ماھىنۇر قاسىمىنىڭ تەرجمىھالى

ۋاقتى:2010-06-22 20:24مەنبە: تەھىرىر:قاسىمجان چېكىلىشى:قىتىم
  

ئىز تورى بەك ياخشى

ماﻫىنۇر قاسىم 1929 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى قورغاس ناﻫىيىسىنىڭ بىر نامرات دېﻬقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1943 - يىلى غۇلجا شەﻫەرلىك قارا دۆڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدە تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ، ئائىلىسى كەمبەغەل بولغاچقا داۋاملىق ئوقۇيالماي ، يەرلىك ماتا توقۇشخانىدا ياللانما بالا ئىشچى بولۇپ ئىشلىگەن . 1945 - يىلى 1 - ئايدا ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن توي قىلغان ﻫەمدە بىر ئوغۇل بىر قىز پەرزەنت كۆرگەن . 1947 - يىلى 6 - ئايدا ئىنقىلابقا رەسمىي قاتناشقان ، ۋە ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ شەخسىي كاتىپى بولغان . 1947 - يىلى 8 - ئايدا ، شىنجاڭ بىرلەشمە ﻫۆكۈمىتى پارچىلىنىپ كەتكەندىن كېيىن ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ۋەكىللىرى بىلەن بىللە ئىلىغا قايتقان . 1948 - يىلى 1 - ئاۋغۇستتا "شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ﻫىمايە قىلىش ئىتتىپاقى" قۇرۇلغاندا ئاياللار ﻫەيئەتلىگىنىڭ دائىمى ئەزاسى بولغان . 1949 - يىلى يولدىشى ئەخمەتجان قاسىمى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، ماﻫىنۇر قاسىم ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ، تېخىمۇ كۆتىرەڭگۈ روﻫ ۋە جاسارەت بىلەن يېڭى جوڭگونىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا ئاتلانغان ، ۋە شۇنداقلا ئاستا - ئاستا ﻫەر دەرىجىلىك رەﻫبەرلىك خىزمىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان . copyright by www.iz.la
ماﻫىنۇر قاسىم 1951 - يىلى شىنجاڭ غۇلجا ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ، قوشۇمچە شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئاياللار بىرلەسمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان .
1952 - يىلى شىنجاڭ غۇلجا شەﻫىرىنىڭ شەﻫەر باشلىغى بولغان . شۇ يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى جوڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن .
1953 - يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ﻫۆكۈمەت ئىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان .
1954 - يىلىدىن 1956 - يىلىغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىۋىدە ئوقۇغان . ئىز تورى بەك ياخشى
1955 - يىلى 2 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ ﻫەيئەت ئەزاسى بولغان . ۋە شۇ يىلى جوڭگو كومپارتىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق 1- نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولغان .
1959 - يىلىدىن 1966 - يىلىغىچە 1- ، 2- ، 3 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولغان .
1966 - يىلى مەدىنىيەت زور ئىنقىلابى باشلانغاندا ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغان ، 1973 - يىلى ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىغى بولغان .

www.iz.la

1978 - يىلى ئاپتونۇم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىگە قايتىپ ، بىرلەشمىنىڭ پارتگۇرۇپپا شۇجىسى ، مۇدىرى بولغان .
1978 - يىلىدىن 1998 - يىلىغىچە 4 - ، 5- ، 6-، 7- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىگە مۇئاۋىن رەئىس بولغان .
1978- يىلىدىن 1998 - يىلىغىچە 4 - ، 5- ، 6- ، 7- ، 8 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولغان .
1984 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 3 - نۆۋەتلىك كومېتىتىنىڭ ﻫەيئىتى بولغان . بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
1988 - يىلىدىن ﻫازىرغىچە 7 - ، 8 - ، 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ كەلمەكتە .
1993 - يىلىدىن ﻫازىرغىچە 8- ، 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومېتىتىنىڭ ﻫەيئەت ئەزاسى بولۇپ كەلمەكتە .
2002 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 6 - نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولغان .
www.iz.la

ماﻫىنۇر قاسىم ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ، ئىزچىل تۈردە ئاياللار خىزمىتى ، بالىلار خىزمىتى ۋە ئائىلە خىزمىتىنى ئۈن - تىنسىز ، باش چۆكۈرۈپ ، جاپاغا چىداپ ، قان - تەر ئاققۇزۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە .
1982 - يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق بالىلار تەرەققىيات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق بالىلار تەرەققىيات فوندى جەمىيىتىنىڭ مۇدىرى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئائىلە تەربىيىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمىيىتىنىڭ باشلىغى بولۇپ ئىشلىگەن . ئىز تورى بەك ياخشى
1991 - يىلى گوۋۇيۈەننىڭ ئاياللار - بالىلار خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش كومېتىتى مەملىكەت بويىچە "جوڭگو بالىلار خىزمەتچىسى" دېگەن شەرەپلىك نامنى بەردى .
ماﻫىنۇر قاسىم 1995 - يىلى ئامىرىكا مەشﻬۇر شەخسلەر تەتقىقات ئىنىستىتوتى چىقارغان 1994-1995- يىللىق يىلنامىسىنىڭ "دۇنيادىكى ئەڭ ئالقىشقا سازاۋەر كىشىلەر" دېگەن قامۇسىغا كىرگۈزۈلدى .
جوڭگو كېيىنكى ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش كومېتىتى 2002 - يىلق ماﻫىنۇر قاسىمغا "نېيتېڭ شۈۋ چىلاڭ " خەلقئارا بالا تەربىيلەش مۇكاپاتى بەردى .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

مەنبە : "ماﻫىنۇر قاسىم سۈرەتلىك ئەسلىمە" ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

مەنبە : مەنزىل بىلوگى

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(56)
84.8%
ئالقىشلايمەن
(10)
15.2%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ماھىنۇر قاسىمىنىڭ تەرجمىھالى

    ماﻫىنۇر قاسىم 1929 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى قورغاس ناﻫىيىسىنىڭ بىر نامرات دېﻬقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1943 - يىلى غۇلجا شەﻫەرلىك قارا دۆڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدە تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ، ئائىلىسى كەمبەغەل بولغاچقا داۋاملىق ئوقۇيالماي ، يەرلىك ما...

  • قەدەم ئىزى

    ...

  • شائېر روزى سايىت تەرجىمھالى

    شائېر روزى سايىت 1943-يىلى 9-ئايدا گۇما نايىسنىڭ شەيدۇللا دىگەن يىردە تۇغۇلغان .1951-يىلى ئاتا -ئانسى بىلەن خوتەنگە كۆچۈپ كېلىپ 1958-يىلغىچە چايخانا (ھازىرقى خوتەن نايىلىك ئۈمۈد باشلانغۇچ مەكتىپى ) مەكتەپتە ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز سىنىپلى...

  • جالالىدىن بەھرامنىڭ تەرجىمىھالى

    جالالىدىن بەھرام 1942-يىل 8-ئاينىڭ16-كۈنى تىككۈچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ،ئۇنىڭ ئاتىسى بەھرام ئەپەندى ئۇستا ھۇنەرۋەن بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىلى ناخشىلىرىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان يازغۇچى ھەم رەسسام خەلق ناخشىچىسى ئىدى. ئۇ مەرىپەتپەرۋەر ئادە...

  • داڭلىق رەسسام غازى ئەمەت

    شىنجاڭدا داڭلىق ئۇيغۇر رەسسام غازى ئەمەت ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى بىلمەيدىغان كىشى بولمىسا كېرەك. 1954 يىلى، غازى ئەمەت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىندى ۋە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى لېنىنگىراد لېبىن سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ رەسسامى گېرياز...

  • سەيپىدىن ئەزىزنىڭ قىسقىچە تەرجمھالى...

    سەيپىدىن ئەزىزى دۆلىتىمىزنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ، ئالىم ،ئاتاقلىق يازغۇچى ، شائېر ،دراماتورگ . ئۇ 1915-يىلى 3- ئايدا ئاتۇشتا تۇغۇلغان . 1944- يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان . ئالى مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە . مەملىكەتلىك سىياسى كىڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى...

  • ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەرجىمىھالى

    كۈچلۈك رېئالىزىملىق روھ ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە ئەسەرلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان تالانتلىق شائىر ۋە يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1985 - يىلى تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن تارىخىي رومان ئىزنى ئې...