سادىر پالۋان

ۋاقتى:2009-10-17 11:33مەنبە:نامەلۇم تەھىرىر:admin چېكىلىشى:قىتىم
   سادىر پالۋان 1798 - يىلى غۇلجا ناﻫىيىسىنىڭ موللا توختىيۈزى يېزىسىدا دېﻬقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . سادىرنىڭ ئۆسمۈرلۈك چاغلىرى دەل چىڭ خانىدانلىقى زۇلمىنىڭ چېكىدىن ئاشقان مەزگىللىرىدە ئۆتتى . دەﻫشەتلىك ئېزىلىش ۋە ئېغىر ئالۋان - سېلىق دەستىدىن سەۋر قاچىسى تاشقان ئىلى دېﻬقانلىرى 1861 - يىلى چىڭ خانىدانلىقىنىڭ زۇلمىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈردى . سادىر ئۇلارنى 1864 - يىلىدىكى بايانداي قەلئەسى بىلەن كۈرە قورغىنىنى ئېلىش جەڭلىرىگە ئۇيۇشتۇردى ، ئۆزى سېپىللارنى پارتلىتىپ ، جەڭنىڭ ﻫەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئۆچمەس تۆﻫپىلەرنى ياراتتى . شۇڭا ، خەلق سادىرنى "پالۋان" دەپ ئاتىدى . www.iz.la
سادىر پالۋان ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەشلەردە كۆپ قېتىم دۈشمەن قولىغا چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ ، دۈشمەنگە ﻫەرگىز باش ئەگمىدى ، پەم - پاراسەت ۋە باتۇرلۇق كۆرسىتىپ ، زىندان - يامۇللارنى تېشىپ چىقتى ، سۈرگۈنلەردىن قېچىپ قۇتۇلۇپ ، جەڭلەرنى داۋاملاشتۇردى .
سادىر پالۋان دېﻬقانلار قوزغىلىڭىنىڭ باتۇر سەركەردىسى بولۇپلا قالماي ، يەنە داڭلىق خەلق قوشاقچىسى ، ناخشىچىسى ۋە ئەلنەغمىچىسى ئىدى . خەلق ئارىسىدا ئۇنىڭ نۇرغۇن قوشاقلىرى ۋە تەسىرلىك ناخشىلىرى تارقالغان بولۇپ ، كىشىلەر ئۇنى ئەڭ قىممەتلىك مەدەنىي مىراسلار سۈپىتىدە ساقلاپ ۋە قەدىرلەپ كەلمەكتە .

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق


ئۆز ئۆمرىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى خەلقنى زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇش ئىشىغا سەرپ قىلغان بۇ مەشﻬۇر خەلق پالۋىنى تارىختا شەرەپلىك ئىز ۋە جاراڭلىق ناخشا - قوشاقلارنى قالدۇرۇپ ، 1871 - يىلى ماي ئايلىرىدا ئۆز يېزىسىدا ۋاپات بولغان .
( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى نامەلۇم گە تەۋە )
ياخشىكەن
(111)
91%
ئالقىشلايمەن
(11)
9%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • داڭلىق رەسسام غازى ئەمەت

    شىنجاڭدا داڭلىق ئۇيغۇر رەسسام غازى ئەمەت ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى بىلمەيدىغان كىشى بولمىسا كېرەك. 1954 يىلى، غازى ئەمەت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىندى ۋە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى لېنىنگىراد لېبىن سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ رەسسامى گېرياز...

  • سەيپىدىن ئەزىزنىڭ قىسقىچە تەرجمھالى...

    سەيپىدىن ئەزىزى دۆلىتىمىزنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ، ئالىم ،ئاتاقلىق يازغۇچى ، شائېر ،دراماتورگ . ئۇ 1915-يىلى 3- ئايدا ئاتۇشتا تۇغۇلغان . 1944- يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان . ئالى مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە . مەملىكەتلىك سىياسى كىڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى...

  • ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەرجىمىھالى

    كۈچلۈك رېئالىزىملىق روھ ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە ئەسەرلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان تالانتلىق شائىر ۋە يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1985 - يىلى تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن تارىخىي رومان ئىزنى ئې...