تاركان

ۋاقتى:2010-04-18 00:44مەنبە: تەھىرىر:ئابباس چېكىلىشى:قىتىم
  
تاركان تېۋەت ئوغلى 1972-يىلى 17 -ئۆكتەبىردە گېرمانىيىدىكى فرانكفۇرت شەھىرىنىڭ يېنىدىكى ئالزېي شەھەرچىسىدە دۇنياغا كەلگەن. تاركان ئۆسۈپ يېتىلىشكە باشلىغاندا ئاتا - ئانىسى ئۇنىڭ ئاۋازىدا ئالاھىدە مۇڭ بار ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئۇلار تاركاننى مۇزىكا جەھەتتىن تەربىيىلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىدۇ . 1986 -يىلى تاركاننىڭ ئائىلىسى گېرمانىيىدىن تۈركىيىگە كۆچۈپ كېلىدۇ . تاركان تۈركىيىگە كەلگەندىن كېيىن بىر تەرەپتىن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇسا يەنە بىر تەرەپتىن «كاراميۇرسېل»مۇزىكا جەمئىيىتىدە نوتا دەرسلىرى بويىچە بىلىم ئالىدۇ. تاركان دەسلەپتە چىنارجىك چايخانىلىرىدا تۈرك خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى ناخشىلىرىنى ئېيتىپ ئۆزىنىڭ ناخشىچىلىق ھاياتىنى باشلايدۇ. 1999 -يىلى تاركان يېقىن شەرىقتە ئاممىباپ ناخشا چولپىنى سۈپىتىدە WORLD  MUSIC AWARD مۇكاپاتىنى ئالىدۇ. ئۇنىڭ « يەنە سېنىڭسىز »، « ACAYIPSEN »، « سېنىڭ ئۈچۈن ئۆلىمەن»، «كارما» ۋە«دۇدۇ» قاتارلىق ناخشا پلاستىنكىلىرى بار.
( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(60)
82.2%
ئالقىشلايمەن
(13)
17.8%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • داڭلىق رەسسام غازى ئەمەت

    شىنجاڭدا داڭلىق ئۇيغۇر رەسسام غازى ئەمەت ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى بىلمەيدىغان كىشى بولمىسا كېرەك. 1954 يىلى، غازى ئەمەت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىندى ۋە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى لېنىنگىراد لېبىن سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ رەسسامى گېرياز...

  • سەيپىدىن ئەزىزنىڭ قىسقىچە تەرجمھالى...

    سەيپىدىن ئەزىزى دۆلىتىمىزنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ، ئالىم ،ئاتاقلىق يازغۇچى ، شائېر ،دراماتورگ . ئۇ 1915-يىلى 3- ئايدا ئاتۇشتا تۇغۇلغان . 1944- يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان . ئالى مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە . مەملىكەتلىك سىياسى كىڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى...

  • ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەرجىمىھالى

    كۈچلۈك رېئالىزىملىق روھ ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە ئەسەرلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان تالانتلىق شائىر ۋە يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1985 - يىلى تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن تارىخىي رومان ئىزنى ئې...