زىنا قىلغان ئاياللار توي قىلسا بولامدۇ
ۋاقتى: 2016-10-09
ئاۋاتلىقى: 2943 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
كۆپچىلىك ئالىملار زىنا قىلغان قىز ياكى ئايالنى ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلغان ئەر ياكى باشقا ئەر نىكاھىغا ئالسا جائىز بولىدۇ، دەپ قارايدۇ، بۇ ساھابىلاردىن ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر، ئۆمەر، ئىبنى مەسئۇد قاتارلىق كاتتىلىرىمىزنىڭ ۋە يەنە بىر مۇنچە تابىئىيلارنىڭ ۋە كۆپچىلىك شەرىئەت ئىماملىرىنىڭ قارىشىدۇر.
بۇلاردىن بىر قىسىم ئالىملار زىنادىن ئىددەت تۇتىشى كېرەك دەپ قارايدۇ. بۇ قاراشقا ئاساسەن ئىددەت توشقاندىن كېيىن ئۇ ئايالنى نىكاھىغا ئالسا بولىدۇ. ئىددەت تۇتۇشتىكى مەقسەت باشقىلارنىڭ بالىسى باشقىلارغا مەنسۇب بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر.
ئاز بىر قىسىم ئالىملار زىنا قىلغان ئايالنى ئىپپەتلىك كىشى ئالماقچى بولسا ئۇ ئايال قىلمىشىدىن تەۋبە قىلغاندىن كېيىن ئاندىن نىكاھىغا ئالسا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئايال ھامىلىدار بولغان تەقدىردە بەزى تەپسىلاتلار بايان قىلىنىشى ۋە دىققەت قىلىنىشى كېرەك، بەزىلەر ئايال ھامىلىدار بولسىمۇ زىنا قىلغۇچى ياكى باشقىسى دەرھال ئۇ ئايال بىلەن توي قىلىپ بىللە بولسا بولىۋېرىدۇ، چۈنكى زىنادىن بولغان ھامىلىدارلىقنىڭ ھۆرمىتى بولمايدۇ، دەپ قارىغان. بۇ ھەنەفىي ۋە شافىئىي مەزھەب ئالىملىرىنىڭ قارىشى. لېكىن باشقىلار: ئىددەت تۇتىدۇ، دېگەن، بۇ قاراش ياخشىراق.
شۇڭا سىز زىنا قىلمىغان ئىپپەتلىك كىشى بولسىڭىز زىنا قىلغان قىز بىلەن توي قىلسىڭىز بولىدۇ، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولىدۇ، ئەمما سىزمۇ زىنا قىلىپ قالغان كىشى بولسىڭىز باشقا بىر زىنا قىلغان ئايال بىلەن توي قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ، چۈنكى ئىككىڭلار ئوخشاش دەرىجىدىكى كىشىلەر ھېسابلىنىسىلەر.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «زىنا قىلغۇچى ئەر پەقەت زىنا قىلغۇچى ئايالنى ياكى مۇشرىك ئايالنىلا ئالىدۇ، زىنا قىلغۇچى ئايال پەقەت زىنا قىلغۇچى ئەرگە ياكى مۇشرىككىلا تېگىدۇ، ئۇ (يەنى زىنا) مۆمىنلەرگە ھارام قىلىندى» نۇر سۈرىسى 3-ئايەت.
ئەمما زىنا جىنايىتىنىڭ گۇناھىغا نىسبەتەن سىلەر زىنادىن تەۋبە قىلىپ قەتئىي بۇنداق پاسكىنا ئىشنى قىلىپ سالماسلىققا بەل باغلاپ ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تەلەپ قىلساڭلار جانابى ئاللاھ ئۆز مەرھىمىتى بىلەن ئەپۇ قىلىۋەتكەي.
ئەگەر تېخىمۇ كۆپ جىنسىيەت بىلىملىرىگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، جىنسىيەت ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn)غا bz دەپ قايتۇرۇپ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرغا ئېرىشىڭ.
ئەگەر «ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ» ناملىق يازمىغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز جىنسىيەت ئۈندىدار سۇپىسىغا x006 دەپ قايتۇرۇپ ئېرىشىڭ!
Tags: