زىنا، ئانانىزىم ۋە جىنسىي ھوزۇر
ۋاقتى: 2016-07-29
ئاۋاتلىقى: 5557 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
توي قىلغان كىشىلەرنىڭ جىنسىي تۇرمۇشىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشى ،ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ مۇھەببەت ئېھتىياجى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، ئىككى ئادەمنىڭ بىر پۈتۈن ئادەمگە ئايلىنىپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىدە مۇھىم ئىشنىڭ بىرىدۇر.
جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش ئىككى جىنسنىڭ تەبئىي ئىقتىدارى بولسىمۇ، ئادەم باشقا ھايۋانلارغا ئوخشاشمايدىغان تەرەپلەر بار. چۈنكى، ئادەم جەمئىيەتنىڭ ئادىمى.
ئەر-خوتۇن بولۇپ ئائىلە قۇرۇشتىمۇ جىنسىي ئىنتىلىش مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. شۇڭا، ئەر ئاياللار جىما (ھالال جىنسىي مۇناسىۋەت) توغرىسىدا بەزى ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، مۇشۇ جەھەتتە تۇرمۇشى كۆڭۈلدىكىدەك ياخشى بولسا، ئەر-خوتۇننىڭ مۇھەببەتلىك ئىناق-ئىتتىپاق تۇرمۇشىنى راۋاجلاندۇرۇپ مېڭىشىغا پايدىسى كۆپ.
ناۋادا ئەر ياكى ئايال جىمانىڭ لەززىتىنى تېتىماي داۋام قىلسا، ئىككىسىنىڭ بۇ جەھەتتە ماسلاشمىغانلىقى بولۇپ، بولۇپمۇ ئايال كىشى بۇنىڭ لەززىتىنى تېتىمىسا، قانائەت قىلمىسا، ياكى ئەسلى يېتىشكە تېگىشلىك پەللىسىنى كۆرەلمىسە، جىنسىي ئىنتىلىشى تۆۋەنلەپ، قىزىقىشى ئاجىزلاپ، ئەرنى بۇ جەھەتتىكى ئەرلىكىنىڭ ئۇنىڭغا ھۇزۇرى بولمىغاندىكىن، باشقا كىچىككىنە تۇتۇمغا كەلمەيدىغان ئىشلاردا جېدەل چىقىرىدىغان، ئاسان تېرىكىدىغان مىجەزى ناچارلىشىدىغان، مانا مۇشۇنداق ئىشلارنى ئەر ئەرنىڭ تەپەككۇرى بىلەن ئەرنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئايال كىشىگە مۇئامىلە قىلىپ، شۇنىڭ بىلەن ئىككىسىنىڭ مېھرى-مۇھەببىتى سۇسلاپ، ئاخىرىدا يامانلىشىپ نىكاھنى بۇزىدىغان ئاقىۋەتلەرگە تەرەققىي قىلىپ كېتىشى مۇمكىن.
مەيلى ئەر بولسۇن، ياكى ئايال بولسۇن قارشى تەرەپنىڭ پىسخىكا ۋە باشقا جەھەتلەردىكى پەرقلەرنى بىلىشى زۆرۈر.
بولۇپمۇ ئەر بولغۇچى، ئايال كىشىنىڭ ئۆزى بىلەن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى بىلىشى لازىم. ئەپۇچان، كۆيۈمچان، مەسئۇلىيەتچان بولۇشى لازىم. ئايالغا خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بېرەلەيدىغان، ئۇنى يېتەكلىيەلەيدىغان بولۇشى مۇھىم. شۇنداق بولغاندا، ئايال كىشىنىڭ مۇھەببىتىنى داۋاملىق پەرۋىش قىلىنىشىغا ھەسسە قوشۇلىدۇ. شۇنىڭغا بىرلىشىپ، جىنسىي تۇرمۇشىدا چوقۇم ئايال كىشىنى قاندۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماسلىق لازىم. قاندۇرۇش دېيىلسە، جىنسىي ئالاقىدە ئايال كىشىمۇ خۇددى ئەر كىشى يۇقىرى پەللىسىدە مەنى قۇيۇپ بەرگەن چاغدىكىدەك، ئايال كىشىمۇ شۇ دەرىجىسىگە چىقىشى لازىم. شۇندىلا ئايال كىشى شۇ قېتىملىق جىنسىي ئالاقىنىڭ تەمىنى تېتىغان، شۇ قېتىملىق جىنسىي ئالاقىدىن قانائەت ھاسىل قىلغان بولىدۇ. ئەرلەر يۇقىرى پەللىسىدە مەنى قۇيۇپ بېرىدۇ، شۇ سۇيۇقلۇق ئېتىلىپ چىقىۋاتقان پەيتلەردە ناھايىتى ھۇزۇر ھېس قىلىدۇ (بۇ بىر قانچە سېكۇنتلا داۋام قىلىدۇ). ئايال كىشىمۇ شۇنداق پەللىسىگە يەتكەندە خۇددى شۇنداق بولىدۇ، ھەم ئايال كىشىنىڭ شۇ ھۇزۇر ھېس قىلىشى ئەرلەرنىڭكىدىن ئۇزۇن ھەم كۈچلۈك بولۇشى مۇمكىن. شۇ ھۇزۇرى ئايال كىشىنىڭ ئېسىدە چوڭقۇر تەسىر قىلىپ، كېلەر قېتىملىقمۇ شۇنداق ھۇزۇر بولۇشىغا تەقەززا بولۇپ، بۇ ئەرنى ھەر ۋاقىت ئەسلەپ، ئۇنى سېغىنىپ تۇرۇشى مۇمكىن.
ئەر كىشىمۇ ئەنە شۇ نەچچە مىنۇتلۇق ھوزۇرنىڭ كۈچىدە بۇ جىنسىي تۇرمۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، ھەم تېخىمۇ ھوزۇرلۇق بولۇشىغا ئىنتىلىدۇ، ھەم بۇ ئايال زاتىغا ئامراق بولىدۇ... مانا مۇشۇنداق بولۇپ، ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە جىنسىي تۇرمۇشىنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشىنىڭ ھەسسىسى چوڭ بولىدۇ.
ئەرلەر جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقىرى پەللىسىگە چىقىپ مەنى قۇيىۋەتسىلا بۇ قېتىملىق جىنسىي ئالاقىدىن قانائەت ھاسىل قىلغاندەك ھېس قىلىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، بىر قېتىملىق جىنسىي ئالاقىنىڭ ھوزۇرىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئۈچۈن، چوقۇم مۇھەببەت ئىچىدە بولۇشى زۆرۈر بولىدۇ. بولۇپمۇ ئايال كىشى تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ. كۆڭۈلدە ناھايىتى خاتىرجەملىك ئىچىدە بولۇشى لازىم بولىدۇ. جىما بىلەن زىنانىڭ ئەر-ئاياللارغا كەلتۈرىدىغان ھۇزۇرى ھەرگىز ئوخشاش ئەمەس!
زىنادا پەقەت جىنسىي تەلەپلا بار. يۇقىرى پەللىسىگە چىقىپ مەنى قۇيىۋەتسىمۇ، مۇھەببەتلىك ھەم پاكلىق مۇجەسسەملەنگەن جىمادا ھاسىل بولىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك ھۇزۇرنى زىنادىن ئالغىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدا پاكلىق يوق. باشقىلارنى بۇلغاش نەتىجىسىگە ئالغان ھۇزۇر ھەرگىز پاكلىق ئاساسىدىكى ھوزۇرچىلىك بولمايدۇ. يەنە مۇھەببەتنىڭ ھۇزۇرى بولمايدۇ. ئەر كىشىلەر ياكى ئايال كىشىلەر قۇلى بىلەن ياكى جىنسىي ئەزاغا ئوخشىتىپ ياسىغان نەسىلەر بىلەن ئوينىتىپ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەندىمۇ، ھەرگىز قانائەت ھاسىل قىلغىلى بولمايدۇ. ھەر قېتىم ئانانىزىم قىلغاندا مەنى ئېتىلىپ چىققاندىكى ھۇزۇرى يۈز بەرگەن بولسىمۇ، يەنىلا قارشى جىنسقا ئىنتىلىش مەۋجۇت بولغانلىقىنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ. چۈنكى بۇ ئادەمنى كۆڭلى ئىچىدە قانائەت ھاسىل قىلدۇرۇىدىغان جىنسىي ئالاقە ئەمەس. جىنسىي ئالاقە شۇنداق مۇرەككەپ مەزمۇنلەر يۇغۇرۇلغان نەرسە بولۇپ، ئانانىزم ۋە زىنا يوللىرى بىلەن بۇنى قاندۇرماقچى بولغاندا، ئەلەرنىڭ مەزى بېزى ياللۇغىنى كەلتۈرۈشكە ھەسسە قوشىدۇ. ھەم پىسخىكا ۋە باشقا جەھەتلەردە ئاجىزلىىشىشقا ئېلىپ بارىدۇ.