جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەيدىز كېسىلىىنىڭ قۇرئاندىكى مەلۇماتى

ئەيدىز كېسىلىىنىڭ قۇرئاندىكى مەلۇماتى

ۋاقتى: 2016-07-15 ئاۋاتلىقى: 2993 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

"قۇرئان كەرىم"تەبىئەت ۋە جەمئىيەت ھەققىدىكى مۇقەددەس قامۇسلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئوز مۇقەددەسلىگىدە يۇقۇرى ئىلىم-پەن ۋە ئىجتىمائىي پەلسەپىۋىلىككە ئىگە. چۈنكى، ئۇ تەبىئەت ۋە جەمئىيەت ھەققىدىكى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن بولۇپ، بۇ مەزمۇنلار بارلىق ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ۋە ھاياتلىق سىرلىرىغا بېرىپ تاقىلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن ئۇنىڭغا ئەيدىز ھەققىدىمۇ مەلۇماتلار ساقلانغان. 
ئەيدىز(aids)كېسىلى بولسا ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەردە بولىدىغان ئېرىشمە خاراكتېرلىك ئىممونىتېت كەمتۈكلۈك يىغىندى ئالامىتى بولۇپ، بۇ كېسەل 1981-يىلى ئامېرىكىدا لەۋۋازلىق(كوتلۇك)بىلەن شۇغۇنلانغۇچى گىلتان ئىسىملىك بىر ياۋروپالىقنىڭ مۇشۇ كېسەل بىلەن ئۆلگەنلىكى بايقالغاندىن كېيىن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى ۋە قىسقىغىنە 20 يىل ئىچىدە پۈتۈن يەر شارىدا(1998-يىل يىل ئاخىرىغا قەدەر)13 مىليون 900مىڭ كىشى مۇشۇ كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلدى. يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 33 مىليون 400 مىڭ كىشىگە يەتتى. 8 مىليون 200 مىڭ ئۆسمۈر بالىلار ۋە بوۋاق مۇشۇ كېسەل پالاكىتىدىن يىتىم قالدى.
ھازىر بۇ كېسەل كۈنىگە 16 مىڭ ئادەم يوقۇملۇنىشتەك تىز سۈرئەتتە تارقالماقتا، بۇ ھەقىقەتەن ئادەمنى چۆچۈتىدىغان سانلىق مەلۇمات. مۇشۇ 20 يىل مابەينىدە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورۇنلار نەچچە مىليارد دوللار خەجلەپ بۇ كېسەلنى تەتقىق قىلىپ تۈرگە ئايرىپ چىققان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىملىك دورا بايقالمىغاچقا، بۇ كېسەل ھازىرغىچە داۋاسى يوق كېسەل بولۇپ قالدى. بۇ كېسەل تۇنجى بولۇپ بايقالغان گىلتان ئىسىملىك كىشى لەۋۋازلىق(كوتلۇك) بىلەن شۇغۇللانغۇچى بولۇپ، كەيىپ بۇ كېسەلنىڭ مەنبەسى لەۋۋازلىق ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.
لەۋۋازلىق(كوتلۇك) ئالەم ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان ۋە لەنەت ئوقۇيدىغان بەدقىلىقلارنىڭ بىرى بولۇپ، قانۇنىيەتلىك فونكىسىيگە ئىگە ئورگانىزمنى ئوز فونكىسىيسى بويىچە ئىشەنمىگەنلىكتىن كېلىپ چىققان. لەۋۋازلىق ھەققىدە قۇرئاندا مۇنداق بايانلار بار : "ھەزرىتى لوت ئەلەيھىسسالام ۋاقتىدا ھەزرىتى لوت قەۋمىدىن بىر نەچچە ئەر كىشى كېلىپ ھەزرىتى لوت ئەلەيھىسسالامغا لەۋۋازلىق قىلىش توغرىسىدا قىزىقتۇرغان ۋە بۇ ھەقتە ھەزرىتى لوت ئەلەيھىسسالامنى قىستىغان.
بۇ ۋاقىتتا ھەزرىتى لوت ئەلەيھىسسالام قەۋمىگە: ئەي ، قەۋم ، مىنىڭ قىزلىرىم سىلەرگە ھالال، ئۇلار بىلەن بىللە بولۇڭلار. شۇلار بىلەن كۆڭۈل ئېچىڭلار، دېگەن. بىراق لوت قەۋمى جاھىللىق بىلەن لەۋۋازلىق قىلىشتا چىڭ تۇرغاچقا، ئاللا تەرىپىدىن پۈتۈن قەۋم بويىچە ھالاك قىلىنغان." دېمەك، لەۋۋازلىق قەۋمى، ئىنسانىيەتنى ھالەك يولىغا باشلايدىغان تەبىئىي قانۇنىيەتنىڭ جازاسىغا يولۇقتۇرىدىغان بەدقىلىقتۇر.قۇرئاندا بايان قىلىنغان ھەزرىتى لوت قەۋمىنىڭ ھالەك قىلىنىشى كېيىنكى ئىنسانلار ئۇچۇن ئىبرەت ئىدى، ئەگەر ئىنسانلار قانۇنىيەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ئاساسىدىكى ئەزالىرىنى ئوز فونكىسىيگە خىلاپ ئىشلەتسە ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىشى تۇرغان گەپ ئىدى. دەرۋەقە شەرىم-ھايانى، ئادەمىي ئەخلاقنى ئۇنتۇغانلار لەۋۋازلىق بىلەن شۇغۇنلاندى. تەبىئىي قانونىيەتمۇ ئوز موجىزىسىنى كۆرسىتىپ ئۇلارنى ھالەك قىلدى.
قۇرئاندا بۇ ھەقتە: "ئاللا ھەرۋاقىت تەبىئەتتە ۋە ئىنسانلارنىڭ ئۆزىدە مۆجىزىلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئارقىلىق ئاللا ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ" دېيىلگەن.
دېمەك، ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇشى تەبىئىي قانۇنىيەتنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان، ئەخلاقى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان كىشىلەر ئۇچۇن كورسەتكەن بىر موجىزىسىدىن ئىبارەت.
دەرۋەقە بىر قىسىم ئالىملار ئەيدىز كېسىلى ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمايۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، "بىز بۇ كېسەلنىڭ ھەقىقى سەۋەبىنى مەڭگۈ بىلمەسلىكىمىز مۇمكىن" دېدى. لېكىن بىز يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن، قۇرئاندىكى بېشارەتلىك مەلۇماتلاردىن ئەيدىز(aids) كېسىلى ۋىرۇسنىڭ تەبىئىي قانۇنىيەت تەرىپىدىن يارىتىلغان تەبىئەت دۇنياسىدا ئەسلىدىن مەۋجۇت بولغان (ھەزرىتى لوت ئەلەيھىسسالام زامانىدىن باشلاپ) كېسەل پەيدا قىلغۇچى مىكرو ئورگانىزم ئىكەنلىكى، ئادەتتىكى ئەھۋالدا ھېچقانداق كېسەل پەيدا قىلمايدىغانلىقىنى، پەقەت ئۆزىگە پايدىلىق مۇھىت ۋە شارائىت(لۋۋۋازلىق) تا ئوسۇپ كۆپىيىپ، ئوز زەھىرى ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە بالايى-ئاپەت ئەلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.
ھازىرغىچە تىببىي ئىلىم ئەيدىز(aids)كېسىلىنى داۋاسى يوق ساقايماس كېسەل دەپ ھۆكۈم قېلىش بىلەن بىللە، ئۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى، ئالدىنى ئېلىش يولىنىڭ پەقەت ئوز-ئۆزىنى قەدىرلەش، پاكلىقنى ساقلاش، لەۋۋازلىقتىن قول ئۇزۇش، زەھەرلىك چېكىملىك چەكمەسلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. بۇ مەنە جەھەتتىن "قۇرئان كەرىم" ۋە ھەدىسلەردىن تارتىپ ھازىرقى زامان ئىلىم-پەن ئېچىپ بەرگەن قانۇنىيەتلەر بويىچە يول تۇتۇشىمىز، ئوز پاكلىغىمىزنى، نەسلىمىزنىڭ ساپلىقىنى ساقلىشىمىز، ھەر بىر ئىش-ھەرىكىتىمىزدە ئاشۇ مۇقەددەس تەلىماتلارنى تەتبىقلىشىمىز كېرەك.
مەنبە : ئەلھېكمەت تورى 
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگتىكى يازمىلار پەقەت ئەڭ نازۇك بولغان جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ئۇقۇملىرى ۋە ئۆگۈتلىرىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈشنى تۈپ مەقسەت قىلغان يانبىلوگ، يازمىلارنى پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەمەلىي ئىشلاردا يەنىلا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىش كېرەك! يازمىلاردا تىلغا ئېلېنغان كۆز قاراش پەقەت ئەسلى ئاپتۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى ئايرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn) غا ئەگىشىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى