بېل گايتىس(1955- )دۇنيادىكى بىرىنچى باي

ۋاقتى:2010-05-12 20:54مەنبە: تەھىرىر:ئادىلجان چېكىلىشى:قىتىم
  

دۇنيادىكى بىرىنچى باي- بېل گايتىس بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

 

www.iz.la

  بىل گايتىس(William (Bill) H. Gates) يېقىنقى 16يىلدىن بۇيان  51مىليارت دوللارلىق مۈلكى بىلەن دۇنيادىكى بىرىنچى بايلىق شەرىپىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان، 105دۆلەتتە 78مىڭدىن كۆپرەك ئىشچى-خىزمەتچىسى بولغان مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە يۇمشاق دىتال لاھىيىلىگۈچىسى ۋىللىيام بىل گەيتىس 1955-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى ئامىرىكىنىڭ ۋاشىنگىتون شىتاتىدىكى سىئاتىل شەھرىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ بىر ئاچىسى(كىرىستىنا،1953)ھەمدە بىر ئىنىسى(لىببى،1964)بار. ئۇنىڭ دادىسى ئۆز ۋاقتىدا ئاشۇ تۇرۇشلۇق ئۇرۇننىڭ قانۇن ئورنىدا ئىشلەيدىغان بولۇپ ئاپىسى مارى توي قىلىشتىن بۇرۇن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ئىدى. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
بىل بالا ۋاقىتلىرىدىن تارتىپ ئالدى كەينىگە تەۋرىنىپ تۇرۇشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندىمۇ بۇ ئادىتى يەنىلا بار، يەنى ئۇ ھازىرمۇ بىرەر ئىشنى ئويلانغان ۋاقىتتا دائىم ئالدى كەينىگە تەۋرىنىپ ئولتۇرۇپ ئويلىنىدۇ.
   بىل مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىدا مەكتەپتىن پەقەت كۆڭلى سۇ ئىچمىگەن، بۇنى بىلگەن بىلنىڭ ئاتا-ئانىسى دائىم يېڭى يېڭى ئىشلارنى ئويلاپ چىقىپ ئۇنى رىقبەتلەندۈرۈشنى ئۇنتۇپ قالمىغان. ئەڭ ئاخىرى ئۇنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققى قىلىش پۇرسىتىگە ئىرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنى بىر شەخسى مەكتەپكە ئوقۇشقا بەرگەن. بىل Lakeside (ئۇيغۇرچە كۆل بويى مەكتىپى دىگەن مەنىدە)خۇسۇسى مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن، بۇ دەل بۇ مەكتەپنىڭ يېڭىدىن بىر كومپيۇتېر سېتىۋالغان ۋاقتى بولۇپ بىل تېزلا ئۇنىڭغا مەپتۇن بولۇپ قالىدۇ. بىر ھەپتە ئۆتە-ئۆتمەي ئۇ ئۆزىنىڭ پىرەگرامما تۈزۈش قابىلىيىتى بىلەن مەكتەپتىكى كومپيۇتېر ئوقۇتقۇچىلىرىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. BASIC پروگرامما تىلىنى ئۆگىنىش ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئاسان توختىغان بولۇپ 13 يېشىدا ئۇ مۇستەقىل پروگرامما يېزىشنى باشلىغان. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
   ئۇ شۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا ئۆزىنىڭ كېيىنكى ئۆمرىدىكى شىرىكى پائول ئېللىن (Paul Allen) بىلەن ئۇچراشقان. بۇ ئىككىسى شۇ ۋاقىتتا كىچىك بىر Traf-O-Data دەپ ئاتىلىدىغان بىر شىركەت ئاچقان. ھەمدە مۇشۇ مەزگىلدە ئۇلار شەھەرنىڭ قاتىنىشنى ئاپتوماتىك سانىيالايدىغان بىر كومپيۇتېر ياساپ ساتقان، بۇ شىركەت زور ئۇتۇقلارنى قازىنالمىغان لېكىن بۇ شىركەت بۇ ئىككى بالنىڭ كېيىنكى ئىشلىرى ئۈچۈن مەلۇم مىقداردا ئىقتىساد توپلاپ بەرگەن. مۇشۇ مەزگىلدە بىل يەنە ئۆزىنىڭ مەكتىپى ئۈچۈن بىر دەرس سېتكىسى تۈزىيەلەيدىغان پروگرامما تۈزۈپ بەرگەن. ئۇ بۇ مەكتەپنى 1973-يىلى پۈتتۈرۈپ ئامىرىكىدىكى داڭلىق ئۇنۋىرسىتلارنىڭ بىرى بولغان خارۋارد ئۇنۋىرسىتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. لېكىن ئۇ مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىدا كۆپىنچە ۋاقىتلىرىنى ئۆز ئالدىغا پروگرامما تۈزەش ۋە قەرت ئويناش ۋە ئازتولا كىتاپ كۈرۈش بىلەن ئۆتكۈزگەن ۋە شۇنداقتىمۇ ھەممە سىناقلاردا A ئالغان. شۇ ۋاقىتتا ئۇ ئۆزىنىڭ بىر ئوقۇتقۇچىسىغا ئۆزىنىڭ 30 ياشقا كىرگەندە مىليونىر بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ بىر ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭدىن ئاغرىنىپ مۇنداق دىگەن «ئۇ ناھايىتى ياخشى پروگرامما تۈزگۈچى، لېكىن ئۇ ياخشى ئادەم بولالمايدۇ». 1974-يىلى ئۇ ئىقتىساد پۇرسىتىنى قوغلىشىپ ئۇنۋېرسىتىتتىن چىكىنگەن ھەمدە ھازىرغىچە دۇنياغا داڭلىق بولغان مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ئۇلىنى سېلىپ ئىش باشلىغان. 1986-يىلى مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ پاي چىكى بازارغا سىلىنىپ توپلىغان جەمئى مەبلىغى 61 مىليون ئامرىكا دوللىرى بولغان، گېيتس ئۆزىمۇ بىر سەكراپلا دۇنيا بويچە ئەڭ ياش ، قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەن مىليادىر بولۇپ قالغان.  ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
   بىل گايتىس 1994-يىلى1-ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى قىز دوستى مېلىندا بىلەن ھاۋايدا 2مىلىيارد دوللار خەجلەپ توي قىلغان. ئۇلارنىڭ ئىسمى جېننىفېر ئىسىملىك بىر قىزى بار

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(71)
92.2%
ئالقىشلايمەن
(6)
7.8%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ماھىنۇر قاسىمىنىڭ تەرجمىھالى

    ماﻫىنۇر قاسىم 1929 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى قورغاس ناﻫىيىسىنىڭ بىر نامرات دېﻬقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1943 - يىلى غۇلجا شەﻫەرلىك قارا دۆڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدە تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ، ئائىلىسى كەمبەغەل بولغاچقا داۋاملىق ئوقۇيالماي ، يەرلىك ما...

  • قەدەم ئىزى

    ...

  • شائېر روزى سايىت تەرجىمھالى

    شائېر روزى سايىت 1943-يىلى 9-ئايدا گۇما نايىسنىڭ شەيدۇللا دىگەن يىردە تۇغۇلغان .1951-يىلى ئاتا -ئانسى بىلەن خوتەنگە كۆچۈپ كېلىپ 1958-يىلغىچە چايخانا (ھازىرقى خوتەن نايىلىك ئۈمۈد باشلانغۇچ مەكتىپى ) مەكتەپتە ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز سىنىپلى...

  • جالالىدىن بەھرامنىڭ تەرجىمىھالى

    جالالىدىن بەھرام 1942-يىل 8-ئاينىڭ16-كۈنى تىككۈچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ،ئۇنىڭ ئاتىسى بەھرام ئەپەندى ئۇستا ھۇنەرۋەن بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىلى ناخشىلىرىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان يازغۇچى ھەم رەسسام خەلق ناخشىچىسى ئىدى. ئۇ مەرىپەتپەرۋەر ئادە...

  • داڭلىق رەسسام غازى ئەمەت

    شىنجاڭدا داڭلىق ئۇيغۇر رەسسام غازى ئەمەت ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى بىلمەيدىغان كىشى بولمىسا كېرەك. 1954 يىلى، غازى ئەمەت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىندى ۋە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى لېنىنگىراد لېبىن سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ رەسسامى گېرياز...

  • سەيپىدىن ئەزىزنىڭ قىسقىچە تەرجمھالى...

    سەيپىدىن ئەزىزى دۆلىتىمىزنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ، ئالىم ،ئاتاقلىق يازغۇچى ، شائېر ،دراماتورگ . ئۇ 1915-يىلى 3- ئايدا ئاتۇشتا تۇغۇلغان . 1944- يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان . ئالى مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە . مەملىكەتلىك سىياسى كىڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى...

  • ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەرجىمىھالى

    كۈچلۈك رېئالىزىملىق روھ ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە ئەسەرلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان تالانتلىق شائىر ۋە يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1985 - يىلى تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن تارىخىي رومان ئىزنى ئې...