ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولامدۇ؟
ۋاقتى: 2016-11-10
ئاۋاتلىقى: 2208 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش
ئەيدىز كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن دەۋرى ئادەتتە بىر يىلدىن ئون يىلغىچە بولۇپ،ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ تەخمىنەن%30ى بەش يىل ئىچىدە ئەيدىز كېسىلىگە تەرەققىي قىلىدۇ.بىراق يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئەيدىز كېسىلىگە تەرەققىي قىلمايدۇ.ئەمەلىي تۇرمۇشتا بىر قىسىم كىشىلەر نەچچە يىل(ئون يىلدىن ئارتۇق)ۋىرۇس ئېلىپ يۈرۈش ھالىتىدە بولسىمۇ،كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ ياكى ئەيدىز كېسىلىگە ئالاقىدار بولغان بەزى يېنىك دەرىجىدىكى ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.ئەمما بۇ كىشىلەر ئەيدىز ۋىرۇسىنى باشقىلارغا يۇقتۇرىدۇ.