版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/129253128.html

    سۇزې ئوماننىڭ مالىيە باشقۇرۇش يولى


    سۇزې ئومان «دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇنەۋۋەر، ئەڭ دانا، ئەڭ جەلپكار مالىيە باشقۇرغۇچى» دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئۇ ئامېرىكا كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىدىكى چولپانلاردىنمۇ بەكرەك داڭلىق. بايلىق ئۈستىدىكى ئىزدىنىش ئۇنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتكەن.
    ئۇنىڭ قارىشىچە، ئادەم بىرىنچى ئورۇندا، پۇل ئىككىنچى ئورۇندا، ئىش ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
    ئادەمنىڭ روھى ۋە ھېسسىياتىغا دىققەت قىلىش - سۇزې ئوماندىكى مالىيە باشقۇرۇش ئىدىيەسىنىڭ يادروسى.
    شۇڭا، ئۇ: «مەن بايلىققا ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئېرىشكەن» دەيدۇ.
    دەل مۇشۇ خىل ئىدىيە يېڭىچە مالىيە باشقۇرۇش ئىدىيە ئېقىمىنى قوزغاپ، كىشىلەرگە پۇل تېپىش يولىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرغان.

    مالىيە باشقۇرغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن سۇزې ئوماننىڭ كەسپى- كىشىلەرگە ئۆينىڭ مۈلۈك ھوقۇقى، ئۇزاق مۇددەتلىك كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، كۆچمەس مۈلۈكنى باشقۇرۇش دېگەندەك ئىشلاردا مەسلىھەت بېرىش، تېخىمۇ مۇھىمى كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئەندىشىسىنى تۈگىتىشىگە ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت.
    ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى - ئادەم بىلەن پۇلنىڭ مۇناسىۋىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش.
    ئۇ: «مالىيە مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئىشنى پىسخىكىدىن باشلاشقا، ساغلام، ئىناق تەرىزدە پۇل بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇشقا توغرا كېلىدۇ» دەپ قارايدۇ. شۇڭا، بەزىلەر ئۇنى «پۇل پىسخىكىسى دوختۇرى» دەپ قارشىدۇ.
    سۇزې ئوماننىڭ قارىشىچە، بىر ئادەم مالىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلماقچى بولىدىكەن، ئىشنى ئالدى بىلەن ۋۇجۇدىدىكى پۇل پىسخىكىسى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن باشلىشى كېرەك.
    پۇلدارغا ئايلىنىشنىڭ تۇنجى قەدىمى - پىسخىكا جەھەتتىن پۇلنى باشقۇرۇشتۇر. پۇلدارلار پىسخىكا جەھەتتىن پۇلنى باشقۇرىدىغان بولغاچقا، قانائەت ھېس قىلىدۇ. ئادەتتىكى ئادەملەر ئەتىگەندىن كەچكىچە پۇل ئۈچۈن قاترايدۇ، كەلگۈسىدىكى ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمىگەچكە، كۈنلىرى جىددىيلىك ۋە ئەنسىزلىك ئىچىدە ئۆتىدۇ.
    گەرچە بىر ئادەمنىڭ خۇشاللىقى پۇلنىڭ ئاز-كۆپلۈكى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولمىسىمۇ، لېكىن مالىيە باشقۇرۇشتا ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئۈچۈن، قانداق قىلغاندا نۇرغۇن بايلىقنى جەلپ قىلغىلى ۋە ياراتقىلى بولىدىغانلىقى، پۇلنى ئاقىلانىلىك بىلەن خەجلەش، پۇلنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىش زۆرۈر. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ پۇل بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى سۇغۇققانلىق بىلەن راۋانلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ يەنە پۇل بىلەن بايلىقنىڭ مالىيە باشقۇرۇشتىكى رولىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنداق قىلغاندىلا، ساغلام، ئىناق ھالدا مالىيە باشقۇرۇپ، مالىيە ئەركىنلىكىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

    سۇزې ئومان «مالىيە ئەركىنلىكى» دېگەن كەلىمىنى ئۆزىنىڭ تەجرىبىلىرىدىن ۋە باشقىلارغا مالىيە باشقۇرۇش تېخنىكىسىنى ئۆگەتكەن 18 يىللىق ئەمەلىيىتىدىن يەكۈنلىگەن.
    ئۇ تىلغا ئالغان «مالىيە ئەركىنلىكى» نەچچە مىليون دوللارغا ئېرىشىشنى ئەمەس، بەلكى مالىيە جەھەتتە بىر خىل ئەركىن-ئازادىلىككە ئېرىشىش، ئەتە-ئۆگۈنلا ئاغرىپ قالىدىغانلىقى ياكى خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، ئۇنى چوڭ پالاكەت دەپ قارىماي، بىر مەزگىل يەنىلا كۆڭۈل ئازادىلىك ئىچىدە ياشاشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق بولغاندا، ياشىنىپ پىنسىيىگە چىققاندىن كېيىن، ئېھتىمال تۇرمۇشىڭىز بەك باياشات ئۆتۈپ كەتمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما، كۆڭۈل ئازادىلىكى ئىچىدە ئۆتەلەيسىز؛ خەقكە قەرزىڭىزمۇ بولمايدۇ؛ ئانچە-مۇنچە سەيلى-ساياھەتكە چىقىپ، ئۆزىڭىزنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش ئاساسىدا ياشىيالايسىز. بۇ دۇنيادىن كۆز يۇمغىنىڭىزدا سىزنىڭ ئائىلىڭىزدىكىلەرگە قالدۇرۇپ كېتىدىغان پۇلىڭىز ئەسلىدە ئىلكىڭىزدە بار بولغان پۇلدىن ئېشىپ كېتىدۇ.

    سۇزې ئوماننىڭ قارىشىچە، مالىيە باشقۇرۇشتا تۆۋەندىكى باسقۇچلاردىن مېڭىشقا توغرا كېلىدىكەن:

    بىرىنچىدىن، كەلگۈسىدىكى مالىيە يولىنىڭ ئاچقۇچىنى ئەسلىمە ئارقىلىق ئېچىڭ.
    كىشىلەرنىڭ پۇلغا دائىر ئەڭ دەسلەپكى كەچۈرمىشلىرى قارىماققا پۇل بىلەن ئالاقىسىزدەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇ سىزنىڭ پۇلغا تۇتقان ھازىرقى پوزىتسىيىڭىزگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

    ئىككىنچى، ۋۇجۇدىڭىزدىكى قۇرقۇنچ تۇيغۇسىغا توغرا قاراڭ ھەمدە يېڭى ئىدىيە تۇرغۇزۇڭ.
    ئۆزىڭىزگە ساداقەتمەن بولۇڭ. ئۆزىڭىزنىڭ رېئاللىقىغا سەمىمىيلىك بىلەن يۈزلىنىپ، تاپقان پۇلىڭىزنى سېلىشتۇرۇپ، مالىيە ئەھۋالىڭىزنى كونكېرت تەپسىلىي ۋە ئىنچىگە ئىگىلەپ مېڭىڭ.
    ئاتا-ئانىڭىز، بالا-چاقىلىرىڭىزغا مېھرىڭىز بار. شۇڭا، ئاغرىق-سىلاق، ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرىڭىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئائىلىۋى غەم-غۇسسلىرىڭىزگە ئوبدان تەييارلىق قىلىپ، بۇ ئىشلاردىكى مەجبۇرىيىتىڭىزنى تولۇق ئادا قىلىڭ.

    ئۈچىنچى، ئۆزىڭىز ۋە پۇلىڭىزنى ھۆرمەتلەڭ.
    پۇلنىڭمۇ جېنى بولىدۇ، ئۇنى ھۆرمەتلىسىڭىز، ئۇ سىز بىلەن بىللە بولۇشنى خالايدۇ. ئۆزىنىڭ پۇلىنى ھۆرمەتلىگەنلىك- ئەمەلىيەتتە ئۆزىنى ھۆرمەتلىگەنلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر.
    ئۆزىگە ئىشىنىش باشقىلارغا ئىشەنگەندىن ئەۋزەل. ئوخشاش بىر تۈرگە مەبلەغ سېلىشنى مىسالغا ئالساق، ئۆزىگە ئىشەنگەن ئادەم ئۇنىڭدىن پايدا ئالالايدۇ. خەقنى قارىغۇلارچە دورايدىغانلار زىيان تارتىدۇ، شۇڭا، چوقۇم ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ. ئۆزىڭىز ئېرىشىشكە تېگىشلىك جىمى نەرسىنى دادىللىق بىلەن قوبۇل قىلىڭ. پۇلىڭىزنى ئازاد قىلىپ، ئۇنى ئەركىن ئازادە ئايلانغىلى قويۇڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، ئۇ ئارقىدىنلا ئۈزۈلمەس يانچۇقىڭىزغا قايتىپ كىرىدۇ.

    تۆتىنچى، مالىيە باشقۇرۇش تەمكىنلىككە موھتاج.
    سۇزې ئومان تەمكىنلىك بىلەن مالىيە باشقۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇ مالىيە باشقۇرۇشتا تۇرمۇشنىڭ ئۆزىگە يېقىنلىشىش بىلەن داڭ چىقارغان.
    ئۇنىڭ قارىشىچە، ھەممە ئادەمنىڭ باشقىلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ئۆزىگە يارىشا مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلى بولىدۇ، شۇنداقلا ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە ھەممىدىن بەك ماس كېلىدىغان مەبلەغ سېلىش شەكلى بولىدۇ. بەزىلەر ئۆي سېتىۋېلىشنى، بەزىلەر پاي چېكى سېتىۋېلىشنى، يەنە بەزىلەر پۇل ئامانەت قويۇشنى ئەڭ مۇۋاپىق ئىش دەپ قارىشى مۇمكىن.
    لېكىن، مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر،
    بىرىنچىدىن، ئۆزىنىڭ خىزمىتى، ياش-قورامى، بانكىغا قەرزى بار-يوقلىقى، ئۆي سېتىۋالغان-سېتىۋالمىغانلىقى دېگەنگە ئوخشاش ئومۇمىي ئەھۋالنى نەزەردە تۇتۇشى؛
    ئىككىنچىدىن، قەرزنى ئىمكانقەدەر تېزراق تۈگىتىپ، ئاندىن مەبلەغ سېلىشى لازىم. مەبلەغ قانچە بالدۇر سېلىنسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ.
    سوزې ئومان مۇنداق بىر ھېسابات قىلپ باققان: 25 ياش چېغىڭىزدا ئايدا 100 يۈەن چىقىرىپ مەبلەغ سالسىڭىز، ئۇنىڭدىن يىلدا 12 پىرسەنت پايدا چىقسا، 65 ياشقا بارغاندا،1 مىليون يۈەننىڭ ئىگىسى بولۇپ قالىسىز، بۇ خىل مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلىنى 35 ياشتا باشلىسىڭىز، 65 ياشقا كىرگەندە 300 مىڭ يۈەنلىك بولۇپ قالىسىز. دېمەك 10 يىلنىڭ پەرقى 700 مىڭ يۈەن دېگەن گەپ. ئەگەر بۇ ئىشقا 18 ياشتا تۇتۇش قىلسىڭىز، 65 ياشقا كىرگەندە 3 مىليون يۈەنگە ئېرىشىسىز.
    تەشۋىشكە چۈشۈپ، مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى بىلەلمەي قالغىنىڭىزدا، ھېچقانداق ئىش قىلماي جىم تۇرىۋېلىڭ. پۇلىڭىزغا چېقىلماي، بانكىغا ئامانەت قويۇڭ. ئۇنداق بولمىسا، مەبلەغ سالدىم دەپ ئوبدان ئۇخلىيالمىسىڭىز، خىزمەتنى كۆڭۈلدىكىدەك ئىشلىيەلمىسىڭىز، ئاخىرى بېرىپ خىزمىتىڭىزدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى»(2011-05-17)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: