زەكەر كىچىك بولسا، قايىم بولۇش دەرىجىسىمۇ كىچىك بولامدۇ
ۋاقتى: 2016-09-08
ئاۋاتلىقى: 2367 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
نۇرغۇن كىشىلەر، زەكەر كىچىك بولسا، قايىم بولۇش دەرىجىسىمۇ كىچىك بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، زەكەرنىڭ قايىم بولۇش دەرىجىسى بىلەن زەكەرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوڭ تاناسىپ بولالمايدۇ. ئەكسىچە، تىنچ ھالەتتىكى چاغدا كىچىكرەك بولغان زەكەرنىڭ قايىم بولۇش دەرىجىسى نىسبەتەن چوڭ، چوڭراق بولغان زەكەرنىڭكى نىسبەتەن كىچىك بولىدۇ.
ماتېرىياللادا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تىنچ ھالەتتىكى چاغدا ئۇزۇنلۇقى 7.5~9 سانتىمېتىر بولغان زەكەر قايىم بولغاندا بىر ھەسسە دېگۈدەك ئۇزىراپ، 15~17 سانتىمېتىرغا يېتىپ بارىدىكەن؛ تىنچ ھالەتتىكى چاغدا ئۇزۇنلۇقى 10~11.5
سانتىمېتىر بولغان زەكەر بولسا، قايىم بولغان چاغدا يەتتە سانتىمېتىرچە ئۇزىرايدىكەن. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، زەكەرنىڭ قايىم بولغان چاغدىكى ئۇزۇنلۇق دەرىجىسى بىلەن زەكەرنىڭ ئەسلىي ھالەتتىكى چوڭ-كىچىكلىكىنىڭ بىۋاستە مۇناسىۋىتى بولمايدۇ.
ئۇنىڭدىن سىرت، جىنسىي يولنىڭ كېڭىيىش-تارىيىش خۇسۇسىيىتى بولغاچقا، ئۇ زەكەرنىڭ چوڭ ياكى كىچىكلىكىگە ئوبدان ماسلىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە، شۇڭا زەكەر تولۇق قايىم بولالىسىلا، ئۇنى جىنسىي يولغا كىرگۈزۈپ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغىلى بولىدۇ.
ئەگەر تېخىمۇ كۆپ جىنسىيەت بىلىملىرىگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، جىنسىيەت ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn)غا bz دەپ قايتۇرۇپ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرغا ئېرىشىڭ.
ئەگەر «ﺧﻮﺗﯘﻧﻼﺭ ﺋﻪﺭ-ﺧﻮﺗﯘﻧﻠﯘﻕ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﺎﮪﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ» ناملىق يازمىغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز جىنسىيەت ئۈندىدار سۇپىسىغا x019 دەپ قايتۇرۇپ ئېرىشىڭ!
Tags: