جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
جىنسىي كېسەللىكلەر - دىكى يازمىلار
  • قانداق ئۇرۇقنىڭ سۈپىتى يۇقىرى بولىدۇ؟

    ۋاقتى: 2016-10-13 ئاۋاتلىقى: 271 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    نورمال ئەر بىر قېتىمدا قانچىلىك ئىسپېرما چىقىرىدۇ؟
    نورمال ئەرنىڭ ئىسپېرمىسىنىڭ مىقدارى 2~6 مىللىمېتىر بولۇپ، بۇ مىقدار سىزنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ھەۋىسىڭىزنى چەكلەش ۋاقتىڭىز بىلەن ناھايىتى مۇناسىۋەتلىك. ھەۋەسنى چەكلىگەن ۋاقىت ئۇزاق بولسا، كۆپرەك بولىدۇ. ئومۇمەن (ھەۋەسنى چەكلەش ۋاقتى) ھامىلىدار بولۇشتىن بىر ھەپتە ۋاقىت بولسا بولىدۇ، بۇنىڭدىن كۆپ بولۇپ كەتسىمۇ مىقداردا ئۆزگىرىش بولمايدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، ئادەمنىڭ فىزىيولوگىيەلىك مېخانىزمى سەۋەبلىك، ۋاقىت بەك ئۇزاق بولۇپ كەتسە يوقاپ كېتىدۇ.
    ئۇرۇقنىڭ غەيرىيلىكى قانچە تۆۋەن بولسا ئۇرۇق سۈپىتى شۇنچە يۇقىرى بولامدۇ؟
    بىر قېتىم ھاسىل بولغان بۇنچە كۆپ...
  • جىنسىيەت داۋالاش ھەرگىز «مەخپىيەتلىكنىڭ ئاشكارىلىنىشى» ئەمەس

    ۋاقتى: 2015-12-08 ئاۋاتلىقى: 5028 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    جىنسىي جەھەتتىكى داۋالاش ئەمەلىيەتتە روھىي داۋالاشنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇنىڭ داۋالاش موھىم نۇقتىسى پەقەت سىز ۋە ھەمرايىڭىزنىڭ جىنسىيەت مەسىلىلىرىگە قارتىلىدۇ.
    فېئود ئېقىمىدىكى بىر روھىي ئانالىزچى شۇنداق دېگەن: بۇ خىل داۋالاش سىزنىڭ كىچىك ۋاختىڭىزدىكى مەسىلىلەرنى ئاشكارىلىمايدۇ. دەرۋەقە، بەزى مىساللاردىكى مەسىلىلەر ھەقىقەتەن بىمارنىڭ كىچىك چىغىدىكى كۆڭۈلسىز كەچۈرمىشلىرىدىن كېلىپ چىققان .

    جىنسىيەت جەھەتتىكى داۋالاش جەريانى ئادەتتە قىسقا بولىدۇ، ھەرگىز مەڭگۈ توختىماي داۋام قىلىۋەرمەيدۇ. بۇ جىنسىيەت جەھەتتىكى داۋالاشتىكى خۇشاللىنارلىق بىر ئىش، ئەلۋەتتە. بىر جىنسىي كېسەللىك دوختۇرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر جىنسىي كېسەللىكلىرىنى داۋالىتىش ئۈچۈن، ئۇنى ئىزدەپ كېلىدىغان ئەر-خوتۇنلارنىڭ نىكاھ تۇرمۇشى كۆڭۇللۇك ۋە نۇرمال بولسا، داۋالاش مۇددىتى سەككىز ھەپتىدىن 12 ھەپتىگىچە بولدىكەن . <...

  • قىش پەسلىدىكى ئاياللار جىنسىيەت ساقلىقىغا زىيانلىق ئادەتلەر

    ۋاقتى: 2015-12-07 ئاۋاتلىقى: 6007 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    قىش پەسلى يېتىپ كەلگەندە ،ھەممىمىز قېلىن كېينىشىكە باشلايمىز ،.بولۇپمۇ قىش پەسلى ،ئاياللار كېسەللىكى ئەڭ كۆپ كۆرۈلدىغان پەسىل.بۇ ۋاقىتتا ئاياللارنىڭ ئېمونىتىت ئىقتىدارى ئاسانلا تۆۋەنلەپ ،پەسىل ۋە ھاۋا كېلىماتىدىنن باشقا يەنە .ئادەملەرنىڭ جىنسىي تۇرمۇشىدىكى بىر قىسىم ساغلام بولمىغان ئامىللار تۈپەيلىدىن ،بۇمۇ ئاياللار كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقرىدىغان ئامىللاردىن بولۇپ قالدى .
    قىش پەسلى ئەتتىگەن كەچلىك تېمپۇراتۇرا پەرىقى چوڭ ،ھاۋا سوغۇق بولغانلىقتىن ،بىېئولوگىيلىك سائىتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ ،بۇ ۋاقىتتا كېسەللىك ئەڭ كۆپ تارقىلدىغنا ۋاقىت .شۇڭا ئاياللار بۇ ۋاقتىتا ئۆزىگە بەكرەك ككڭۈل بۆلۈپ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك .
    تار كىيىملەر ئاسانلا جىنسىي يول ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

    قىش پەسلى كىرگەندىن كېيىن ،ئاياللارنىڭ ئاق...

  • ئەرلەردىكى جىنسىي ئەندىشە

    ۋاقتى: 2015-09-16 ئاۋاتلىقى: 4204 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 44
    ئەرلەر زەكىرىنىڭ قايىم بولماسلىقىدىن ئەندىشە قىلسا ياكى ئالدىنقى قېتىم قايىم بولمىغان ئەھۋال كۆز ئالدىغا كېلىۋالسا، ئۇ چاغدا ئاخىر راستىنلا ئەرلىك ئاجىزلىق كېلىپ چىقىدۇ. ئاياللارمۇ ئۆزىنىڭ جىنسىي ھەمراھىغا قىزغىن ھېسسىياتتا بولالمىغانلىقى ئۈچۈن بىئارام بولىۋەرسە، ئاسانلا جىنسىي ھەۋىسى سۇسلىشىپ، دىققەت-ئىتىبارى باشقا تەرەپكە ئېغىپ كېتىدۇ. مەيلى ئەرلەر ياكى ئاياللار بولسۇن، ئۇلاردىكى كۈچلۈك خاتىرجەمسىزلىك ۋە قورقۇنچ باشقا ھەرقانداق ئىشنى بېسىپ چۈشىدۇ، ھەتتا كۈچلۈك جىنسىي تەلىپىنىمۇ بوغۇپ يوق قېلىۋېتىدۇ. بەزى گۇمانلىق، مۇرەككەپ كېسەللىك ئالامەتلىرى تەشۋىش، ئەندىشە تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. بەزىلەر جىنسىي مۇھەببەتنى بىر خىل ئويۇن دەپ بىلىدۇ، يەنە ئۇلار جىنسىي مۇھەببەتنى فىزىئولوگىيىلىك كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنى بەئەينى ب د ت نىڭ يىغىن زالىدا نۇتۇق سۆزلەش...
  • پاشا ئەيدىز ۋىرۇسىنى تارقىتالمايدۇ

    ۋاقتى: 2015-09-15 ئاۋاتلىقى: 1854 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 3
    پاشا سېرىق قىزىتما، بەزگەك قاتارلىق كېسەللەرنى تارقىتالايدۇ، بىراق ئەيدىز ۋىرۇسىنى تارقىتالمايدۇ.پاشىنىڭ بەزگەكنى تارقىتالىشىدىكى سەۋەب بەزگەك پلازمودىيەلىرى پاشىنىڭ تېنىگە كىرگەندىن كېيىن تېزلىكتە كۆپىيىدۇ، بەزگەك پلازمودىيەلىرىنى ئېلىپ يۈرگەن پاشىلار ئادەم چاققاندا، كۆپلىگەن بەزگەك پلازمودىيەلىرى چېقىلغۇچىنىڭ تېنىگە كىرىپ ئادەمنى يۇقۇملاندۇرىدۇ. پاشا ئادەم چاققاندا چېقىلغۇچىغا ئۆزىنىڭ ياكى ئالدىنقى قېتىم چېقىلغۇچىنىڭ قېنىنى كىرگۈزمەستىن بەلكى ئۆزىنىڭ شۆلگىيىنى كىرگۈزىدۇ، بۇنداق بولغاندا چېقىلغۇچى قېنىنىڭ تەبىئىي قېتىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ.ئادەتتە، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ھاشاراتلار تېنىدىكى ياشاش ۋاقتى قىسقا بولۇپ، ئۈزلۈكسىز كۆپىيەلمىگەچكە، پاشىنىڭ شۆلگىيىدىمۇ ئەيدىز ۋىرۇسى بولمايدۇ، نەشتىرىدە ئاز مىقداردا قان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىكى ۋىرۇس بەك ئاز بولغاچقا، چېقىل...
  • باكتېرىيەلىك جىنسىي يول ياللۇغى قانداق پەيدا بولىدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-09-15 ئاۋاتلىقى: 1897 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 8
    بەزى مۇتەخەسسىسلەر جىنسىي يولنىڭ ئىچىدە ئاز مىقداردا باكتېرىيە بار بولۇپ، مۇئەييەن باسقۇچىغا كەلگەندە بۇ باكتېرىيىلەر كۆپىيىشكە باشلايدۇ، دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەر جىنسىي يولدىكى باكتېرىيىلەر جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقىدىغان بولغاچقا، جىنسىي جورىسى قانچە كۆپ بولسا، باكتېرىيىلىك جىنسىي يول ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بېرىدۇ:«ئەگەر سىز بۇرۇن باكتېرىيىلىك جىنسىي يول ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ باققان بولسىڭىز ھەمدە بۇ كېسەلنىڭ قايتا قوزغىلىشىدىن ئەنسىرىسىڭىز، جورىڭىزغا گاندون ئىشلەتكۈزۈڭ». جىنسىي يولنىڭ قۇرغاق بولۇشىمۇ بىر خىل ئاۋارىچىلىق بولۇپ، ئايال كىشىنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىنىڭ يوقلۇقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر سىز بىر ئايال كىشى بولسىڭىز ھەم ئېرىڭىز بىلەن كارىۋاتقا چىققاندا ئۇ ...
  • ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولامدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-09-14 ئاۋاتلىقى: 2205 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 21
    ئەيدىز كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن دەۋرى ئادەتتە بىر يىلدىن ئون يىلغىچە بولۇپ،ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ تەخمىنەن%30ى بەش يىل ئىچىدە ئەيدىز كېسىلىگە تەرەققىي قىلىدۇ.بىراق يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئەيدىز كېسىلىگە تەرەققىي قىلمايدۇ.ئەمەلىي تۇرمۇشتا بىر قىسىم كىشىلەر نەچچە يىل(ئون يىلدىن ئارتۇق)ۋىرۇس ئېلىپ يۈرۈش ھالىتىدە بولسىمۇ،كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ ياكى ئەيدىز كېسىلىگە ئالاقىدار بولغان بەزى يېنىك دەرىجىدىكى ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.ئەمما بۇ كىشىلەر ئەيدىز ۋىرۇسىنى باشقىلارغا يۇقتۇرىدۇ....
  • ئەيدىز كېسىلى ۋە جەمىئىيەت ساغلاملىقى

    ۋاقتى: 2015-09-11 ئاۋاتلىقى: 1521 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 7
    ئەيدىز كېسىلى زىيىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەمىئىيەت ساغلاملىقىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۈلۇشنى جىددي تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. ئەيدىز كېسىلىنى چۈشىنەيلى،   ئەيدىز كېسىلى نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئاڭلىغان، بېشىنى ئاغرىتىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ بىرى، بۇ كىسەل بىر خىل سۈزۇلما خاراكتىرلىك ئىممۇنىتېت كۇچى كەمچىل بولۇش خاراكتىرىگە ئىگە بولغان كىسەللىك. بۇ يۇقۇملۇق كېسەلنى ئادەتتە AIDS دەپمۇ ئاتايمىز. ئۇ ئادەم تىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىتىمىسىغا بىۋاستە ھۇجۇم قىلىپ كىرەلەيدىغان ۋىروس، ئەيدىز كېسىلى T لىمفا ھۇجەيرىسىنى ئۆزىنىڭ ھۇجۇم قىلىش نىشانى قىلىدۇ، كۆپ مىقداردا يۇتۇۋالىدۇ، لىمفا ھۇجەيرىلىرىنى ۋەيران قىلىدۇ، شۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سىستىمىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچۇرتىدۇ. تۇلۇق ئوتتۇرنىڭ بىئولوگىيە دەرىسىدە  نۇرغۇنلىغان كورسەتمىلەر بار، ئەيدىز كېسىلىگە گىرپتار بولغانلار ئۆزنىڭ ئىممۇنىتېت سىستى...
  • ۋىروس سەۋەبىدىن بولغان جىنسىي كېسەللەر

    ۋاقتى: 2015-09-11 ئاۋاتلىقى: 1796 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 5
    1.ئەيدىز كىسىلى: ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان ئەيدىز كىسىلىمۇ بىر خىل جىنسىي كېسەللىك بولۇپ، ھازىر دۇنيادا تەخمىنەن 34 مىليون كىشى بۇ خىل جىنسىي كېسەللىك بىلەن يوقۇملىنىپ بولغان. ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يوقۇملانغاندىن كېيىن، يوقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىممونت سېستىمىسى ئەڭ ئالدى بىلەن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ-دە، ۋاقىتتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يوقۇملانغۇچىلاردا ئىممونت ئىقتىدارى كەمتۈكلۈكنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ، يەنى ئىممونت ئىقتىدارى ئاجىزلىغاندىن كېيىن كۆرۈلىدىغان ھەر خىل پۇرسەتلىك يوقۇملىنىشلار كۆرىلىدۇ. 2.جىنسىي ئەزا قاپارتمىسى:  قاپارتقۇ ۋىروسى بىلەن يوقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. قاپارتقۇ ۋىروسى قاپارتقۇ ۋىروسى I  ۋە  قاپارتقۇ ۋىروسى  II  دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. بۇرۇنلاردا ئېغىز- كالپۇكلارغا چىقىدىغان قاپارتمىنى قاپارتقۇ ۋىروسىI، جىنس...
  • ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولامدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-09-09 ئاۋاتلىقى: 1243 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 16
    ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ تېنىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن تەندىكى ئىممۇنىتېتلىق ھۈجەيرىلەر بىرىكىپ ئۇزۇن مۇددەت ھايات كەچۈرىدۇ ھەم ئۈزلۈكسىز كۆپىيىدۇ.ھازىرغا قەدەر ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئۆلتۈرىدىغان ياكى يوقىتالايدىغان دورىلار ئىجاد قىلىنمىدى،شۇڭا ھازىر ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتىشقا بولمايدۇ دېيىشكە بولىدۇ.بىراق كېسەل ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالانسا،كېسەللىك ئەھۋالىنى بىر مەزگىل كونترول قىلغىلى بولىدۇ....
  • پارازىتلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان جىنسىي كېسەللىكلەر

    ۋاقتى: 2015-09-06 ئاۋاتلىقى: 1495 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 1
    1.جىنسىي يول تامچە قۇرۇت كىسىلى: جىنسىي يول تامچە قۇرۇتى جىنسىي يول ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ بىر ھۈجەيرىلىك پارازىت قۇرۇت. ئۇ ئاساسەن سۈيدۈك يولى ۋە جىنسىي يولنى يوقۇملاندۇرىدۇ. بۇ خىل پارازىت بىلەن يوقۇملانغۇچى ئەرلەردە ئادەتتە ئالامەت كۆپ كۆرۈلمەيدۇ، لېكىن ئاياللاردا بولسا يەرلىك ئورۇن قىچىشىش، قىزىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ، سىيگەندە ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا بۇ ئالامەتلەر بەكرەك كۆرىلىدۇ. جىنسىي يول ئاجرالمىلىرى ئاقۇش، سارغۇچ، شىلىمشىق، سېسىق پۇرايدىغان كىلىشى مۇمكىن. ئادەتتە كۆپ قىسىم ئاياللاردا يوقۇملىنىپ 5 كۈندىن 28 كۈنگىچە بولغان ۋاقىتتا ئالامەت كۆرىلىدۇ. 2.تەسۋىسىمان باكتىرىيە كىسىلى (念珠菌病): تەسۋىسىمان باكتىرىيىدىن يوقۇملىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، تەسۋىسىمان باكتىرىيە گەرچە باكتىرىيە دەپ ئاتالسىمۇ، لېكىن...
  • باكتېرىيە سەۋەبىدىن بولغان جىنسىي كېسەللەر

    ۋاقتى: 2015-09-05 ئاۋاتلىقى: 1220 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 7
    1.سۆزنەك كېسىلى: سۆزنەك شارچە باكتېرىيىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان جىنسىي كېسەللىك بولۇپ، ئەرلەردىكى ئاساسلىق ئالامىتى سىيگەندە سۈيدۈك يولى قىزىشىپ ئاغرىش، سۈيدۈك يولى ئېغىزىدىن ئاقۇش (ياكى سارغۇش) شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئېقىش جەھەتتە كۆرىلىدۇ.   ئەرلەرگە سىلىشتۇرغاندا ئاياللار بۇ خىل كېسەل بىلەن ئاغرىغاندا، كۆپ ھاللاردا كىلىنكىلق ئالامەت كۆرۈلمەيدۇ، ئالامەت كۆرۈلگەنلىرىنىڭ ئاساسلىق ئالامىتى سۈيدۈك يولىدىن ئاجرالما ئېقىش ۋە داس بوشلۇقى ئاغرىش قاتارلىقلار. بۇ كېسەل بىلەن ئاغرىغۇچىلار ئەگەر ۋاقتىدا داۋالانمىسا، ئەرلەردە قۇشۇمچە ئورۇقدان ياللۇغى، ئاياللاردا داس بوشلۇغى ياللۇغى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ھەتتا پۈتۈن بەدەنگە تارقاپ، بۇغۇم، يۈرەك كىلاپانى قاتارلىقلارغا كېڭىيىپ، شۇنىڭغا مۇناسىپ كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. 2.كىلامىدىيە: كىلامىدىيە باك...
  • ئەيدىز توغرىسىدا

    ۋاقتى: 2015-09-04 ئاۋاتلىقى: 1794 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 14
    ئەيدىز جىنسىي تارقىلىشچان كېسەللەرنىڭ بىرى بولۇپ، تارقىلىش يوللىرى، خەتەرلىك ھەرىكەتلەر، چېتىلىدىغان ئادەملەر توپى ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى جەھەتتە ئادەتتىكى جىنسىي كېسەللەر بىلەن نۇرغۇن ئورتاقلىققا ئىگە. بولۇپمۇ جىنسىي ئەزالىرىدا يارا بار بولغان جىنسىي كېسەل ئاغرىقلىرى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئاسانلا يۇقۇملىنىدۇ ھەم ئەيدىز كېسىلىنى تارقىتىدۇ. باشقا جىنسىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلار ئەيدىز ۋىرۇسى  بىلەن يۇقۇملانغاندا، بەدەن ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ تۆۋەنلىشىشى سەۋەبلىك جىنسىي كېسەل جەريانى ئۇزاققا سوزۇلۇپ، كېسەل ئەھۋالى ئېغىرلايدۇ – دە، داۋالاش قىيىنلىشىدۇ ھەم ئاسانلا قايتا قوزغىلىدۇ، نەتىجىدە جىنسىي كېسەلنىڭ يۇقۇش دەۋرى ئۇزىراپ ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ. جىنسىي كېسەلنى ۋاقتىدا داۋالىغاندا جىنسىي يول ئاجرالمىلىرىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ، ئەي...
  • ئەيدىز كېسىلىىنىڭ قۇرئاندىكى مەلۇماتى

    ۋاقتى: 2015-08-31 ئاۋاتلىقى: 3199 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 94
    "قۇرئان كەرىم"تەبىئەت ۋە جەمئىيەت ھەققىدىكى مۇقەددەس قامۇسلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئوز مۇقەددەسلىگىدە يۇقۇرى ئىلىم-پەن ۋە ئىجتىمائىي پەلسەپىۋىلىككە ئىگە. چۈنكى، ئۇ تەبىئەت ۋە جەمئىيەت ھەققىدىكى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن بولۇپ، بۇ مەزمۇنلار بارلىق ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ۋە ھاياتلىق سىرلىرىغا بېرىپ تاقىلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن ئۇنىڭغا ئەيدىز ھەققىدىمۇ مەلۇماتلار ساقلانغان.  ئەيدىز(aids)كېسىلى بولسا ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەردە بولىدىغان ئېرىشمە خاراكتېرلىك ئىممونىتېت كەمتۈكلۈك يىغىندى ئالامىتى بولۇپ، بۇ كېسەل 1981-يىلى ئامېرىكىدا لەۋۋازلىق(كوتلۇك)بىلەن شۇغۇنلانغۇچى گىلتان ئىسىملىك بىر ياۋروپالىقنىڭ مۇشۇ كېسەل بىلەن ئۆلگەنلىكى بايقالغاندىن كېيىن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى ۋە قىسقىغىنە 20 يىل ئىچىدە پۈتۈن يەر شارىدا(1998-يىل يىل ئاخىرىغا قەدەر...
  • كېسەللىك ۋاقتى قىسقا بولغانغا يەتمەيدۇ

    ۋاقتى: 2015-08-30 ئاۋاتلىقى: 1761 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ئەر- خوتۇننىڭ ياكى شەخىسنىڭ جىنسىي كېسەللىكلەر دوختۇرىغا كۆرۈنۈشى كۆپىنچە قايىم بولماسلىق، يۇقىرى پەللىگە چىقالماسلىق، جىنسىي ھەۋەس سۇسلىشىش، مەنىي بالدۇر كېتىش،تەشۋىشلىنىش ۋە نىكاھتىكى جىدەل- ماجىرا قاتارلىق تۈرلۈك، ئوخشاش بولمىغان جىنسىيەت مەسلىلىرى تۈپەيلىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە قايىم بولماسلىق مەسلىسى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ. مەيلى قانداق مەسىلە بولسۇن، جىنسىي ئىقتىدارىدىكى بارلىق توسالغۇ مەسلىسىنى چوڭ جەھەتتىن ئىككى تۈرگە بۆلۈش مۇمكىن: بىرى، ھازىرقىسى، كېسەللىك ۋاقتى قىسقا بولغانلىرى؛ يەنە بىرى، زىيىنى ئېغىر ، بىر تەرەپ قىلىش قېيىن بولغان روھىي جەھەتتىكى چاتاقلار. ئومۇمەن ئېيىتقاندا، كېسەللىك ۋاقتى قىسقا چاتاقلارنى داۋالاش ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى بولىدۇ. كېسەللىك ۋاقتى قىسقا بىمارلارنى داۋالاشتا ،دوختۇرنىڭ خىزمىتى ماھىيەتلىك كېسەلنى يوشۇرۇپ تۇرغان يۈزەكى ...
  • ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئېغىز بوشلىقىدىكى ئىپادىسى

    ۋاقتى: 2015-08-13 ئاۋاتلىقى: 2557 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 9
    ئەيدىز كېسىلى (aids)دەپمۇ ئاتىلىدۇ،بۇ كېسەللىكنى ئىنسانلارنىڭ ئېرىشمە ئىممۇنىت كەملىك ۋىرۇسى(HIV) كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ،ھەر خىل ياشتىكى كىشىلەردە قوزغىلىدۇ.ئەمما 20–49 ياشتىكىلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ.يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى يوشۇرۇن دەۋرى 1–5يىل،قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 29 ئاي، ئۆسمۈرلەرنىڭ 12 ئاي بولىدۇ. ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالاھىدىلىكى: بىماردا ھۈجەيرە ئىممۇنىت ئىقتىدارى يېتىشمەسلىك ئېغىر بولۇپ ،ئورگانىزىم سىرتقى مۇھىتتىن يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ،ئوڭايلا شەرتلىك يۇقۇملىنىش (كارېن ئۆپكە قاپلىق قۇرت كېسىلى،HIVھۈجەيرە توقۇلمىسىغا ھۇجۇم قىلىپ قوزغىغان مەركىزى نېرۋا كېسەل ئالامىتى) ۋە ئاز ئۇچرايدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمە(كاپورس ساركومىسى،Burkittلىمفا ئۆسمىسى،خودگكىنىس لىمفا تۈگۈن ئۆسمىسى)قاتارلىقلارنى قوزغىتىپ،ئەڭ ئاخىرى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ. ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئاسا...
جەمئىي 1 بەت/16پارچە ئۇچۇر