版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/128888893.html

    پەلەستىن ئاپەت كۈنى




    2011-يىلى «15-ماي» پەلەستىننىڭ 63-قېتىملىق «ئاپەت كۈنى».
    1948-يىلى 14-ماي ئىسرائىلىيە مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلاپ ئىككىنچى كۈنى، ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلىدى. كېيىن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى پەلەستىننىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى ئىگىلىۋالدى، پەلەستىن خەلقى تۈركۈملەپ باشقا جايلاردا مۇساپىر بولۇشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن پەلەستىن كېيىن ھەريىلى 15-ماينى ئاپەت كۈنى قىلىپ بېكىتتى. ھەر يىلىدىكى بۇ كۈندە پەلەستىن خەلقى يىغىلىش، نامايىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتىگە ئېتىراز بىلدۈرىدۇ، ئەمما بۇ يىلقى ئاپەت كۈنىدە پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش ئۈزۈلمىدى، نۇرغۇن كىشى قازا قىلدى ۋە يارىلاندى. پەلەستىن-ئىسرائىلىيەنىڭ ئاپەت كۈنىدىكى توقۇنۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشى پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا يەنىلا ئۆز ئارا ئىشىنىشنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى، يەنە قاچان تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنىڭ نامەلۇم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.
    2011-يىلى 15-ماي چۈشتىن بۇرۇن، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى راماللاھ شەھىرىگە يېقىن جايدىكى ئىسرائىلىيە كالاندىيە تەكشۈرۈش پونكىتىدا يىغىلىپ نامايىش قىلىۋاتقان پەلەستىن خەلقى بىلەن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئارىسىدا كىچىك كۆلەملىك توقۇنۇش يۈز بەردى، پەلەستىن خەلقى ئەخلەت، بالونلارغا ئوت قويدى ۋە ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىگە قارىتىپ تاش ئاتتى، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئارقىلىق كىشىلەر توپىنى تارقاقلاشتۇردى.
    پەلەستىن ئاپەت كۈنىدە كالاندىيەدىلا پەلەستىن خەلقى بىلەن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش بولۇپلا قالماستىن، باشقا ئىيوردانىيەنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى شەھەر شۇنىڭدەك گازا، سۇرىيە-ئىسرائىلىيە چېگراسى، لىۋان-ئىسرائىلىيە چېگراسى قاتارلىق جايلاردا پەلەستىن خەلقى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بىلەن تېخىمۇ ئېغىر قوراللىق توقۇنۇشتى ھەمدە ئۆلۈم-يىتىم كېلىپ چىقتى. ئىسرائىلىيەدىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستىسىنىڭ تەھلىلچىسى داۋىد خالىسىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپەت كۈنىدە يۈز بەرگەن ئەڭ يېقىن توقۇنۇشى، قوراللىق توقۇنۇش مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە جەزمەن سۆھبەتلىشىشى كېرەك، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ تىنچلىققا ئىنتايىن ئىنتىزار بولۇۋاتقانلىقىغا ئىشىنىمەن، لېكىن پەلەستىنلىكلەرنىڭ قەلبىدە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە ئويناۋاتقان رولى تازا ياخشى ئەمەس، شۇ كۈنى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى باشقا نۇرغۇن شەھەرلەردە ئولتۇرىدىغان پەلەستىنلىكلەر ئۆزلۈكىدىن راماللاھ شەھىرىگە بېرىپ ئاپەت كۈنى پائالىيىتىگە قاتناشتى، پائالىيەت مەيدانىدا نۇرغۇن كىشىلەر مۇخبىرغا ئىسرائىلىيەگە بولغان كۆزقارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە زېمىنىمىزنى ئىگىلىۋالدى، مانا بۇ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتى، ئۇلار باشقىچە گەپ قىلىشىۋاتىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇلار بىزنى ئىگىلىۋالدى، ئۇلار ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، زېمىنىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئىگىلەۋاتىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن پەلەستىنلىكلەر ئۆز دۆلىتىنىڭ كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن قارىماقتا.



    پەلەستىندىكى نوپۇزلۇق تەتقىقاتچى ئەخمەد ئەرھاشىم پەلەستىن ئىتتىپاقلاشتۇرۇشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتىگە خاتىمە بېرىش كېرەك دېدى. پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىدىن نۇرغۇن پەلەستىنلىكلەر ئۈمىد كۈتۈپ كەتمەيدۇ، بىر كىشى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىدە ياخشىلىنىش ئالامىتىنى كۆرمىدۇق دېدى.
    شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتى ھازىر غايەت زور سىناققا دۇچ كەلمەكتە، خالىسىن مۇنداق دەپ قارىدى: ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولىدىكەن يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستىقبالىدىن ھەقىقەتەن ئۈمىدلىنىپ كەتكىلى بولمايدۇ، يەنە نۇرغۇن مۇرەككەپ مەسىلىلەر بار. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر ئىجابىي ئامىل بار دېگىلى بولمايدۇ، بارلىق ئىشلار ھەل قىلىشنى كۈتمەكتە، خاماس بىز تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەمەس، بىز تىنچلىق مۇساپىسىنى قوللايمىز، ئىسرائىلىيەنى ئېتىراپ قىلىمىز دېيىشى كېرەك، بۇ خاماسنىڭ پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزاسى بولۇشىدىكى ئالدىنقى شەرت، پەلەستىن ئاپەت كۈنى يۈز بەرگەن ۋەقەلەر پەلەستىن ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى توقۇنۇش ئېلىپ كەلدى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ھەقىقىي تۈرتكە بولۇشى ئۈچۈن مەلۇم بىر تەرەپنىڭ مۇرەسسەلىشىگە تايىنىش كۇپايە قىلمايدۇ، بۇ مەسىلىدە پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ مەسىلىنى ھەل قىلىشىنىڭ توغرا ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىشى كېرەك.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى»(2011-05-18)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    پەلەستىننىڭ «ئاپەت كۈنى»دە ئىيوردانىيە نامايىشچىلىرى بىلەن ساقچىلار توقۇنۇشتى



    2011-يىلى 15-ماي، ئىسرائىلىيەگە يېقىن ئىيوردانىيە دەرياسىنىڭ قىرغىقىدىكى رايون كايلاماكى يېزىسىدا، نامايىشچىلار پەلەستىن خەلقىنى قوللايدىغانلىق شۇئارىنى توۋلىدى. بۇ يىلقى 15-ماي پەلەستىن ئۈچۈن 63-«ئاپەت كۈنى». شۇ كۈنى 1000دىن ئارتۇق ئىيوردانىيە رادىكال كۈچلىرى كايلاماكى يېزىسىدا پەلەستىن خەلقىنى قوللايدىغانلىق ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ كونتروللىقىدىكى رايون چېگراسىدىن بۆسۈپ كىرىشكە ئۇرۇندى ۋە ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (مۇھەممەد ئابۇقۇش فوتوسى)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى»(2011-05-16)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    历史上的今天:

    bizning yene bir kozimiz 2010年05月18日

    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: