قىش پەسلىدىكى ئاياللار جىنسىيەت ساقلىقىغا زىيانلىق ئادەتلەر
ۋاقتى: 2016-11-12
ئاۋاتلىقى: 6021 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
قىش پەسلى ئەتتىگەن كەچلىك تېمپۇراتۇرا پەرىقى چوڭ ،ھاۋا سوغۇق بولغانلىقتىن ،بىېئولوگىيلىك سائىتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ ،بۇ ۋاقىتتا كېسەللىك ئەڭ كۆپ تارقىلدىغنا ۋاقىت .شۇڭا ئاياللار بۇ ۋاقتىتا ئۆزىگە بەكرەك ككڭۈل بۆلۈپ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك .
تار كىيىملەر ئاسانلا جىنسىي يول ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
قىش پەسلى كىرگەندىن كېيىن ،ئاياللارنىڭ ئاق خۇنى كۆپ كېلىپ ،غەيرى پۇراق پەيدا بولىدۇ ،بۇ بولۇپمۇ كىيمنى خاتا كىيىپ قالغانلىقتىن بولۇشى مۇمكىن .
كىرئالغۇدا كەلتە ئىشتان يۇيۇش ئارقىلىق ياللۇغ پەيدا بولۇش .
ئەگەر سىز ساقلىقنى ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىيەلمىگەن بولسىڭىز ،كىرئالغۇ كېسەللىك تارقىتىدىغان نەرسە بولۇپ قالىدۇ .بولۇپمۇ ھازىرقى زاماندىكى كىشىلەر ئاپتۇمتىك بولغان كىرئالغۇنى ئىشلىتىشكە ئامراق بولغانلىقتىن ،بۇنىڭدىن سۇ ئاسانلاىقچە چىقىپ كەتمەيدۇ ،ھەمدە نۇرغۇنلىغان مىكروپلارنى پەيدا قىلىدۇ.بەزى مىكروپلارنى ئاپتاپقا قاقلاش ئارقىلىق يۇقاتقىلى بولىدۇ ،ئەگەر بۇ مىكروپلار كالتە ئىشتانلار چاپلىشىپ قالسا ،ئاياللار بولغان زىيىنى كۆپ بولىدۇ .
شۇڭا سىزنىڭ كالتە ئىشتان قاتارلىق ئىچ كىيىملىرىڭىزنى قولىڭىزدا ئۇۋلاپ ،قاتتىق سوپۇن بىلەن يۇيشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز ،بولۇپمۇ ھامىلدار ئاياللار بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى لازىم،يۇيۇپ بولغان ئىچ كىيىملەرنى ئېلىپ چىقىپ ھاۋا ئۆتىدىغان ،ئاپتاپ جايلارغا قاقلاش لازىم .
ھەيىز قەغىرى ئىشلىتىش ئارقىلىق ياللۇغ پەيدا بولۇش .
نۇرغۇنلىغان ئاياللار ھەيىز قەغىزىنى جىنسىي يولىنى ئاسرىغۇچى نەرسە دەپ ئويلايدۇ .بىراق بۇنداق ئويلاش ئىنتايىن خاتا ،چۈنكى ھەيىز قەغىزىنى كۆپ ئىشلەتكەندە ،ھاۋا ئۆتۈشمەي مىكروپلانىڭ جانلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ،كېسەللىكلەرنى تېخىمۇ تېز پەيدا قىلىدۇ ،شۇڭا ھەيىز مەزگىلىدە قىشقا مەزگىل ھەيىز قەغىزى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز ،ھەم ئىشلەتكەندە كۈندە ئالماشتۇرشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
مەنبە: سىرداش سالونى