ئۇيغۇرلارنىڭ پەخرى مەرھۇم مۇرات ناسىروۋنى چوڭقۇر ياد ئىتىمىز!

ۋاقتى:2010-06-06 02:40مەنبە:tor تەھىرىر:دوكتور- نەبىجان تۇرسۇن چېكىلىشى:قىتىم
  

  رۇسىيىنىڭ مەشﻬۇر ناخشا چولپىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى مۇرات ناسىروپ 19-يانۋار كۈنى كەچ سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە موسكۋا شەﻫىرىدىكى 5-قەۋەتكە جايلاشقان ئۆيىنىڭ بالكونىدىن چۈشۈپ كېتىپ نەق مەيداندا جان ئۈزگەن. مۇراتنىڭ ناسىروپ رۇسىيە ﻫازىرقى زامان زامانىۋى ناخشا-مۇزىكا ساﻫەسىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى چولپانلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ نامى يالغۇز رۇسىيىگىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن مۇستەقىل دۆلەتلەر ﻫەمدوستلۇقى ئەللىرىگە تونۇلغان. ئىز تورى www.iz.la

مۇرات ناسىروپ 1991-يىلى يالتادا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ياش ناخشىچىلارنىڭ مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغاندىن كېيىن تونۇلۇشقا باشلاپ، 97--يىلى "تامبوۋغا بارماقچى بولغان بالا" دېگەن ناخشىسى بىلەن پۈتۈن رۇسىيە ۋە مۇستەقىل دۆلەتلەر ﻫەم دوستلۇقىدا شۆﻫرەت قازىنىپ، ياشلارنىڭ چوقىنىدىغان چولپىنىغا ئايلانغان ئىدى.
مۇرات رۇسىيە سەﻫنىلىرىدە دائىم ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتقان

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئۇ، دادىسىغا بېغىشلاپ، ئۇيغۇرچە ناخشا ئىجاد قىلىشقا كىرىشكەن بولۇپ، بۇ جەﻫەتتە ئالمۇتا ۋە يەركەتتىكى ئۇيغۇر مۇزىكانتلار بىلەن ﻫەمكارلىق ئورناتقان شۇنىڭدەك ئۇيغۇر يېزىلىرىغا بېرىپ، ئۇيغۇر ﻫاياتىنى ۋە ئاﻫاڭلىرىنى ئۆگەنگەن.
قازاقىستان جۇمﻬۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ دىرېكتورى مۇرات ئەخمەدى مۇرات ناسىروپنىڭ قەشقەردىن راۋاب ئەكەلدۈرۈپ، ئۇنى چېلىشنى ئۆگەنگەنلىكى ﻫەتتا قازاقىستانغا قايتىپ كېلىپ، ئۇيغۇر ناخشا-ئىجادىيىتى بىلەن كەڭ شۇغۇللۇنۇشنى ئويلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

مۇرات ناسىروپ ئۆز خەلقىنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ ﻫەممىلا يەردە ئۇيغۇرنى تەشۋىق قىلغان. تېلېۋىزىيە ئېكرانلىرىدىمۇ ئۇيغۇر سەنئىتى ۋە تاماقلىرىنى ﻫەم تارىخىنى تونۇشتۇرغان. ئۇ، ئەينى ۋاقىتتا قەشقەرنىڭ پەيزىۋات ۋە مارالبېشى نايىﻬىلىرىدىكى يەر تەۋرەشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، موسكۋادىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كېلىپ، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق جۇمﻬۇرىيەتلەردە مەخسۇس خەيرىساخاۋەتلىك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، ۋاپات بولغان ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىغا ماتەم بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇق بۇرچىنى ئادا قىلدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

مۇرات ناسىروپ ئۆز خەلقىنى قانچە سۆيسە، ئۆز خەلقىمۇ مۇراتنى شۇنچە سۆيدى. ئۆتكەن يىلى ئالمۇتادىكى قازاقىستان ئۇيغۇر بايلىرى كۇلۇبى تەشكىللىگەن "ئىلﻬام مۇكاپاتى" بېرىش مۇراسىمىدا باﻫالىغۇچىلار بىردەك ﻫالدا ئۇنىڭ تۆﻫپىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا سەنئەت ۋە ناخشا-مۇزىكا ساﻫەسى بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك "ئىلﻬام مۇكاپاتى" بەردى.
مەرﻫۇم مۇرات ناسىروپنىڭ ئۇيغۇرچە ناخشا-ئىجادىيىتى، ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن قىلماقچى بولغان خىزمەتلىرى تېخى ئەمدى باشلىنىپ، مول مېۋە بېرىش ئالدىدا ئۆز خەلقىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلدى. ئەمما، ئۇنىڭ ياڭراق ئاۋازلىرى ۋە تالانتى ئەبەدىي ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا قالدى ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

رۇسىيىنىڭ "كم.رۇ" ئىنتېرنېت ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،2007-يىلى  3-ئاينىڭ ئوتتۇرسىدا قازاقىستاننىڭ كونا پايتەختى ئالمۇتا شەﻫىرىدە ئاتاقلىق ئۇيغۇر كومپوزىتورى ۋە ناخشىچىسى مۇرات ناسىروپقا بېغىشلانغان ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلگەن.
مۇرات ناسىروپنىڭ قازاقىستاندىكى يېقىنلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ناخشا كېچىلىكىنى ئەسلىدە مۇرات ناسىروپ ﻫايات ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان بولۇپ، لېكىن ئۇ تۇيۇقسىز ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بۇنى قىلىش مەسىلىسى تۇغۇلغان، نەتىجىدە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى بىر يەرگە باش قوشۇپ، ئىقتىساد ئاجرىتىش ئارقىلىق بۇ كونسېرتنى مۇراتنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


رۇسىيە ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالمۇتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان خاتىرىلەش كونسېرتىنىڭ كۆلىمى زور بولۇپ، بۇنىنغا موسكۋادا ياشايدىغان ئاتاقلىق ناخشا چولپانلىرىدىن ئالىيونا ئاپىنا، مارىنا خلېبنىكوۋا قاتارلىق 50 مەشﻬۇر سەنئەتكار قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇلار مەخسۇس تۈردە مۇراتنىڭ ناخشىلىرىنى ئېيتىش ﻫەم ئۇنىڭغا بېغىشلاپ ناخشا ئورۇنلاشنى قارار قىلغان.
مۇرات ناسىئوپنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمىنىڭ سىرى تېخىچە يېشىلمىگەن بولۇپ، موسكۋادىكى تىببىي دېلولارنى تەكشۈرۈش ئورنى مۇراتنىڭ قېنىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭدا زەﻫەرلىك چېكىملىك ۋە ياكى ﻫاراق قالدۇقلىرىنىڭ يوقلىقىنى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق ساقچى دائىرىلىرىنىڭ " مۇرات ناسىروپ زەﻫەرلىك چېكىملىك تەسىرىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى" دېگەن يەكۈننى ئىنكار قىلغان
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

  مۇرات ناسىروۋ ھەققىدىكى بۇ مەزمۇنلارنى دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ <<مۇرات ناسىروپ ۋە مەن>> ناملىق ئىجتىھاتلىق                                                                 ئەمگىكىدىن                                        
قىسقارتىپ ۋە ئەينەن كۆچۈرۈپ پايدىلاندىم  ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى tor گە تەۋە )
ياخشىكەن
(19)
90.5%
ئالقىشلايمەن
(2)
9.5%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • داڭلىق رەسسام غازى ئەمەت

    شىنجاڭدا داڭلىق ئۇيغۇر رەسسام غازى ئەمەت ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى بىلمەيدىغان كىشى بولمىسا كېرەك. 1954 يىلى، غازى ئەمەت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىندى ۋە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى لېنىنگىراد لېبىن سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ رەسسامى گېرياز...

  • سەيپىدىن ئەزىزنىڭ قىسقىچە تەرجمھالى...

    سەيپىدىن ئەزىزى دۆلىتىمىزنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ، ئالىم ،ئاتاقلىق يازغۇچى ، شائېر ،دراماتورگ . ئۇ 1915-يىلى 3- ئايدا ئاتۇشتا تۇغۇلغان . 1944- يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان . ئالى مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە . مەملىكەتلىك سىياسى كىڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى...

  • ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەرجىمىھالى

    كۈچلۈك رېئالىزىملىق روھ ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە ئەسەرلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان تالانتلىق شائىر ۋە يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1985 - يىلى تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن تارىخىي رومان ئىزنى ئې...