مۇرات ناسىروۋ نىڭ قىسقىچە تەرجىمەھالى

ۋاقتى:2010-05-12 21:15مەنبە: تەھىرىر:ئادىلجان چېكىلىشى:قىتىم
    

مۇرات ناسىروۋ

www.iz.la

مۇرات ناسىروۋ 1969-يىلى قازاغىستاننىڭ ئالمۇتادىكى بىر مۇزىكانت ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتىسى ئىسمايىل ناسىروۋ قەشقەردە تۇغۇلغان سەنئەتچى ئىدى.مۇرات قازاغىستاندا باشلانغۇچ ۋە ئورتا مەكتەپ تەلىملىرىنى ئالغاندىن كىيىن،18 يېشىدىن باشلاپ ئىككى يىل ھەربىيلىكتە تۇرغان. ئۇ كىچىك چېغىدىن باشلاپ سەنئەت جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقى كۆرۈلۈشكە باشلىغان. ھەربىيلىكتىكى چاغلىرىدىمۇ ئۆزىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئارمىيەنىڭ كۇرژۇكلىرىغا قاتناشقان. سەپداشلىرىنىڭ تۇرتكىسى بىلەن ھەربىيلىكتىن يىنىپ تەۋەككۈل قىلىپ بېقىش ئۈچۈن موسكىۋاغا ئوقۇشقا بارغان. كىيىن موسكىۋادىكى Gnèsop مۇزىكا ئىنىستىتوتىدا بىلىم ئىلىپ 1996-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن. [1991-يىلى مۇرات Ялта يالتا دىكى روسىيە ياش ئۆسمۈرلەر مۇزىكا فىستىۋالىغا قاتنىشىپ بىرىنجى دەرىجىلىككە ئېرىشكەن. بۇ نەتىجىسىدىن باشلاپ ئۇ بارغانچە خەلق ئارىسىدا تونۇلۇشقا باشلانغان ھەم ئۆزىنىڭ گۇرۇپپىسى(يېڭى پورت )نى تەشكىللەپ ئويۇن قويۇشقا باشلىغان. ئۇ يەنە بەزى كىنو ۋە تىلىۋىزىيە فىلىملىرىنىڭ مۇزىكىلىرىنى ئىشلەپ بېرىشكە ياردەملەشكەن. بەزىلىرىدە باش ناخشىچىلىققىمۇ تەكلىپ قىلىنغان. 1997-يىلى ئۇ تۇنجى ئالبومىنى بازارغا سالىدۇ.ئالبىمىدىكى ناخشا «تامباۋغا بارماقچى بولغان بالا» نۇرغۇنلىغان ناخشا مەستانىلىرىنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشىدۇ. ئالبوم ناھايىتى تېزلا سىتىلىپ، نامى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتىرىلىدۇ. ئۇنىڭ ناخشىلىرى ئورتا ئاسىيە ۋە روسىيە دە چوڭ ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ئۇ دۆلەتلەردىكى تىلىۋىزىيە قاناللىرىدا توختىماي قويۇلىدىغان مودا ناخشىلارنىڭ ئورنىنى ئىگەللەيدۇ. مۇرات ناسىروۋ ناخشىلىرىنىڭ مۇزىكا ۋە تېكىستلىرى ئاساسەن ئۆزى ئىشلەيدۇ. ھازىرغا قەدەر روسچە «مېنىڭ تارىخىم»،«ئويغاتقىن مېنى»، «كىمدۇر بىرى ئەپۇ قىلىدۇ»،«بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن بىلەن بولمىغان» ۋە ئۇيغۇرچە «قالدىم يالغۇز» دىن ئىبارەت 5 ئالبوم چىقارغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى قالدىم يالغۇز ناملىق ئەڭ ئاخىرقى ئالبومى روسىيەدىكى تۇنجى بولۇپ بازارغا سېلىنغان ئۇيغۇرچە ناخشا پىلاستىنكىسى بولۇپ، مۇرات ئاتىسىغا بولغان سېغىنىشىنى ئىپادىلەپ ئۆز قابىلىيىتى ئارقىلىق روسىيەلىكلەرگە ئۇيغۇر مۇزىكىسىنى ئاڭلاتتى. قالدىم يالغۇز ئۇ يەنە نۇرغۇن تىلىۋىزىيە قاناللىرىنىڭ، گىزىت-ژورناللارنىڭ زىيارىتىگە قاتناشقان. روسىيەدىكى مەلۇم بىر توربەتتە ئۇنى ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئۇيغۇر دەپ كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان قىسقىچە سۆھبىتىمۇ چىقىرىلغان. توربەتتە يەنە روسىيەدىكى مۇزىكا مۇتەخەسسىلىرىنى مۇراتقا بولغان باھاسىمۇ يېزىلغان. مۇتەخخەسسىلەر ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى ئىنتايىن ياڭراق،ئادەمگە راھەت بېغىشلايدىغان، رىتىملىق، يېڭى زامان تىخنىكىلىرىگە ئىگە دەپ تەرىپلىگەن. مۇرات ناتالىيە ئىسىملىك بىر لاتۋىيەلىك قىز بىلەن توي قىلغان بولۇپ، ھاكىم ئىسىملىك ئوغلى ۋە ۋە لەيلى ئىسىملىك قىزى بار.  2007-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچ سائەت 10دىن 30مىنوت ئۆتكەندە مۇرات موسكىۋانىڭ جەنوبىغا جايلاشقان بىر بىنانىڭ 5-قەۋىتىدىكى بالكونىدىن چۈشۈپ كىتىپ،نەق مەيداندا قازا قىلغان. 37ياشقا كىرگەن بۇ ياشنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتى ئۆز ئائىلىسىنى تىڭىرقىتىپلا قالماستىن، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن بۇ ياشقا كۆز تىكىپ تۇرغان ناخشا مەستانىلىرى ۋە ئۇنىڭ تالانتىغا قايىل بولغان كىشىلەرنى تىڭىرقىتىپ قويدى. روسىيە مىدىيالىرى بۇ ياش توغۇرلۇق ھەرخىل تەھلىللەرنى ئىلىپ بارغان بولسىمۇ ئۇنىڭ بۇ پاجىئەسى يەنىلا بىر سىر بولۇپ قالماقتا. مەرھۇمنى شۇ يىلى 12-ئاينىڭ22-كۈنى ئالمۇتادا ئاتىسىنىڭ قەۋرىسى يېنىغا دەپنە قىلغان. مۇرات ناسىروۋ ئالەمدىن ئۆتۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئالمۇتادا مۇرات ناسىروۋقا ئاتاپ ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ ناخشا كېچىلىكى ئەسلىدە مۇرات ھايات چىغىدا ئۆتكۈزۈشكە پىلانلىغان بولۇپ، تۇيۇقسىز ۋاپات بولغان سەۋەبىدىن كېچىلىك قازاغىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن مۇراتنى خاتىرلەش يۈزسىدىن ئۆتكۈزگەن. بۇ كېچىلىكنىڭ كۆلىمى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ 50 كە يېقىن داڭلىق روسىيە سەنئەتكارلىرى قاتناشقان. ئۇلار بۇ كېچىلىكتە مۇراتنىڭلا ناخشىلىرىنى ئېيتقان. www.iz.la

( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(52)
94.5%
ئالقىشلايمەن
(3)
5.5%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ماھىنۇر قاسىمىنىڭ تەرجمىھالى

    ماﻫىنۇر قاسىم 1929 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى قورغاس ناﻫىيىسىنىڭ بىر نامرات دېﻬقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1943 - يىلى غۇلجا شەﻫەرلىك قارا دۆڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدە تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ، ئائىلىسى كەمبەغەل بولغاچقا داۋاملىق ئوقۇيالماي ، يەرلىك ما...

  • قەدەم ئىزى

    ...

  • شائېر روزى سايىت تەرجىمھالى

    شائېر روزى سايىت 1943-يىلى 9-ئايدا گۇما نايىسنىڭ شەيدۇللا دىگەن يىردە تۇغۇلغان .1951-يىلى ئاتا -ئانسى بىلەن خوتەنگە كۆچۈپ كېلىپ 1958-يىلغىچە چايخانا (ھازىرقى خوتەن نايىلىك ئۈمۈد باشلانغۇچ مەكتىپى ) مەكتەپتە ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز سىنىپلى...

  • جالالىدىن بەھرامنىڭ تەرجىمىھالى

    جالالىدىن بەھرام 1942-يىل 8-ئاينىڭ16-كۈنى تىككۈچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ،ئۇنىڭ ئاتىسى بەھرام ئەپەندى ئۇستا ھۇنەرۋەن بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىلى ناخشىلىرىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان يازغۇچى ھەم رەسسام خەلق ناخشىچىسى ئىدى. ئۇ مەرىپەتپەرۋەر ئادە...

  • داڭلىق رەسسام غازى ئەمەت

    شىنجاڭدا داڭلىق ئۇيغۇر رەسسام غازى ئەمەت ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى بىلمەيدىغان كىشى بولمىسا كېرەك. 1954 يىلى، غازى ئەمەت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىندى ۋە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى لېنىنگىراد لېبىن سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ رەسسامى گېرياز...

  • سەيپىدىن ئەزىزنىڭ قىسقىچە تەرجمھالى...

    سەيپىدىن ئەزىزى دۆلىتىمىزنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ، ئالىم ،ئاتاقلىق يازغۇچى ، شائېر ،دراماتورگ . ئۇ 1915-يىلى 3- ئايدا ئاتۇشتا تۇغۇلغان . 1944- يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان . ئالى مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە . مەملىكەتلىك سىياسى كىڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى...

  • ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەرجىمىھالى

    كۈچلۈك رېئالىزىملىق روھ ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە ئەسەرلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان تالانتلىق شائىر ۋە يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1985 - يىلى تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن تارىخىي رومان ئىزنى ئې...