بىر كېچىدە نەچچە قېتىم جىنسىي مۇناسىۋەت قىلسا مۇۋاپىق؟
ۋاقتى: 2016-08-15
ئاۋاتلىقى: 5642 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئەمدى بىر كېچىدە نەچچە قېتىم جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش، نەچچىلىك ۋاقىتتا بىر قېتىم جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش دېگەنلەرگە كەلسەك، بۇ ھەر بىر ئادەمنىڭ بەدەن ساپاسى، جىنسىي ئىقتىدارى دېگەندەك نەرسىلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. 20-30 ياشلاردىكى ۋاقىتلاردا ھەر كۈنى كەچتە جىنسىي ئالاقە قىلسىمۇ قانمايدىغان، بەزىدە تېخى كۈندۈزىمۇ يەنە بىر ۋاقلىق، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغۇچە يەۋالىدىغان ئىشلارمۇ بولىدۇ. بەزىدە 2-3 كۈندە بىر قېتىم جىما قىلىدىغان ئىشلارمۇ بولىدۇ. ئوتتۇرا ياش مەزگىللەردە بەلكىم ھەپتىدە بىر قېتىم ياكى ئىككى قېتىم بولۇشى مۇمكىن. ئەڭ ياخشىسى كەچتە بولغىنى ياخشى، چۈنكى بىر كېچە ئۇخلاپ بەدەنمۇ ئەسلىگە كېلىشى ياخشى بولىدۇ.
يېڭى توي قىلغان ياشلىق مەزگىللەردە، بىرىنچى كۈنى مەنى سەل بالدۇر چىقىپ كېتىشى مۇمكىن. ئىككىنچى كۈنى ئۇ تولۇق توشمىغاچقا، ئۇزاققا سوزۇپ ئايال كىشىنىڭكىنى يۇقىرى پەللىسىگە چىقىرىپ ۋەت-ۋەرىكىنى چىقىرىشقا كۈچى يېتىشى مۇمكىن. بەزىدە بىر كېچىدە ئىككى قېتىم جىنسىي ئالاقە قىلىشقا توغرا كەلسە، بىرىنچى قېتىملىقتا ئەرنىڭ سەل بالدۇر كېلىپ ئايال كىشى تېخى يۇقىرى پەللىسىگە چىقالمىغان بولسا، 20 مىنۇت ياكى يېرىم سائەتلەردىن كېيىن سايمان ئىشقا چۈشسە، ئايال كىشىنى رازى قىلغۇچە ھېچنەرگە كېلىپ قالماسلىقى مۇمكىن.
ساغلام ئادەملەر مەن يۇقىرىدا دېگەندەك بولۇشى نورمال بولۇشى مۇمكىن. بەك كۆپ جىنسىي ئالاقە قىلىشمۇ بەدەننى خورىتىدۇ. شۇڭا، ھەر بىر ئەر-خوتۇن ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالىغا يارىشا قېتىم سانىنى بەلگىلىۋالسا بولىدۇ.
مۇشۇنداق ھالال جىنسىي ئالاقە ئەر-خوتۇنلارنىڭ روھىي ۋە بەدەن ساغلاملىقىغا پايدىلىق. چۈنكى ئادەم ئۈچۈن مۇھەببەت ئېھتىياجى بولىدۇ. ئانانىزىم ۋە زىنا بولسا، پەقەت جىنسىينى قاندۇرغاندەك بىلىنگەن بىلەن بەدەننى خورىتىدۇ، كېسەل قىلىدۇ، جىنسىي كېسەل قىلىدۇ، ئەرلەر ئاسانلا مەزى بېزى ياللۇغلىنىشى مۇمكىن.