
يازغۇچى توختى ئايۇپ 1945 - يىل كۇچا ناھىيسىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1953 - يىلدىن 1961 - يىلغىچە كۇچا ناھىيسىدە باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، 1961 - يىلدىن 1963 - يىلغىچە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن تارتىپ 1979 - يىلغىچە كۇچا ناھىيلىك سەنئەت ئۆمىكىدە كەسپىي ئىجادىيەتچى بولۇپ ئىشلىگەن، 1979 - يىلى <ئاقسۇ ئەدەبىياتى> ژۇرنىلىنى تەسىس قىلىش ئىشىغا قاتناشقان ۋە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ژۇرنالنىڭ مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن. توختى ئايوپ 1982 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىغا يۆتكىلىپ كېلىپ، مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن، 1988 - يىلدىن تارتىپ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
توختى ئايۇپ ئەدەبىيات ساھەسىگە 60 - يىللاردا ئېلان قىلىنغان شېئىرلىرى بىلەن كىرىپ كەلگەن، 70 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا قولىغا قايتا قەلەم ئالغاندىن بېرى، ئىزچىل تۈردە پروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ھازىرغىچە <قاراۋۇل>، <ھايات قەدرى>، <مۈڭگۈز>، <غۇر - غۇر شامال>، <بۆشۈك>، <ئاخىرقى ئىبادەت>، <گۇگۇمدىكى تەنھالىق> قاتارلىق ھېكايىلارنى، <مارجان بۇلاق>، <قۇم باسقان دېڭىز> قاتارلىق بىر قىسىم پوۋېستلارنى ۋە <تەڭرىنىڭ ھۆكمى> ناملىق رومانىنى يېزىپ، ئەدەبىياتچىلار ۋە كىتابخانلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.
توختى ئايۇپ ئەدەبىياتنىڭ باشقا ساھەلىرىدىمۇ قەلەم تەۋرىتىپ، ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن، ئۇ، <قىساس> قاتارلىق دراملىلارنى، <بەخت ئىزلىگۈچى>، <ساقچى بىلەن شەيتان> قاتارلىق كىنو سىنارىيىسى - تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى، <كېلىچەك مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ> غا ئوخشاش ئەدەبىي ئاخباراتلارنى يازغان.
توختى ئايۇپ ئىجادىيەت جەھەتتىكى نەتىجىلىرى ئۈچۈن كۆپ قېتىم مۇكاپاتلانغان، جۈملىدىن 1991 - يىلى جۇڭگودا تەسىرى نىسبەتەن چوڭ بولغان جۇاڭ جىڭۋىن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
توختى ئايۇپنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىردىن <ھايات قەدرى> (1983 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، <مارجان بۇلاق> (1985 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايە - پوۋېستلار توپلىمى، <ئارمان> (1988 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق پوۋېستلار توپلىمى، <قۇم باسقان دېڭىز> (1991 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق پوۋېستلار توپلىمى، <غۇر - غۇر شامال> (1993 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، <تەڭرىنىڭ ھۆكمى> (1994 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق رومانى قاتارلىقلار بار. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
توختى ئايۇپ ھازىر 2 - دەرىجىلىك كەسپىي يازغۇچى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
بىز ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق، تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمىز