• Blog يازغۇچىسى تەكلىپ قىلنىدۇ. Invitation to write Jeck's Blog. - [Notice ئۇختۇرۇش]

    2008-08-24

    Blog يازغۇچىسى تەكلىپ قىلنىدۇ.
    پېقىر بلوگ ئاچقاندىن بىرى كۈڭلۈمدە ئىلىم پەن توغرىلىق دائىم ۋاقىت چىقىرىپ يېزىپ تۇرسام دەپ ئويلاپ بىر نەچچىنى يازدىم، مەسىلەن نوبىل مۇكاپاتى،(1) (2) (3) ، ئالەم ۋە ئالەمنىڭ تەقدىرى توغرىلىق مۇھاكىمە (1) (2)  قاتارلىق. لېكىن ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن دائىم يېزىپ بۇلالماي قالدىم. بلوگنى قايتا ئاچقاندىن كىيىن يەنە شۇلارنى داۋاملاشتۇراي دىسەممۇ  ئۈزەم يالغۇز سىجىل داۋاملاشتۇرالمايدىغاندەك تۇرىمەن.  شۇڭا مۇشۇ توغرىلىق ماتىرىيال قىلىپ يېزىپ بۇلالمىساقمۇ لېكىن بۇلۇۋاتقان ئەڭ يىڭى پەن تېخنىكا خەۋەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ بۇلسىمۇ ئوقۇرمەنلەرگە يەتكۈزسەك دىگەن خىيال بىلەن شۇنى قىلالايدىغان  بالىلار بولسا تەكلىپ قىلسام  دىگەن ئۈمىتتىمەن. تەلەپ:
    1) ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن ئىككى ھەپتىلەردە بىر قېتىم تىما يوللىيالايدىغان بۇلۇشى كىرەك. تىما مەزمۇنى جىق بولمىسىمۇ لېكىن سىجىل بولۇشى كىرەك. بىر دەم قىززىپ كىيىن يوقاپ كىتىدىغان بولسىڭىز ئىزدىمەڭ.
    2) مۇستەقىل ئىش بىجىرىش ئىقتدارى بولۇشى كىرەك. دەسلەپتە مەن مۇھىم خەۋەرلەر ياكى مەزمۇنلارنى ۋە تور بەتلەرنى كۈرسىتىپ بىرىمەن، كىيىن ئۈزىڭىز  مۇستەقىل قىلىسىز.
    3) ئىنگلىسچە ۋە خەنزۇچە پەن تېخنىكا ماقالىلىرىنى ئوقۇپ چۈشىنىش ئىقتدارى بۇلۇشى كىرەك.

    2. ئۇندىن باشقا يەنە ئۈزەم قىززىقىدىغان كىنو سەھىپىسىگە شۇ جەھەتتە ئامرىكدىكى كىنو ۋە ئارتىسلار توغرىلىق مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە، شۇلار توغرىلىق ئەڭ يىڭى ئۇچۇرلارنى توردىن كۈرۈپ، تەرجىمە قىلىپ ياكى ئۈزلەشتۈرۈپ سىجىل ھالدا تىما ئىلان قىلالايدىغانلار بولسا تەكلىپ قىلىمەن. تەلەپ: ئىنگلىسچە بىلىشى، ئەڭ يىڭى ئۇچۇرلارنى تەمىنلىيەلىشى كىرەك.

    تەكلىپ قىلىنغانلار چوقۇم كومپۇتېر ۋە تور مەشغۇلاتلىرىغا پىششىق بولۇشى كىرەك. تەكلىپ قىلىنغاندىن كىيىن بلوگنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى بىرىلىدۇ.  ئۆزىڭىز يېزىپ، ئۈز نامىڭىز  بىلەن ئىلان قىلىسىز.  بلوگتا ئىلان قىلىپ 2 كۈن ئۈتكەندىن كىيىن بلوگ ئادىرسىنى ئەسكەرتىپ باشقا مۇنبەرلەرگە كۈچۈرۈپ تارقاتسىڭىز بۇلىدۇ.

    يۇقارقىلارنى قىلالايمەن دەپ قارىغانلار مۇشۇ تىمىنىڭ ئاستىغا ئىنكاس يېزىپ ئۈزىڭىز توغرىلىق مەلۇم چۈشەنچە بىرىڭ. ئاشكارا قىلىشنى خالىمىغانلار ئىلخەت يازسڭىزمۇ بۇلىدۇ. ئىلاجى بولسا يېزىپ باققان بىر تىمىسى بولسا ياكى بىر تىما يېزىپ نۇسخا قىلىپ كۆرسەتسە ئاۋال ئويلىشىمەن.
    كولتىگىن ئەپەندىنىڭ قوشۇلىشى بلوگنى يىڭى بىر مەزمۇن بىلەن تەمىنلىدى، يەنە 3-4 كىچە ياراملىق بالىلار قېتىلسا بلوگنى تەڭ راۋاجلاندۇرساق ئوقۇرمەنلەر ھەر قېتىم كىرگەندە كەم دىگەندە بىر يىڭى تىما كۈرسە ياخشى بۇلاتتى دەپ ئويلايمەن،

    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • بۇمۇ بولىدىغان گەپ ئىكەن ،ئېنگىلىز تىلى سەۋيىسى ياخشىراق ،ۋاقتى بار ياشلار ئۈچۈن ئۈگۈنۈش پۈرسىتى دىسەكمۇ بولغۇدەك .
  • مەن سىزنىڭ ھازىرقى ۋە بۇرونقى بىلوگ بولسون ھەمىسىنى ياخشى كۆرىمەن. بەلكىم قىزىقىشىمىز ئوخشايدىدىغاندۇ.
    مەنمۇ ئەزابولايدىگەنتىم مەن تېما يوللىغان
  • Men daim kirip sizni yoklap turimen .yingi makalilar bolmisimu .qunki bu tor bitini bek kiqikip biliptimen emesmu, xunga bu yerdiki eserlerni tihi korup bolalmidim.birak yenila sizni korgili kirimen ha ha ….
  • Jek ependimge bisim kilip koysak yahxi bolmas .qunki baxkilar yene ugunux kilishi kirek xundakmu ?
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    << يۈكسەل بلوگى >> دا ، ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلماقتا. بىز سىزنى مەزكۇر پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىمىز!
    ھۆرمەت بىلەن
    يۈكسەل بلوگى
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    << يۈكسەل بلوگى >> دا ، ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلماقتا. بىز سىزنى مەزكۇر پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىمىز!
    ھۆرمەت بىلەن
    يۈكسەل بلوگى
  • مەن ئالدىنقى قىتىم ئالاقە قىلغان ئادىرىس بويىچە سىزگە خەت يىزىۋەتكەن.كەلمىسە ياكى gmailئادىرىسىڭىزدا ئۆزگىرىش بولغان بولسا ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن .
  • مېنىڭ باشقا تىلدىن خەۋىرىم يوق، بولمىسا مەنمۇ ھەمكارلىشىپ بىرەركەنمەن، بىز تەرەپلەرگىمۇ دەسسەپ قۇيارسىز
  • بۇ جېك ئەپەندىنىڭ بلوگىمۇ -ئەمەسمۇ ؟ مېنىڭ ئېسىمدە قېلىشىچە جېك ئەپەندىنىڭ ئەسلىدىكى بلوگىدا ئىلىم- پەنگە ئائىت يازمىلار، ياشلارنى ئۈگىنىشكە يېتەكلەيدىغان ناھايىتى قىزغىن ھىسسىياتلىق، ياخشى ماقالىلار ئۈزۈلمەيتتى، كۈندە كۆرۈشكە تەشنا ئىدىم، كونا بلوگ توختاپ قالغاندا كۆڭلۈم ئىنتايىن" 2 نىڭ مىنوس بىرىنچى دەرىجىسى" بولغان ئىدى. قانداقلا بولمىسۇن جېك ئەپەندى يېڭى بىلوگىنى ئۇزۇنغا قالماي يەنە ئېچىۋالدى، مەنمۇ كونا دوستۇمنى تاپقاندەك ناھايىتى خوشال بولدۇم، مانا بىر ئايدەك ۋاقىت ئوتۈپتۇ. كۇندە كومپيۇتېرنى قوزغىتىپ تۇنجى قىلىدىغان ئىشىم بلوگقا كىرىش، لېكىن نىمىشقىكىن مەن بۇ بلوگنى بۇرۇنقى "جېك تور خاتىرىسى" گە پەقەتلا ئوخشىتالمىدىم ، ھازىرقى بلوگدا پەقەتلا كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىدىكى چولپانلارغا ئائىت، سىياسىغا ئائىت يازمىلار ۋە جەمىيەتتىكى بەزى ئىجتىمائى ھادىسىلەرگە ئائىت ماقالىلار چىقىۋاتىدۇ. جېك ئەپەندىنىڭ نىمە سەۋەبتىن ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكنى تەھلىل قىلىپ يۈرۈشكە ھەققىمىز يوق، لېكىن بىر نەرسە ئېنىقكى شەخسەن مېنىڭ جېك ئەپەندىگە بولغان ھۆرمىتىم ئۇنىڭ ئىلىم پەنگە بولغان ئىنتىلىشى ۋە ئىرادىسى تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىلىم پەنگە يېتەكلەيدىغان قىزغىنلىقىدىن كەلگەن، مېنىڭچە بۇ جېك ئەپەندىنىڭ بلوگىنىڭ مەۋجۈت بولۇش ۋە تەرەققى قىلىشتىكى خاسلىقى، ئاخىرىدا جېك ئەپەندىنىڭ بلوگىنىڭ بۇرۇنقى يولىغا قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
    Jeck回复ئالىپ说:
    ماڭا ۋە بۇ بلوگقا كۈيۈگەنلىكىڭىزگە كۈپ رەھمەت. بۇ ئىنكاسنى كۈرۈپ ناھايتى خوشال بولدۇم.
    مەن بۇرۇنمۇ بىر قېتىم دەپ ئۆتكەن. مىنىڭمۇ ئىلاجى بولسا دەسلەپ ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەرگە كىرگەن ۋاقىتلاردىكىدەك دائىم دىگۇدەك ئۈگىنىش ۋە ئىلىم پەن توغرىلىق تىمىلاردا يېزىپ تۇرغۇم بار. ھەم سىز دىگەندەك بۇ بلوگنىڭ ئەسلى باشلىنىشى شۇنداق باشلانغان. لېكىن خېلى ئۇزاق بولدى مەن بۇرۇنقىدەك ھەپتىدە كۈنلەپ ئولتۇرۇپ ئۇنداق مەخسۇس تىمىلارنى يازالمايدىغان بولۇپ قالدىم. چۇنكى دەسلەپ كەلگەندە دەرىس ئوقۇشتىن باشقا جىق ئىشلار يوق، بېسىممۇ جىق يوق، ۋاختىم ئازراق بار ئىدى. شۇڭا يېزىپ تۇراتتىم، ھازىرقى ۋاقىتلارنى ئۇنىڭغا سېلىشتۇرالمايمەن. ھازىر ئۇنداق ۋاقىت چىقىرىپ بۇرۇن يازغاندەك يازالمايمەن. . يوق نەرسىنى كاللىدا پىششىقلاپ ئىشلەپ قۇراشتۇرۇپ ئۈزىڭىزگە ۋە باشقىلارغا يارىغۇدەك نەرسە قىلىش ئۈچۈن بىر جەريان كىتىدۇ. كومپۇتېرنى ئېچىپلا 1-2 سائەتتە يېزىپ بولغىلى بۇلمايدۇ. شۇڭا بۇ بلوگدا بۇرۇنقى ئاشۇنداق نەرسىلەرلا بۇلىشى كىرەك ئىدى، باشقا نەرسىلەر بولماسلىقى كىرەك دەپ تۇرۋالساق ئۇ چاغدا مەن بلوگنى تاقاپ قويۇشۇم كىرەك. چۇنكى مەن ھازىر ئۇنداق دائىم يېزىپ تۇرىمەن دەپ ۋەدە بىرەلمەيمەن. ھەر قېتىم بلوگنى ئېچى سىتاتسكىغا قاراپ كۈندە نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ بلوگىمنى زىيارەت قىلغىنىنى كۆرگىنىمدە بىر تەرەپتىن خوش بولسام، يەنە بىر تەرەپتىن مەن ئاددى بولسىمۇ بىر نەرسە قويۇپ قويماي شۇ كەلگەنلەرنىڭ ۋاختىنى ئىسراپ قىلغاندەك، ئۇلارنى ئالداپ قويغاندەك ھىسياتقا كىلىپ قالىمەن. شۇڭا ئىلاجى بولسا بۇرۇنقىدەك ئوزۇن نەرسىلەرنى يازالمىساممۇ ياخشى دەپ قارىغان باشقا يازماق ئاددى بولغان تىمىلاردا نەرسىلەرنى يېزىپ قويۇۋاتىمەن. ئېغىر تىپتىكى تىمىلاردىن بىر ئايدا بەلكىم بىرەرسى بولۇشى مۇمكىن. بۇرۇن يا ياخشى تىمىدا يازغىلى ۋاقىت يوق، يا ئاددى نەرسىلەرنى يېزىپ قويغۇم كەلمەي 2 ئايدەك يىڭىلانمىغان ۋاقىتلارمۇ بولغان. مىنىڭچە تورداشلار مىنىڭ بلوگنى يىڭىلىماي تاشلاپ قويغاندىن ئاددى ئۇچۇر خاراكتىرلىق تىمىلارنى بولسىمۇ كۈرۈشنى خالايدۇ دەپ ئويلايمەن. لېكىن بۇ تىمىلارنى بلوگنىڭ ئاساسى تىمىسىدىن چەتنەپ كەتمەيدۇ. ھەم مەنمۇ قانداق قىلىپ بۇرۇنقى خاسلىقنى ساقلاش توغرىلىق ئىزدىنىۋاتىمەن. بلوگنى زىيارەت قىلغاندا ئىلاجى بولسا تۈرلەر ئارقىلىق كىرىپ خالىغان تۈرلەرنى كۆرسەڭلار باشقا خالىمايدىغان تىمىلارنى كۈرۈپ ئاۋارە بولۇپ قالمايسىلەر.

    كۈڭۈل ئېچىش خاراكتىرلىق تىمىلار جىق يۇللانمايدۇ، كىنو قىسمى ئوچۇر دەپ قارىلىپ يوللىنىپ مېڭىشى مۇمكىن. ئۈتكەن ھەپتە يوللاپ قويغان ئككى چولپانغا كەلسەك مەن ئۇلارغا ئامراق. شەخسى قىززىقىش، ئۇنداقلار كۈپ ئەمەس ھەم دائىم يوللانمايدۇ. شۇڭا بۇ جەھەتتە خاتىرجەم بولسىڭىز بۇلىدۇ.

    ئاخىرىدا بلوگنى قوللاپ بەرگىنىڭزگە كۆپ رەھمەت.
    2008-09-15 17:41:59
  • فىزىكىغا ئائىت ئىنگىلىزچە ياخشى ماقالىلاردىن بىر قانچىنى كۆرسىتىپ بەرسىڭىز ، تەرجىمە قىلىپ باقاي، ياراتسىڭىز blog دا ئېلان قىلارمىز.
  • ياخشى تەكلىپكەن ئەمەسمۇ. بىراق سەل كېچىكىپ قالغان ئوخشايمەن.
    قانداقلا بولمىسۇن تىمىلار ئۇزلۇپ قالمىسا بىز ياقتۇرىمىز ~!
  • بەزىلەرنى چوڭ بىلسەك مۇشۇنداق ئۆزىنى چۈشۈرۈپ قۇرۇق رەھمەت بار دەپ ئولتۇرۇپ ،تەكلىپ قىلىنغۇچى ئۇنداق بولۇشى كىرەك ، بۇنداق شەرت ھازىرلىشى كىرەك دەپ ھاياجانلىنىپ كەتتىمۇ قانداق.
    ئۇنداق قىلغۇچە كاتىپ قىزدىن بىرنىلا ئىشلەتسىڭىز بولمامدۇ دەيمەن Google كىرىمى كۆتۈرۈپ كىتەتتى.
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۇ تەكلىپىڭىزنى مەن سىناپ باقسام قانداق . تەرجىمە جەھەتتە يەنىلا سىزدىن تەلىم ئالىدىغان گەپ چۈنكى ئىنگىلىزچە ئوقۇش باشقا گەپ ئۇنى جايىدا تەرجىمە قىلىش باشقا گەپ .ئەگەر ئادەم بىكىتىلىپ بولغان بولسا ،خەت ساندۇقۇمغا ئۇچۇر قىلىۋەتكەيسىز.
  • بلوگ بىرلەشتۈرۈشنى ئويلىشىپ باقساق بولىدۇ ...
    مەنمۇ ئوخشاشراق مەسىلىگە دۇچ كېلىۋاتقان ...
  • ماقالا يازغانلارغا دوللار بىرەمسىلەر يا؟(^0^);P
    ئىلىم ـ پەنگە ئائىت ماقالىلار كۆپرەك بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    Jeck回复يولوچى说:
    ھې ھې، دوللار يوق. قۇرۇق رەھمەت بار.
    2008-08-24 20:21:19