ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ناتو لىۋىيەدىكى ھاۋا ھۇجۇمى نىشان دائىرىسىنى چوقۇم كېڭەيتىشى كېرەك

2011-يىلى05-ئاينىڭ15-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 15-ماي خەۋىرى: 15-ماي نەشىردىن چىققان ئەنگىلىيە يەكشەنبىلىك خەت-چەكلەر گېزىتى نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى رىچاردز نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ش ئا ئە ت لىۋىيەدىكى ھاۋا ھۇجۇمى نىشان دائىرىسىنى چوقۇم كېڭەيتىش
  
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 15-ماي خەۋىرى: 15-ماي نەشىردىن چىققان ئەنگىلىيە «يەكشەنبىلىك خەت-چەكلەر گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى رىچاردز نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ش ئا ئە ت لىۋىيەدىكى ھاۋا ھۇجۇمى نىشان دائىرىسىنى چوقۇم كېڭەيتىشى كېرەك ئىكەن، ھاۋا ھۇجۇمىدا قازافىنى پارتلىتىپ ئۆلتۈرۈشنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ بۇ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوامدانى مەزكۇر گېزىتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ش ئا ئە ت لىۋىيەدىكى ھاۋا ھۇجۇمى چەكلىمىسىنى چوقۇم بوشىتىپ، لىۋىيەنىڭ ئاساسىي ئەسلىھەلىرىگە زەربە بېرىشى كېرەك ئىكەن، چۈنكى بۇ ئەسلىھەلەر جازافى ھاكىمىيىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداش قورالى ئىكەن.
نۆۋەتتە ش ئا ئە ت نىڭ لىۋىيەگە قاراتقان ھۇجۇمى ئاساسلىقى ھەربىي ئەسلىھەلەر بولۇپ، ھۇجۇم نىشانى دائىرىسىنى كېڭەيتىش مەسىلىسىدە ھەر قايسى دۆلەتلەر ئارىسىدا تالاش-تارتىش بار ئىكەن. ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشى ھەر خىل ۋاستىلەر ئارقىلىق لىۋىيە پۇقرالىرىنى قوغداش قارارى بەرگەن ھوقۇقتا، قازافىنى چوقۇم تەختتىن چۈشۈرۈش كېرەك دېگەن نىشان يوق. ئەمما رىچاردز زىيارەتتە قازافىنى ھاۋا ھۇجۇمىدا پارتلىتىپ ئۆلتۈرۈشنىڭ قانۇنلۇق دائىرىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ قازافىنىڭ تەختتىن چۈشۈشىگە ئاز قالغانلىقىنى، ش ئا ئە ت نىڭ تېخىمۇ شىددەتلىك ھەربىي ھەرىكەت ئارقىلىق يەنىمۇ بېسىم قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتقان.
لىۋىيە ھۆكۈمەت ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچتە، لىۋىيەنىڭ بىر ئەل-غەنىم (Bir Al-Ghanam) ، نجىلا رايونى ۋە پايتەخت تىرىپولىنىڭ غەربىي جەنۇب قىسىمىدىكى ئەزىزىيە شەھىرى ش ئا ئە ت نىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. مەزكۇر ئاگېنتلىق ھەربىي تەرەپنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل قىلىشىچە، ئاممىۋى ۋە ھەربىي ئەسلىھەلەر بىردەك ھاۋا ھۇجۇم نىشانى بولغان، بۇ قېتىمقى ھاۋا ھۇجۇمى «ئادەم ۋە مال-مۈلۈك تالاپەتكە ئۇچراش» كەلتۈرۈپ چىقارغان.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر