ئۇيغۇر قەدىمىي تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر خانىم - قىزلار

ۋاقتى:2010-05-10 15:37مەنبە: تەھىرىر:بەكتۇر چېكىلىشى:قىتىم
  

   1. بىسۇدۇ   ئۇيغۇر قاغانى بۇسانىڭ سېڭلىسى، 661-يىلى 663-يىللىرىدا ئۇيغۇر، توڭرا ۋە بارغۇت قەبىلىلىرىگە رەھبەرلىك قىلغان مەشھۇر ئايال قوماندان. ئۇ ئۇيغۇر، توڭرا، بارغۇت قەبىلىلىرىگە رەھبەرلىك قىلغان مەشھۇر ئايال قوماندان. ئۇ ئۇيغۇر، توڭرا ، بارغۇت قەبىلىلىرىگە رەھبەرلىك قىلىپ شۇ ۋاقىتتىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتكە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. گەرچە بۇ قوزغىلاڭ باستۇرۇلغان بولسىمۇ باشقا تۈركى قەبىلىلەرنى ئويغىتىپ پۈتكۈل يايلاقنىڭ ھەممە جايىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈشكە سەۋەب بولغان. بۇ قوزغىلاڭ نەتىجىسىدە 682-يىلى ئىككىنچى تۈرك قاغانلىقى تەشكىللەنگەن. بىسۇدۇ ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى ۋەتەنپەرۋەر مەرگەن ئايال.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

     2.  جىۋا  ( 324- ؟ )    كۈسەنلىك (كۇچالىق) ، بۇددا  دىنى بىلىملىرىدە كامالەتكە يەتكەن . تىۋىپلىق ئىلمىنى پىششىق ئىگىلىگەن بىلىملىك ئايال. ئۇ مەشھۇر تەرجىمان، ئۇستاز كومىراجىۋانىڭ ئانىسى.  ئۇ كۈسەن خانىنىڭ سىڭلىسى، ئەقىللىق ھەم گۈزەل مەلىكە ئىدى.ئۇ ھىندىستانلىق ۋەزىرنىڭ ئوغلى كومىراتانغا ياتلىق قىلىنغان. توي قىلىپ ئىككى بالىلىق بولغاندىن كېيىن راھىبە بولغان ھەم ئېرىدىن سانسكرىت تىلى ئۆگەنگەن بۇ پۈتۈن زېھنى بىلەن بۇددىزىمغا بېرىلگەن. كېيىن ئۇ توققۇز ياشلىق ئوغلى كومىراجىۋانى يېتىلەپ نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلارنى باشتىن كەچۈرۈپ ھىندىستانغا بېرىپ ئوقۇغان. ئۇ يەردە ھەنايانا مەزھىپى تەلىماتىنى ئۆگەنگەن. جىۋا ئوغلى كومىراجىۋانى ھىندىستاندا ئوقۇتۇپ ، داڭلىق بۇددا دىنى ئالىمى ۋە تەرجىمان قىلىپلا يېتىشتۈرۈپ قالماي، بەلكى ئۆزىمۇ شۇ دەۋردىكى ئىجتىمائىي توسالغۇلارغا قارىماي ئىلىم تەھسىل قىلىپ ، ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ تىرىشچان، جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماس روھىنى نامايان قىلغان. ئۇ يەنە تىبابەتچىلىك ساھەسىدىمۇ كۆزگە كۆرۈنۈپ، ئۆزىنىڭ كېسەل كۆرۈش ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ «جىۋا بەش ئەزا توغرىسىدا» ناملىق كىتاپ يېزىپ ، ئىچكى بەش ئەزانىڭ فۇنكىسىيىسى ، ھەرخىل كېسەللىكلىرى ۋە ئۇنى داۋالاش ئۇسۇلىنى تەپسىلىي  چۈشەندۈرگەن ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

3.  ئىل  بىلگە  خاتۇن : ئىل بىلگە خاتۇن  ئورقۇن-ئۇيغۇر خانلىقى  (740 -840)  دەۋردىكى مەشھۇر قاغان  «مويۇنچۇر مەڭگۇ تېشى» نى ئورناتقان مويۇنچۇر قاغانىنىڭ خاتۇنى. ئىل بىلگە خاتۇن ناھايىتى باتۇر، ئەقىللىق-پاراسەتلىك ئايال بۇلۇپ ، قاغان مۇيۇنچۇرغا ئوخشاشلا «ئىلاھ ياراتقان» دەپ تەرىپلەنگەن.

     4.  ئورقۇن  خاتۇن   7-ئەسىردىكى توغلا ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى. بۇساتنىڭ ئانىسى . ئۇنىڭ تۇغۇلغان ھەم ۋاپات بولغان ۋاقتى توغرىسىدا يازما خاتىرىلەر يوق. ئۇ ھەقىقەتەن داڭلىق سىياسىيون بۇلۇشقا مۇناسىپ، «كونا تاڭنامە» ۋە «يېڭى تاڭنامە» دىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا ، ئورقۇن خاتۇن پەم-پاراسەتلىك، تەدبىرلىك ئايال بۇلۇپ، ئىچكى قىسىمىدا يۈز بەرگەن ئەرز-دەۋالارنى ئادىللىق بىلەن بىر تەرەپ قىلاتتى. ئوغلىنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا مەسلىھەتچىلىك قىلىپ ۋە بىۋاستە ئارىلىشىپ، سىياسىيونلارغا خاس ئىقتىدارىنى نامايان قىلغان ئىدى. ئانا-بالا ئىككەيلەننىڭ ھاكىمىيەتنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشى بىلەن ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇر رايونى گۈللەنگەن ئىدى. ئورقۇن خاتۇنى ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنى ئويۇشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېڭىدىن قۇرۇلغان توغرا ئۇيغۇر خانلىقىنى مۇستەھكەملەشكە تۆھپە قوشقان ھەم ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئاساس سالغان .

ئىز تورى بەك ياخشى

     5.  باۋيې Ⅰ گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قاغانى يېلوخې   (夜落纥) (1004-1016)  دەۋرىدە يېلوخې قاغانغا ۋاكالىتەن دۆلەت باشقۇرغان ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ئىچىدىن چىققان سىياسىيون. باۋيې Ⅰ مىلادىيە 1013-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن 9 يىل نارسىدە قاغانغا ۋاكالىتەن دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرغان.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

     6.  باۋيېⅡ  باۋيې Ⅱ گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قاغانى يېلوخې قاغان يېشىغا توشمىغان مەزگىلدە قاغانغا ۋاكالىتەن دۆلەت باشقۇرغان. گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىغا ئائىت ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، باۋيېⅡ ھاكىمىيەت ئۈستىدە تۇرغان   ( 1016-1017 )  مەزگىلدە ھەربىي ئىشلار، دىپلوماتىيە، ئوردا ئىشلىرى ۋە ئەل ئىچىدىكى مەسىلىلەرنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلغان. www.iz.la

     7.  موگۇ  خاتۇن  : موگۇ خاتۇن گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان مەشھۇر دۆلەت باشقۇرغۇچى. موگۇ خاتۇن ياغلاقار قاغان (夜落隔可汗)  يېشىغا توشمىغان بولغاچقا دۆلەتنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇشقا قاتناشقان.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

     8.ئوغلا   تېكە   ئوغلا  تېكە  قوچو ئۇيغۇر ئالىمى، ئۇلۇغ تىلشۇناس ۋە يېزىقشۇناس تاتاتۇڭانىڭ ئايالى. چىڭگىزخاننىڭ تەكلىپى بىلەن تاتاتۇڭا ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا موڭغۇل يېزىقىنى ئىجاد قىلىپ شاھزادە، بەگزادىلەرنى بۇ يېزىق بىلەن ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن ئوغلان تېكىمۇ موڭغۇل ئوردىسىدا ئىنىكئانا بۇلۇپ، شاھزادە، بەگزادىلەرنى ئەدەپلىك، ئەقىللىق، بىلىملىك، يۈرەكلىك بۇلۇپ چوڭ قىلىشتا بارلىقىنى بېغىشلىغان. 

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

9.  شى   لەن  لەن   (舌兰兰 )  (1267-1332 )  قوچو  ئۇيغۇرلىرىدىن قويدۇ توپىلاڭ كۆتۈرۈپ غەربىي يۇرتنى مالىمان قىلغان چاغدا سەككىز ياشلىق شى لەن لەن ئاتىسىغا ئەگىشىپ خانبالىققا بارغان. ئۇ كىچىكىدىن ئەقىللىق، زېرەك بۇلۇپ، بۇددا ئەقىدىلىرىنى پىششىق ئىگىلىگەن. كېيىنچە ئاتاقلىق راھىبە، تىل مۇددەرىسى، تەرجىمان ۋە كامالەتكە يەتكەن خەتتات، مەرىپەتپەرۋەر ساخاۋەتچى ئايال بۇلۇپ يېتىشىپ چىققان. بۇنىڭ بىلەن ئۇ موڭغۇل يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئوردا مەدەنىيىتىنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن.

ئىز تورى بەك ياخشى

    10.  جاۋلۈەن   (赵弯)  ئۇيغۇر ئالىمى ۋە شائىرە جاۋشىيەننىڭ (1260-1336)  يىللىرى ياشىغان قىزى. تەخەللۇسى شەنيىڭ  (善应) . جاۋلۈەن كىچىكىدىن زېرەك، ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن، قەدىمكى شېئىرلارنى بىر قانچە قېتىم ئاڭلىۋالسىلا يادلىۋالالايدىغان قىز بۇلۇپ چوڭ بولغان. يەتتە يېشىدا « چۇ پالنامىسى » نى يادلىيالىغان. توققۇز يېشىدا «خانىم-قىزلار كەسپى»  نى ئوقۇغان. بۇ چاغدا ئۇ «مۇھاكىمە ۋە بايان» ، «مىڭزى» قاتارلىق كىتابلارنى يادلىيالايدىغان بولغان. چوڭ بولغانسېرى پالچىلىققا ماھىر باخشى بۇلۇپ يېتىشكەن. copyright by www.iz.la

   11.  ليەن  شىۋېن :  ليەن  شىۋېن  گۇەن يۈنشىنىڭ ئانىسى. خەنزۇچىنى پىششىق ئىگىلىگەن ئوقۇمۇشلۇق ئايال. ئۇ ئوغلى گۈەن  يۈنشىنى كىچىك چېغىدىن باشلاپ ياخشى تەربىيلەپ ئۆزىنىڭ يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان. شۇنداقلا گۈەن يۈنشىنىڭ (1286-1324)  يۈەن دەۋرىدە مەشھۇر ئەدىب بۇلۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا ئاساس سالغان. ليەن شىۋىننىڭ خەنزۇچە تىلىنى ياخشى ئىگىلىگەنلىكى ئوغلىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە يۈكسىلىشىگە ۋە داڭ چىقىرىشىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

   12.  سىلىغ   تىگىن  ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدا ئۆتكەن راھىبە ۋە شائىر. ئۇنىڭ 1313-يىلى يازغان ئالتە كۇپلېت 27  مىسرالىق «يەنە مەيپۇرۇشلۇق»  ناملىق بىر پارچە شېئىرى ساقلىنىپ قالغان. شېئىر قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان. بۇ شېئىرنىڭ تارىخى قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بۇلۇپ، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى دىنىي ئېتىقاد، ئەدەبىيات، تىل، خانىم-قىزلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ، خانىم-قىزلارنىڭ دۇنيا قارىشى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئېرىشىشىمىز ئۈچۈن مۇھىم تەتقىقات ماتېرىيالى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

     ئومۇمەن ئۇيغۇر تارىخىدا ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى تارىخنىڭ شانلىق بەتلىرىنى ياراتقان. بۇلۇپمۇ تاڭ، يۈەن، سۇڭ دەۋرىلىرىدە ئوتتۇرا جۇڭگو ، مەركىزى ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق رايونىدا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئالىملىرى يېتىشىپ چىققان. ئۇلارنىڭ كەينىدە بىلىملىك، زېرەك، مەرىپەتپەرۋەر، ۋەتەنپەرۋەر، ئەل سۆيەر ئانىلار بار بۇلۇپ، بۇ خانىم-قىزلار ئۆزلىرىنىڭ بارلىقىنى ئەرلىرىگە، پەرزەنتلىرىگە ۋە  ۋەتەنگە بېغىشلىغان. www.iz.la

    ( ئاپتور: خوتەن ناھىيىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن )

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(43)
68.3%
ئالقىشلايمەن
(20)
31.7%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ماھىنۇر قاسىمىنىڭ تەرجمىھالى

    ماﻫىنۇر قاسىم 1929 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى قورغاس ناﻫىيىسىنىڭ بىر نامرات دېﻬقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1943 - يىلى غۇلجا شەﻫەرلىك قارا دۆڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدە تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ، ئائىلىسى كەمبەغەل بولغاچقا داۋاملىق ئوقۇيالماي ، يەرلىك ما...

  • قەدەم ئىزى

    ...

  • شائېر روزى سايىت تەرجىمھالى

    شائېر روزى سايىت 1943-يىلى 9-ئايدا گۇما نايىسنىڭ شەيدۇللا دىگەن يىردە تۇغۇلغان .1951-يىلى ئاتا -ئانسى بىلەن خوتەنگە كۆچۈپ كېلىپ 1958-يىلغىچە چايخانا (ھازىرقى خوتەن نايىلىك ئۈمۈد باشلانغۇچ مەكتىپى ) مەكتەپتە ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز سىنىپلى...

  • جالالىدىن بەھرامنىڭ تەرجىمىھالى

    جالالىدىن بەھرام 1942-يىل 8-ئاينىڭ16-كۈنى تىككۈچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ،ئۇنىڭ ئاتىسى بەھرام ئەپەندى ئۇستا ھۇنەرۋەن بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىلى ناخشىلىرىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان يازغۇچى ھەم رەسسام خەلق ناخشىچىسى ئىدى. ئۇ مەرىپەتپەرۋەر ئادە...

  • داڭلىق رەسسام غازى ئەمەت

    شىنجاڭدا داڭلىق ئۇيغۇر رەسسام غازى ئەمەت ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى بىلمەيدىغان كىشى بولمىسا كېرەك. 1954 يىلى، غازى ئەمەت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىندى ۋە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى لېنىنگىراد لېبىن سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ رەسسامى گېرياز...

  • سەيپىدىن ئەزىزنىڭ قىسقىچە تەرجمھالى...

    سەيپىدىن ئەزىزى دۆلىتىمىزنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ، ئالىم ،ئاتاقلىق يازغۇچى ، شائېر ،دراماتورگ . ئۇ 1915-يىلى 3- ئايدا ئاتۇشتا تۇغۇلغان . 1944- يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان . ئالى مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە . مەملىكەتلىك سىياسى كىڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى...

  • ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەرجىمىھالى

    كۈچلۈك رېئالىزىملىق روھ ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە ئەسەرلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان تالانتلىق شائىر ۋە يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1985 - يىلى تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن تارىخىي رومان ئىزنى ئې...