ئىپارخان ۋە ئىپارخان مەقبەرىسى

ۋاقتى:2010-02-18 10:11مەنبە: تەھىرىر:مۇھەممەت چېكىلىشى:قىتىم
  
 
ئىپارخان ۋە ئىپارخان مەقبەرىسى
 رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئىپارخان لاتاپەتلىك ئۇيغۇر قىزى بولۇپ، دادىسى ۋە قېرىنداشلىرى جەڭدە خىزمەت كۆرسەتكەنلىكتىن خان ئۆزى تاللاپ ئۇنى ئوردىغا ئەكىرگەن. خاننىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ قەلبى ھامان ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن قەشقەرگە تەلپۈنگەن. يۇرتىنى زارىقىپ سېغىنغان؛ خان ئوردىسىدا نازۇنېمەتلەر ئېشىپ-تېشىپ تۇرسىمۇ، يۇرتىنىڭ جىگدىسىنى سېغىنغان. خان ئىپارخاننىڭ نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى يۇرتىدىن جىگدە ئەكەلدۈرۈپ بەرگەن. ئىپارخان يەنە ھىدلىق جىگدە چېچىكىنى سېغىنغاندا خان ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ ئامالسىز ئۇنى يۇرتىغا ئەۋەتكەن. يول بەك يىراق بولغاچقا، 100 نەچچە ئادەم تەختىراۋاننى كۆتۈرۈپ قەدىمىي يىپەك يولىنى بويلاپ ئۈچ يېرىم يىلدا ئىپارخاننى قەشقەرگە ئېلىپ كەلگەن (ئىپارخان بەختكە قارشى يولدا قازا قىلغان). ئۇيغۇرلار ئىپارخاننى تولىمۇ قەدىرلىگەچكە، ئۇنى ئۆز نەسەبلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلغان. كېيىنكىلەر ئۇنىڭ مەقبەرىسىگە بېرىپ تاۋاپ قىلىدىغان بولغان. مانا بۇ قەشقەر خەلقى ئارىسىدا ئەۋلادتىن ئەۋلادقا تارقىلىپ كېلىۋاتقان ئىپارخان ھەققىدىكى رىۋايەتتۇر. تارىخىي مەنبەلەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئىپارخان چيەنلۇڭ خاننىڭ بانۇسى بولۇپ، ئۇنىڭ بەدىنىدىن گۈپۈلدەپ جىگدە ھىدى پۇراپ تۇرغاچقا، «ئىپارخان»دەپ ئاتالغان ھەم ئۇ ئۇيغۇر بولغاچقا تولىمۇ ھۆرمەتلەنگەن. پادىشاھ چيەنلۇڭ ئىپارخاننىڭ ئىسلامىيەتچە تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ۋە دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىپ ئۇنىڭغا مەخسۇس مۇسۇلمان ئاشپەز ۋە كېنىزەكلەرنى سەپلەپ بەرگەن، ئىپارخاننىڭ ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئۇيغۇرچە كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىشىگە ئىجازەت قىلغان. ئىپارخان خان ئوردىسىدا توپتوغرا 28 يىل ھايات كەچۈرۈپ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، زۇنخۇادىكى شەرقىي قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىنغان. قەشقەردىكى ئىپارخان مەقبەرىسى ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا ئاسىيادىن دىن تارقىتىش ئۈچۈن قەشقەرگە كەلگەن ئاپاق خوجا يۈسۈپ ئۈچۈن سېلىنغان قەبرىستانلىقتۇر. بۇ قەبرىستانلىق 1640-يىللىرى بىنا قىلىنغان بولۇپ، ئەسلىدە يۈسۈپ خوجا مازىرى دەپ ئاتالغان. يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئاپاق خوجا ئۆلگەندىن كېيىن ئۇمۇ مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان، ئۇنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى نوپۇزى ۋە دىنىي ئورنى ئاتىسىدىن يۇقىرى بولغاچقا، بارا-بارا ئاپاق خوجا مازىرى دەپ ئاتالغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىدا تارقالغان ئىپارخان ھەققىدىكى رىۋايەتلەرگە ئاساسەن بۇ قەبرىستانلىق ئىپارخان مەقبەرىسى دەپمۇ ئاتالغان.
( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(102)
70.3%
ئالقىشلايمەن
(43)
29.7%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ماھىنۇر قاسىمىنىڭ تەرجمىھالى

    ماﻫىنۇر قاسىم 1929 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى قورغاس ناﻫىيىسىنىڭ بىر نامرات دېﻬقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1943 - يىلى غۇلجا شەﻫەرلىك قارا دۆڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدە تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ، ئائىلىسى كەمبەغەل بولغاچقا داۋاملىق ئوقۇيالماي ، يەرلىك ما...

  • قەدەم ئىزى

    ...

  • شائېر روزى سايىت تەرجىمھالى

    شائېر روزى سايىت 1943-يىلى 9-ئايدا گۇما نايىسنىڭ شەيدۇللا دىگەن يىردە تۇغۇلغان .1951-يىلى ئاتا -ئانسى بىلەن خوتەنگە كۆچۈپ كېلىپ 1958-يىلغىچە چايخانا (ھازىرقى خوتەن نايىلىك ئۈمۈد باشلانغۇچ مەكتىپى ) مەكتەپتە ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز سىنىپلى...

  • جالالىدىن بەھرامنىڭ تەرجىمىھالى

    جالالىدىن بەھرام 1942-يىل 8-ئاينىڭ16-كۈنى تىككۈچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ،ئۇنىڭ ئاتىسى بەھرام ئەپەندى ئۇستا ھۇنەرۋەن بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىلى ناخشىلىرىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان يازغۇچى ھەم رەسسام خەلق ناخشىچىسى ئىدى. ئۇ مەرىپەتپەرۋەر ئادە...

  • داڭلىق رەسسام غازى ئەمەت

    شىنجاڭدا داڭلىق ئۇيغۇر رەسسام غازى ئەمەت ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى بىلمەيدىغان كىشى بولمىسا كېرەك. 1954 يىلى، غازى ئەمەت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىندى ۋە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى لېنىنگىراد لېبىن سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ رەسسامى گېرياز...

  • سەيپىدىن ئەزىزنىڭ قىسقىچە تەرجمھالى...

    سەيپىدىن ئەزىزى دۆلىتىمىزنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ، ئالىم ،ئاتاقلىق يازغۇچى ، شائېر ،دراماتورگ . ئۇ 1915-يىلى 3- ئايدا ئاتۇشتا تۇغۇلغان . 1944- يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان . ئالى مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە . مەملىكەتلىك سىياسى كىڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى...

  • ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەرجىمىھالى

    كۈچلۈك رېئالىزىملىق روھ ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە ئەسەرلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان تالانتلىق شائىر ۋە يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1985 - يىلى تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن تارىخىي رومان ئىزنى ئې...