.پەلەك شاھى ئادىل ھوشۇرنىڭ جېنىس دۇنيا رېكورتلىرى

ۋاقتى:2010-05-14 10:24مەنبە: تەھىرىر:ئادىلجان چېكىلىشى:قىتىم
  

  ئىز تورى www.iz.la

ئادىل ھوشۇر خەلق تورىغا بېغىشلىما يېزىپ بەردى ئىز تورى بەك ياخشى

  داۋازلىق ماھارىتى قەدىمكى ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇيغۇر داۋازچىلىقى 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. ئادىل ھۇشۇر ئائىلىسىنىڭ داۋازلىق تارىخى 430 يىلغا يېتىدۇ. ئادىل ھۇشۇر داۋازلىقتا مېڭىشنى 8 يېشىدىن باشلاپ ئۆگەنگەن بولۇپ، تۇنجى پولات سىمدا مېڭىشنى 97-يىلى باشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بوشلۇقتا مېڭىۋاتقىنىغا 31 يىل بولغان. (بۇنىڭدىن بۇرۇن پولات سىمدا ئەمەس، چىگە ئارغامچىدا ماڭاتتى).

  91-يىلى، ئادىل ھۇشۇر شاڭخەيگە ئۇيۇن قويغىلى بارغاندا، ئويۇن ئاخىرلىشىدىغان كۈنى «پەلەك شاھى» بوشلۇقتا كېتىۋاتقاندا، چىگە ئارغامچا ئۈزۈلۈپ كېتىپ، 21 مېتىر ئېگىزلىكتىن چۈشۈپ كەتكەن، ئەنئەنىۋى داۋازلىق تارىخىدا ئەزەلدىن ھېچقانداق بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللىنىلمايدىغان بولغانلىقتىن، ئۇ خېلىلا ئېغىر يارىلانغان. شۇ ئىشتىن كېيىن، بىخەتەرلىكنى نەزەردە تۇتۇپ چىگە ئارغامچا ئىسلاھ قىلىنىپ، پولات سىمغا ئۆزگەرتىلگەن ۋە ئاستىغا يەل كۆرپە سېلىنىدىغان بولغان. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

  ئادىل ھۇشۇر ياراتقان دۇنيا جېنىس رېكورتلىرى

  پەلەك شاھى ئادىل ھۇشۇرنىڭ تۇنجى قېتىملىق پولات سىمدا مېڭىشى 97-يىلى چاڭجياڭ دەرياسىدىكى سەنشيا بۇغۇزى ئۈستىگە تارتىلغان پولات سىمدىن ئۆتۈشى بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئەڭ ئېگىز، ئەڭ ئۇزۇن سىم ئۈستىدە مېڭىشى ئىدى. كانادالىق كوكران 95-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى سەنشيا بۇغۇزىدىن 53 مىنوت 10 سېكونتتا ئۆتۈپ پۈتكۈل دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان. بۇنىڭدىن ئىلھاملانغان ئادىل ھۇشۇر «چەتئەللىكلەر قىلالىغان ئىشنى بىزمۇ قىلالايمىز، قىلغاندىمۇ ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپ قىلالايمىز» دەپ ئويلاپ بۇ تۈرگە جەڭ ئېلان قىلىپ، 97-يىلى 22-ئىيۇن سەنشيا بۇغۇزىغا تارتىلغان، ئۇزۇنلۇقى 646 مېتىر، ئېگىزلىكى 402 مېتىر كېلىدىغان سىمدا 13 مىنۇت 48 سېكونتتا ئۆتۈپ، كانادالىق كوكران ياراتقان رېكورتنى يېڭىلىغان ۋە دۇنيا جېنىس رېكورتى يارىتىپ جۇڭگو خەلق ئۈچۈن شان - شەرەپ كەلتۈرگەن. بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ياراتقان رېكورتى شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز سەنئىتى ئارقىلىق خەلقئارانى زىلزىلىگە سېلىشى ئىدى. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

  2002-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۇزۇنلۇقى 8 مېتىر، ئېغىرلىقى 12 كلوگرام كېلىدىغان تەڭشەكنى كۆتۈرگەن ئادىل ھوشۇر خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ خېڭشەن تىغىدىكى جۇرۇڭ چوققىسى بىلەن فۇرۇڭ چوققىسىغا تارتىلغان ئۇزۇنلۇقى 1399.6 مېتىر، ئېگىزلىكى 436 مېتىرلىق پولات سىمدىن 52 مىنۇت 10 سېكونتتا مېڭىپ، يەنە بىر قېتىم جېنىس دۇنيا رېكورتى ياراتقان. بۇ ئۇنىڭ جېنىس دۇنيا رېكورتى تارىخىدىكى ئەڭ تەستە قولغا كەلگەن بىر قېتىملىق رېكورتى. 2000-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۇ تەڭشەكنى قۇلىغا ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، يامغۇر يىغىپ، ئەتراپنى تۇمان قاپلاپ، سىم ھەم تىيىلغاق، ھەم كۆرگىلى بولمايدىغان بولۇپ قالغان. گەرچە ئۈچ ئايروپىلان تۇماننى تارقاقلاشتۇرغان بولسىمۇ ئۈنۈمى بولمىغان، زەمبىرەك ئىتىپ تۇماننى تارقاقلاشتۇرۇشنىڭمۇ ئۈنۈمى بولماي، 5 مىنۇتقا قالمايلا ئەتراپنى يەنە تۇمان قاپلاپ كەتكەنلىكتىن بۇ مۇسابىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرماقچى بولغاندا، ئۇ «مېنىڭ ئۆزۈمگە ئىشەنچىم بار، مەن چوقۇم غەلىبە قىلىمەن» دېگەن. ئالدىنقى قېتىم بىلەن ئوخشىمايدىغىنى بۇ مۇسابىقىدە تارتىلغان سىمنىڭ يانتولۇق دەرىجىسى يۇقىرى، سىم ھۆل ھەم تىيىلغاق بولۇپ، ئەگەر تاسادىپىي تېيىلىپ كەتسە، ھاۋا تۇمان بولغانلىقتىن سىمنى كۆرەلمەي ئۇنى تۇتۇۋېلىش ئىمكانىيىتى بولماي قالىدۇ، شۇنداقلا تۇمان ئىچىدە ئۇنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ھېچكىممۇ كۆرەلمەيدۇ ۋە قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارالمايدۇ. بۇنىڭدىن بىلىۋالالايمىزكى، بۇ قېتىمقى غەلىبە ئۇنىڭ ھاياتىدىكى غايەت زور تەۋەككۇلچىلىك شۇنداقلا ھەقىقەنەنمۇ تەستە قولغا نەتىجە.

ئىز تورى www.iz.la


  2002-يىلى 16-ئاپرېلدىن 11-مايغىچە جىنخەي كۆلى ئۈستىدە 25 كۈن تۇرۇش ئارقىلىق جېنىس دۇنيا رېكورتى ياراتقان ۋە بۇ جەرياندا 12 كلوگراملىق ئېغىر تەڭشەكنى كۆتۈرۈپ كۈندە 8 سائەت 20 مىنۇت ماڭغان بۇ تۈردىمۇ بىر قېتىم جېنىس دۇنيا رېكورتى ياراتقان.

  2001-يىلى 26-ئاپرېل، ئادىل ھۇشۇر خۇنەن ئۆلكىسدىكى خېڭشەن تېغىدا ئۇزۇنلۇقى 260 مېتىر، ئەڭ يۇقىرى ئېگىزلىك گرادۇسى 80 مېتىر بولغان يانتۇلۇققا تارتىلغان سىمدىن 5 مىنۇت 36 سېكونتتا ئۆتۈپ، يانتۇلۇقى ئەڭ چوڭ بولغان پولات سىمدىن ئۆتۈش رېكورتى ياراتقان.

  2003-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى، چۇڭچىڭدىكى ئەڭ چوڭ ئازگال جېڭ جيې ئازگىلىدا ئۇزۇنلۇقى 570 مېتىر، ئېگىزلىكى 662 مېتىر كېلىدىغان پولات سىمدا مېڭىپ يەنە بىر قېتىم دۇنيا جېنىس رېكورتى ياراتقان. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

  ئادىل ھۇشۇردىن سىزنىڭ مۇشۇنداق غايەت زور تەۋەككۇلچىكلەرگە يۈزلىنىشىڭىزدە سىزنى ئىچىڭىزدىن ھەرىكەتلەندۈرىدىغان زادى قانداق كۈچ بار دەپ سورالغاندا، ئۇ «پارتىيە - خەلقنىڭ غەمخورلۇقى ۋە قوللىشى شۇنداقلا مېنى ئىچىمدىن ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرىدىغان سەنئەتكە بولغان يالقۇنجاپ تۇرىدىغان چوڭقۇر مۇھەببەت، مەن ئائىلە شەجەرىسىدىكى داۋازلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋەكىلى، ئىچىمدىن يالقۇنجاپ تۇرىدىغان سەنئەتكە بولغان مۇھەببەتنى ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئىپادىلەيمەن» دېگەن. www.iz.la

( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(190)
90%
ئالقىشلايمەن
(21)
10%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ماھىنۇر قاسىمىنىڭ تەرجمىھالى

    ماﻫىنۇر قاسىم 1929 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى قورغاس ناﻫىيىسىنىڭ بىر نامرات دېﻬقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1943 - يىلى غۇلجا شەﻫەرلىك قارا دۆڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدە تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ، ئائىلىسى كەمبەغەل بولغاچقا داۋاملىق ئوقۇيالماي ، يەرلىك ما...

  • قەدەم ئىزى

    ...

  • شائېر روزى سايىت تەرجىمھالى

    شائېر روزى سايىت 1943-يىلى 9-ئايدا گۇما نايىسنىڭ شەيدۇللا دىگەن يىردە تۇغۇلغان .1951-يىلى ئاتا -ئانسى بىلەن خوتەنگە كۆچۈپ كېلىپ 1958-يىلغىچە چايخانا (ھازىرقى خوتەن نايىلىك ئۈمۈد باشلانغۇچ مەكتىپى ) مەكتەپتە ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز سىنىپلى...

  • جالالىدىن بەھرامنىڭ تەرجىمىھالى

    جالالىدىن بەھرام 1942-يىل 8-ئاينىڭ16-كۈنى تىككۈچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ،ئۇنىڭ ئاتىسى بەھرام ئەپەندى ئۇستا ھۇنەرۋەن بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىلى ناخشىلىرىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان يازغۇچى ھەم رەسسام خەلق ناخشىچىسى ئىدى. ئۇ مەرىپەتپەرۋەر ئادە...

  • داڭلىق رەسسام غازى ئەمەت

    شىنجاڭدا داڭلىق ئۇيغۇر رەسسام غازى ئەمەت ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى بىلمەيدىغان كىشى بولمىسا كېرەك. 1954 يىلى، غازى ئەمەت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىندى ۋە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى لېنىنگىراد لېبىن سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ رەسسامى گېرياز...

  • سەيپىدىن ئەزىزنىڭ قىسقىچە تەرجمھالى...

    سەيپىدىن ئەزىزى دۆلىتىمىزنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ، ئالىم ،ئاتاقلىق يازغۇچى ، شائېر ،دراماتورگ . ئۇ 1915-يىلى 3- ئايدا ئاتۇشتا تۇغۇلغان . 1944- يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان . ئالى مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە . مەملىكەتلىك سىياسى كىڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى...

  • ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەرجىمىھالى

    كۈچلۈك رېئالىزىملىق روھ ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە ئەسەرلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان تالانتلىق شائىر ۋە يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1985 - يىلى تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن تارىخىي رومان ئىزنى ئې...