OOXX دا چىراق يېقىپ قويسا ئەرلەرنىڭ ئىپادىسى 3 ھەسسە يۇقىرى بولامدۇ؟
ۋاقتى: 2016-10-26
ئاۋاتلىقى: 347 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
يېڭى تەتقىقاتتا بايقىشىچە، يورۇق چىراغ ئاستىدا OOXX قىلغاندا، ئەرلىك ھورمۇن تېستوستېرونىنىڭ قويۇقلۇقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ جىنسىي رازىمەنلىكىنى كۈچەيتكىلى بولىدىكەن. تۆۋەن جىنسىي ھەۋەس نۇرغۇنلىغان 40 تىن ئاشقان ئەرلەرنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزمەكتە.
بۇ نەزەرىيەنى سىناش ئۈچۈن، سېيننا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىتالىيە تەتقىقاتچىلىرى 38 نەپەر جىنسىي ھەۋىسى تۆۋەنلەپ كەتكەن دەپ دىياگنوز قويۇلغان ئەرلەرنى يىغىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى يېرىمىنى يورۇق نۇر بىلەن ئۇچراشتۇرغان. ئودا ئىككى ھەپتە، بۇ ئەرلەر ھەر كۈنى ئەتىگەندە بىر نۇر چىقىرىدىغان قۇتا بار ئۆيدە يېرىم سائەت تۇرغان (بۇنداق بولغاندا ئۇلار يورۇق نۇر بىلەن ئۇچرىشالايدۇ.)
تەجرىبە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ تېنىدىكى تېستوستېروننىڭ مىقدارىدا زور دەرىجىدە ئېشىش بولغان. ئۇلار ئۆزلىرى جىنسىي رازىمەنلىكىنىڭمۇ ياخشىلانغانلىقىنى ئېيتقان. يەنە يېرىمى نىسبەتەن قاراڭغۇدا نۇردا داۋالاشنى قوبۇل قىلمىغان پىدائىيلاردا بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلمىگەن.
ئاساسلىق تەتقىقاتچى ئاندرېئا فاگىئولىنى پىروفېسسور مۇنداق دەيدۇ: «ھەرىكەتچان نۇردا داۋالاشنى قوبۇل قىلغان پىدائىيلار بىلەن يەنە بىر گۇرۇپپا (سېلىشتۇرما) پىدائىيلاردا روشەن پەرق چىقتى. داۋالاشتىن ئىلگىرى، ئىككى گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە جىنسىي رازىمەنلىكى 2 (تولۇق نومۇر 10) ئىدى، ئەمما داۋالاشتىن كېيىن، يورۇق نۇر قوبۇل قىلغان گۇرۇپپىنىڭ جىنسىي رازىمەنلىكى تەخمىنەن 6.3 بولۇپ، بۇ داۋالاشتىن بۇرۇنقىنىڭ 3 ھەسسىسىگە تەڭ. سېلىشتۇرما گۇرۇپپىنىڭ داۋالاشتىن كېيىنكى ئوتتۇرىچە جىنسىي رازىمەنلىكى 2.7 چىقتى.»
شۇنىڭ بىلەن بىرگە سېلىشتۇرما گۇرۇپپىنىڭ تېنىدىكى تېستوستېروننىڭ مىقدارى داۋالاشتىن بۇرۇن ھەر لىتىردا 2.3 مىللىمىكروگرام ئىدى، بىراق ھەرىكەتچان نۇردا داۋالاشنى قوبۇل قىلغان ئەرلەرنىڭ تېنىدىكى تېستوستېروننىڭ مىقدارى داۋالاشتىن بۇرۇن ھەر لىتىردا 2.1 مىللىمىكروگرامدىن ھەر لىتىردا 3.6 مىللىمىكروگرامغا يەتكەن.
فاگىئولىنى پىروفېسسور: «كۆپەيگەن تېستوستېروننىڭ مىقدارى پىدائىيلارنىڭ جىنسىي رازىمەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. شىمالىي يېرىم شاردا ھەر يىلى 11-ئايدىن 4-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئادەم تېنىدە ھاسىل بولغان تېستوستېروننىڭ مىقدارى ئازلايدۇ، ئاندىن ئەتىياز ياز پەسىلىدە مۇقىم ئۆرلەيدۇ. ئاندىن 10-ئايدا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىپ بارىدۇ. سىز ئۇنىڭ تۇغۇش نىسبىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيسىز، ھەمدە 6-ئاي ئادەملەرنىڭ ھامىلىدار بولۇشىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەسلىدۇر. چىراغ ساندۇقىنىڭ ئىشلىتىلىشى تەبىئەتنىڭ بىزگە بولغان تەسىرىگە تەقلىد قىلىنغان.» دەيدۇ.
ئۇ يەنە تولۇقلاپ: «بىز بۇ خىل مىخانىزىمنىڭ نۇرغۇن چۈشەندۈرۈلۈشى بار دەپ قارايمىز. مەسىلەن، نۇردا داۋالاش چوڭ مېڭە مەركىزىدىكى مېڭە ئۈستى بېزىنى چەكلەيدۇ، بەلكىم بۇ ئادەم تېنىدە تېخىمۇ كۆپ تېستوستېرون ھاسىل قىلىشى مۇمكىن. بۇنىڭدا يەنە باشقا ھورمۇننىڭ تەسىرى بولۇشىمۇ مۇمكىن. بىز ھازىرغىچە بۇنى كىلىنىكىلىق داۋالاش دېيەلمەيمىز... بىراق، بۇ خىل داۋالاش تېخىمۇ چوڭ تەتقىقاتلاردا رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ، ئۇنداق بولغاندا، نۇردا داۋالاشمۇ بەلكىم كىلىنىكىلىق داۋالاشقا كىرىشى مۇمكىن. بۇ بىر كىچىك تەجرىبە بولغاچقا، ھازىرچە بىز ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىشىمىز كېرەك.» دەيدۇ.