ۋېنخۇي گېزىتى تورىنىڭ 8-ماي خەۋىرى: BBC تورىنىڭ تەيۋەنگە ئالاقىدار ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرلىكى 7-ماي بايانات ئېلان قىلىپ، ئاخباراتلار خەۋەر قىلغان تەيۋەن دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلىش ئەترىتىنى دوڭشا ۋە نەنشا (سپراتلىي) تاقىم ئاراللىرىغا ئەۋەتىدۇ دېگەن ئۇچۇرلار ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس دېگەن، باياناتتا يەنە تەيۋەن دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلىش ئەترىتى پەقەت دېڭىز چارلاش مەھكىمىسىنىڭ مەشىقلىنىشىگە ياردەم قىلىدۇ دېگەن.
تەيۋەن دېڭىز ئارمىيىسى جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىز ساھەسىدە دوڭشا تاقىم ئاراللىرىنى كونترول قىلغاندىن سىرت، يېقىنقى يىللاردا جۇڭگو بىلەن ۋېيتنامنىڭ نەنشا تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تالىشىش ماجراسى ئۈزۈلمىدى، تەيۋەن بولسا نەنشا تاقىم ئاراللىرىدىكى ئەڭ چوڭ ئارال تەيپىڭ ئارىلىنى كونترول قىلدى ھەمدە 2008-يىلى ئايروپىلان ئۇچۇش يولى ياسىدى.
بۇ ئاراللارنىڭ مۇھاپىزىتىگە بۇرۇن ھەربىي تەرەپ مەسئول ئىدى. تەيۋەن 2000-يىلى دېڭىز چارلاش مەھكىمىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن دېڭىز چارلاش خادىملىرىنى تۇرغۇزدى، ئەمما يېقىندا تەيۋەن دائىرلىرى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلىش ئەترىتىنى ئارالغا ئەۋەتكۈدەك دېگەن ئۇچۇرلار تارقالغان.
تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرلىكى ئېلان قىلغان باياناتىدا بۇ ئۇچۇرنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان، چۈنكى ھەربىي تەرەپ دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلىش ئەترىتى ئارقىلىق ھەر پەسىلدە پەلەمپەيسىمان شەكىلدە، دېڭىز چارلاش مەھكىمىسىنىڭ يېڭى ئەسكەرلىرىنى ئىككىنچى باسقۇچلۇق مەخسۇس مەشىقلەندۈرىدىكەن، ئارالغا قوشۇن ئەۋەتمەيدىكەن.
تەيۋەن يېقىندا نەنخەي دېڭىزىدىكى ئاراللارنىڭ مۇھاپىزىتىنى كۈچەيتىدىكەن دېگەن گەپلەر پات-پات كېلىدىغان بولدى، باشقا بىر مىسالى بولسا، تەيۋەن ئارمىيىسى تىنچ ئوكياندىكى ئوت كۈچىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئارالدا تانكا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ھەمدە نىسپىي ئوت كۈچى خېلى چوڭ بولغان كاتيۇشا ۋە زەمبىرەكلەرنى ئەسلىدىكى قوراللارنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرماقچى بولغان.
ئەمما تەيۋەن ئاخباراتلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ قېتىمقى قوراللارنى كۈچلەندۈرۈش پىلانى دېڭىز چارلاش مەھكىمىسىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان، سەۋەبى بۇ پىلاندىكى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان قوراللار كونا بولۇپ، كېيىن رېمونت قىلىش راسخوتىنى دېڭىز چارلاش مەھكىمىسى ئۈستىگە ئالالمايدىكەن.
بۇ ئۇچۇر تارقالغاندىن كېيىن، ھەربىي تەرەپ ئالدىنقى ھەپتە ئارمىيىنىڭ دېڭىز چارلاش قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگانلىرىنى قوللىشى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدىشىنى پىرىنسىپ قىلىدۇ، داۋاملىق خادىملارنى مەشىقلەندۈررىدۇ، قورال ئالماشتۇرىدۇ ھەمدە قورال-ياراغلارنى ئاسرايدۇ، دوڭشىيا ۋە نەنشا رايونىنى مۇداپىئە قىلىشىغا ياردەملىشىدۇ دېگەن.
جۇڭگو ۋە جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىنى چۆرىدىگەن دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى نەنشا تاقىم ئاراللىرىغا ئىگىلىك ھوقوقىمىز بار دەپ جاكارلىدى، تەيۋەننىڭ سابىق رەھبىرى چېن شۇيبىيەن 2008-يىلى ئايروپىلان ئۇچۇش يولى ياسالغاندىن كېيىن ئارالغا چىقىپ ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى جاكارلىدى، بەزى ئاخباراتلار ھازىرقى رەھبەر ما يىڭجيۇمۇ بۇ ئايدا ئارالغا چىقىپ «خەلقئارا تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش يىغىنى» ئېچىشنى پىلانلاۋاتىدۇ دېگەن.
تەيۋەن «پىرىزدېنت» مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى نەنشا تاقىم ئاراللىرىدىكى تەيپىڭ ئارىلىدا خەلقئارا تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش يىغىنى ئېچىشنى ئەدىبلەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ ئىكەنلىكىنى، «پىرىزدېنت» مەھكىمىسى تېخى تەستىقلىمىغانلىقىنى، ما يىڭجيۇنىڭ ئارالغا چىقىپ ئىگىلىك ھوقۇق جاكارلاش ۋاقىت جەدىۋىلى يوقلىنى ئېيتقان.