نىمشىھىتنىڭ تەرجىمىھالى

ۋاقتى:2009-10-17 10:38مەنبە:http://blog.78.la/u/ihlas/inde تەھىرىر:admin چېكىلىشى:قىتىم
   ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى، داڭلىق شائىر ۋە جامائەت ئەربابى ئارمىيە ئېلى سايرامى 1906-يىلى باي ناھىيىسىنىڭ سايرام يېزىسىدا ئېلى ئاخۇن ( ئاقھۇن ) ئىسىملىك مەرىپەتپەرۋەر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1922 - يىلدىن 1930 - يىلغىچە باي ۋە كۇچا ناھىيىلىرىدىكى مەدرىسىلەردە ئوقۇغان. بۇ مەزگىلدە ئۇنىڭ خەلق قوشاقلىرى شەكلى بىلەن يازغان « بازار ۋە مازار » ناملىق تۇنجى شېئىرلار توپلىمى قوليازما ھالىتىدە خەلق ئىچىدە تارقالغان. 1930 - يىلى شۇ زاماننىڭ داڭلىق ئىلىم مەركىزى - قەشقەر « خانلىق مەدرىس » كە كىرىپ ئوقۇغان. ئۇ بۇمەكتەپتە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى، ئەرەپ، پارىس تىلى ۋە ئەدەبىياتىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئۆگەنگەن ھەم « مادارا ئەئىزەم » ( چوڭ ياراشتۇرۇش ) ناملىق شېئىرلار تپلىمى بىلەن مۇھەببەت تېمىسىدا يېزىلغان « ئەنۋارۇلھادا » (ھەقىقەت نۇرلىرى) ناملىق قەسىدىسىنى ئىلان قىلىپ، جامائەتچىلىككە تالانتلىق شائىر سۈپىتىدە تونۇلغان.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

1933 - يىلى قەشقەردە جىن شۇرېننىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلىغاندا ئارمىيە ئېلىمۇ بۇ قوزغىلاڭغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، بىر قېتىملىق جەڭدە ئېغىر يارىلانغان. دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كىيىن يازغان شېئىرلىرىنى « نىمشېھىت » ( يېرىم جان ) دىگەن ئەدەبىي تەخەللۇسى بىلەن ئېلان قىلدۇرغان.
نىمشېھىت ئۆزىنىڭ 43 يىللىق ئىجادىي ھاياتىدا نۇرغۇنلىغان شېئىرلارنى، باللادا، داستان، ئوپېرالارنى يازدى.
شائىر ئازادلىقتىن بۇرۇن يازغان « بىلىم ئىشقىدا »، « بۈيۈك جۇڭگۇ »، « قىزىم يېغلىماڭ »، « ئۇنۇتما »، « گېزىت » قاتارلىق شېئىرلىرىدا جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا ۋە فاشىستىك مۇستەبىتچىلىككە قارشى كۆرەش قىلىش روھىنى ھەم ۋەتەننى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىش، ئەركىنلىككە تەلپۈنۈش ھېسياتىنى مەركەزلىك ھالدا ئىپادىلەپ خەلقنىڭ ئازادلىق ئۈچۈن بولغان كۆرەشلىرىگە ئىلھام بەردى.

www.iz.la


ئۇ يەنە ئەسىرلەردىن بويان ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا ئېغىزدىن - ئېغىزغا ئۆتۈپ، قەلبدىن - قەلبكە كۆچۈپ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان « مىڭ ئۆي ۋە پەرھات - شېرىن » داستانىنى يازدى. بۇ داستان 1945 - يىلى « شىنجاڭ گېزىتى » دە ئېلان قىلىنغاندا خەلق ئىچىدە خېلى كۈچلۈك تەسىر قوزغىغانىدى. شائىر داستاننى قايتا -قايتا ئىشلەپ ۋە تولۇقلاپ 1948 - يىلى ئۆز خىراجىتى بىلەن كىتاپ قىلىپ باستۇرغان.
« مىڭ ئۆي ۋە پەرھات- شېرىن » داستانى مەزمۇنىنىڭ يېڭى ۋە موللىغى، قۇرۇلمىسىنىڭ ئىخچام ۋە مۇكەممەللىگى، بەدىئىي سەۋىيەسىنىڭ يۈكسەكلىكى، شەكلى ۋە ئۇسلۇبىنىڭ ئۆزگىچىلىگى بىلەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلپ قىلماقتا. copyright by www.iz.la
نىمشېھىت ئازادلىقتىن بۇرۇن ئاقسۇدا ئىشلەپ يۈرگەن مەزگىلدە « لەيلى - مەجنۇن » داستانىنىڭ خەلق ئىچىدىكى بىرنەچچە خىل ۋارىيانتلىرىنى توپلاپ، شۇ ئاساستا « لەيلى-مەجنۇن » ئوپىراسىنى يېزىپ چىققان ۋە بۇ ئوپىرا سەھنىلەردە ئوينىلىپ تاماشىبىنلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغانىدى. ئەپسۇسكى، بۇ ئوپىرانىڭ تولۇق نۇسخىسى « مەدەنىيەت ئىنقىلابى » نىڭ قالايمىقانچىلىقى ئىچىدە يوقىلىپ كەتكەن. ئوپىرانىڭ پەقەت ئۈچ پەردىسىلا ساقلىنىپ قالغان.
( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى http://blog.78.la/u/ihlas/inde گە تەۋە )
ياخشىكەن
(5)
83.3%
ئالقىشلايمەن
(1)
16.7%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • قەدەم ئىزى

    ...

  • شائېر روزى سايىت تەرجىمھالى

    شائېر روزى سايىت 1943-يىلى 9-ئايدا گۇما نايىسنىڭ شەيدۇللا دىگەن يىردە تۇغۇلغان .1951-يىلى ئاتا -ئانسى بىلەن خوتەنگە كۆچۈپ كېلىپ 1958-يىلغىچە چايخانا (ھازىرقى خوتەن نايىلىك ئۈمۈد باشلانغۇچ مەكتىپى ) مەكتەپتە ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز سىنىپلى...

  • جالالىدىن بەھرامنىڭ تەرجىمىھالى

    جالالىدىن بەھرام 1942-يىل 8-ئاينىڭ16-كۈنى تىككۈچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ،ئۇنىڭ ئاتىسى بەھرام ئەپەندى ئۇستا ھۇنەرۋەن بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىلى ناخشىلىرىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان يازغۇچى ھەم رەسسام خەلق ناخشىچىسى ئىدى. ئۇ مەرىپەتپەرۋەر ئادە...

  • داڭلىق رەسسام غازى ئەمەت

    شىنجاڭدا داڭلىق ئۇيغۇر رەسسام غازى ئەمەت ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى بىلمەيدىغان كىشى بولمىسا كېرەك. 1954 يىلى، غازى ئەمەت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىندى ۋە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى لېنىنگىراد لېبىن سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ رەسسامى گېرياز...

  • سەيپىدىن ئەزىزنىڭ قىسقىچە تەرجمھالى...

    سەيپىدىن ئەزىزى دۆلىتىمىزنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ، ئالىم ،ئاتاقلىق يازغۇچى ، شائېر ،دراماتورگ . ئۇ 1915-يىلى 3- ئايدا ئاتۇشتا تۇغۇلغان . 1944- يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان . ئالى مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە . مەملىكەتلىك سىياسى كىڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى...

  • ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەرجىمىھالى

    كۈچلۈك رېئالىزىملىق روھ ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە ئەسەرلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان تالانتلىق شائىر ۋە يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1985 - يىلى تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن تارىخىي رومان ئىزنى ئې...