى.
    2005-يىلى ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، نورۋېگىيەنىڭ بېسىمى ئاستىدا، سۇدان ھۆكۈمىتى بىلەن جەنۇبىي سۇدان مىللىي ئازاتلىق ھەرىكىتىنىڭ سۆھبەت ۋەكىلى كېنىيەنىڭ  پايتەختى نېيرۇبىدا ئومۇميۈزلۈك تېنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. كېلىشىمدە سۇدان 2005-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ ئالتە ئاي تەييارلىق مۇددىتى ۋە ئالتە يىل ئۆتكۈنچى مەزگىلنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، جەنۇب خەلقى ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەيدىغان بولدى.
    شۇ سەۋەبتىن، 2011-يىلى 1-ئايدا ئېلىپ بېرىلغان ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش ئەمەلىيەتتە بىر تەرەپلىك ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش بولۇپ، 2008-يىلى كوسوۋودا ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بەرگەن بىلەن ئوخشاش بولدى. قانۇن نەزىرىيىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بىر دۆلەتتە مەلۇم رايوننىڭ مۇستەقىل بولۇش-بولماسلىقىنى شۇ دۆلەتتىكى بارلىق خەلق قارار قىلىشى كېرەك ئىدى. چۈنكى، ئىگىلىك ھوقۇقىغا تاقىشىدىغان بۇنداق چوڭ ئىشقا پەقەت بارلىق خەلقلا بىر نەرسە دىيەلەيتتى. كوسوۋودا بىر تەرەپلىك ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش سېرۋىيە قاتناشمىغان ئەھۋالدا ئېلىپ بېرىلدى، قاتناشماسلىقنىڭ قانۇنلۇق دېيىلىشى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كوسوۋونىڭ ئۆتكۈنچى مەزگىلدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئائىت ئانچە ئېنىق بولمىغان كېلىشىملەرنى ئاساس قىلدى.  سىرۋىيە بۇنداق مۇستەقىللىقنىڭ قانۇنلۇقلىقىغا خەلقئارا سوت مەھكىمىسىنىڭ كېسىم قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. بۇ مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ماڭغان يول بولۇپ، سېرۋىيەنىڭ پاكىتنى كۆڭلىدە ئېتىراپ قىلىشقا تەييارلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويدى.
    جەنۇبىي سۇداندا بىر تەرەپلىك ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىشنىڭ قانۇنلۇقلىقى 2005-يىلى نېيرۇبىدا كېلىشىم ئىمزالانغاندا مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەنلىكتىن، 2011-يىلى ئېلىپ بېرىلغان ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش قانۇن جەھەتتىن ئالغاندا، بارلىق خەلق ئاۋاز بېرىش ياكى ئىككى تەرەپلىك ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش ھېسابلىنىدۇ. سۇدان ھۆكۈمىتىنىڭ 2005-يىلدىكى ۋەدىسىنى ئاساس، جەنۇبىي سۇداننىڭ ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىنى ئىرادىسى دەپ قارىغاندا، بۇ- كېلىشىم ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، جەنۇبىي سۇدان ئەندىزىسى كوسوۋو ئەندىزىسىگە ئوخشىمايدۇ.

    جەنۇبىي سۇدان ئەندىزىسىنىڭ خەۋپى

    جەنۇبىي سۇداننىڭ نوپۇسى سەككىز مىليۇندىن كۆپرەك بولۇپ، 42 مىليۇن نوپۇسى بولغان سۇداندا ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىشكە قويۇلسا، جەنۇبىي سۇدان مەڭگۈ مۇستەقىل بولالمىغان بولاتتى.
    بۆلگۈنچىلىك يوشۇرۇن خەۋپى بولغان ھەرقانداق بىر دۆلەت جەنۇبىي سۇدان ئەندىزىسىدىن ھۇشيار بولمىقى زۆرۈردۇر. جەنۇبىي سۇداننىڭ ھەربىي ئىشلاردا يۈز ئۆرۈشى مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئەمەس ئىدى، لېكىن، تاشقى كۈچلەر ئۇنىڭغا مۇستەقىللىق ماركىسىنى چاپلاپ، «مىللەتلەر ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» شارابىنى قاچىلاپ، توقۇنۇشتىكى ئىككى تەرەپنى ئېھتىماللىق ئويۇنى ئويناشقا قىزىقتۇردى. ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىشتە پارچىلىنىشنى قوللاش نىسبىتى تۆۋەن بولسا، مۇستەقىللىق ئىشى قايتا تىلغا ئېلىنمايدىغان، پارچىلىنىشنى قوللاش نىسبىتى يۇقۇرى بولسا، جەنۇب-شىمال ئىككى تەرەپ ھۆرمەت قىلىش كېرەك، دېيىلدى. بۇ ئەندىزىدە رول ئالغۇچى ئۈچ تەرەپ: توقۇنۇشتىكى ئىككى تەرەپ، ھۆكۈمەت، تالاش-تارتىش رايونىدىكى ئاۋاز بەرگۈچىلەردىن ئىبارەت بولدى.
    ئاۋاز بەرگۈچىلەر ئايرىم بىر تەرەپ بولغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت باشقىلارنىڭ قولىدىكى قورچاققا ئايلىنىپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن، كېيىنكى مۇستەملىكە دەۋرىدىكى «مىللەتلەر ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» يېڭى مۇستەملىكە دەۋرىدىكى «مىللەتلەر ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش»كە ئوخشاپ قالدى. بۇنداق قىلىش تالاش-تارتىش بولىۋاتقان تېخىمۇ كۆپ رايۇندىكىلەرنىڭ تولۇق مۇستەقىل بولۇپ ئەبەدىي خاتىرجەملىككە ئېرىشىشىگە ئىلھام بەرگەنلىك بولىدۇ. ئۇنداق بولغاندا، خەلقئارا جەمئىيەت قايتا-قايتا تەكىتلىگەن "جەنۇبىي سۇدان ئەندىزىسى ئايرىم ئەھۋال، كۆچۈرۈشچانلىقى يوق"، دېگەن قاراشنىڭ ماھىيەتلىك ئەھمىيىتى قالمايدۇ.

    ماقالە ئاپتورى: خې جىڭجۈن
    تەرجىمە قىلغۇچى: نوشىرۋان
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    «شىنخۇا تورى»دىن تەرجىمە قىلىندى. ئەسلى مەنبە تور ئادرېسى:
    http://news.xinhuanet.com/world/2011-04/26/c_121344384.htm
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://news.okyan.com/View.aspx?ID=2614
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: