روزى سايىت 1973-يىلدىكىقەشقەر گېزتى دە ئېلان قىلىنغان دېھقانمۇ داشۆسىڭ بولدى ناملىق شىئېرى بىلەن ئىجادىيەت سېپگە كىرگەن . ھازىرغىچە ھەرقايسى گىزىت -جورناللاردا چۈشنامەقاتارلىق 12 پارچە داستان ۋە باللادىسى،1000پارچىدىن ئارتۇق شىئېرىۋە روبائىسى بارات يازغان ھىكايەقاتارلىق بىرقانچە بارچە ھىكايىسى ئەتەبەتۇل ھەقايىقنىڭ شىئېرى يەشمىسى ئۇيغۇر كىلاسسىك شىئېريىتدىكى شەكىللەر توغرىسدا قاتارلىق ئىلمى ماقالىللىرى ئېلان قىلنىپ، جامائەت .ئارسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى .قاشتېشنىڭ رىۋايىتىبۇقىز كىمنى تاللىسۇنمەرھابا ئاھ ،ئۇزاققا سوزۇلغان چۈش كۆڭۈلدىكى گەپلەر مۇھەببەتتىن پۈتكەن ناخشىلار روبائىيلار تۇيۇقلار خىيادىن تۆرەلگەن خىياللاردېھقان كۈلكىسى پاھ،دېھقاننىڭ ھەيكىلى قاتارلىق داستانۋە شىئېرلار توپلاملىرى ئېلان قىلىندى .روزى سايىتنىڭ يەنە ئاھ، سېنىڭ سۇمبۇل چاچلىرىڭ كىرىپ قاپتۇ ئانام چۈشۈمگە بۇخوتەن مەن خوتەن قىزىقاتارلىق يۈزلىگەن ناخشا تېكىستى ئاھاڭغا سېلنىپ ۋەتەننىڭ يىزا-سەھرالىرىدا ياڭرىماقتا .بىر قىسىم شىئېر،ھېكايىللىرى خەنزۇ تىلغا تەرجىمە قىلنىدى ۋە دەرىسلىكلەرگە كىرگۈزۈلدى .شائېرنىڭ دېھقان يىغلايدۇ چۈشنامە باللار پۇلغا زار چىرىكلەر بەدخەچبارات يازغان ھېكايە يىپەك يۇرتىدا نورۇز قاتارلىق داستان ،شىئېر ،ھېكايە ۋە تېلۋېزيە بەدئىي سەنئەت دىراممىللىرى ،بۇجاھان جاھان كەڭرى يول كەڭرىناملىق ناخشا تېكىستلىرى قاتارلىق كۆپلىگەن ئەسەرلىرى مەملىكەت ،ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشتى .ئۇنىڭ مۇنەۋۋەر شىئېرلىردىن تۈزۈلگەن دېھقان بولماق تەسناملىققاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىسى نەشىر قىلنىپ نەچچە ئون مىڭ نۇسخا تارقىتىلدى .
ئىز تورى بەك ياخشى
خەلق شائىرى روزى سايىت 2001-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن خوتەن شەھرىدە ۋاپات بولدى .مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىللىرى ئىلمىي جەميتىنىڭ جوڭگو ئۇيغۇر مەدىنىيەت تارىخ ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيتىنىڭ مۇدىريەت ئەزاسى ، ئاپتونۇم رايۇنلۇق تىل يېزىقنى قېلىپلاشتۇرۇش ئىلمىي جەمئىيتىنىڭ ،ئاپتونۇم رايۇنلۇق 12 مۇقام تەتقىقات ئىلمىي جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى ئىدى . خەلىق شائىرى روزى سايىتنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر ئەدەبىيات سەنئىتى ئۈچۈن زور يوقتۇش . شائېر مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرى بىلەن ئەل قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ .......