شىنخۇا تورىنىڭ 8-ماي خەۋىرى: 2 كۈنلۈك لىۋىيە مەملىكەتلىك قەبىلىلەر يىغىنى شۇ جاي ۋاقتى 6-ماي كەچتە پايتەخت تىرىپولىدا يېپىلغان، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر لىۋىيەنىڭ بىرلىكىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ھەمدە قازافىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لىۋىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 850 قەبىلىنىڭ 2000 نەچچە ۋەكىلى يىغىندا دۆلەت ئىچىدىكى ۋەزىيەتنىڭ يېڭى ئىلگىرلىشىنى مۇزاكىرە قىلغان، قانلىق توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، سىرتقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىش ۋە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكەتلىرىنى توساشقا ماقۇل بولۇشقان.
لىۋىيە توپىلاڭچىلىرى 7-ماي دېيىشىچە، قازافى ئارمىيىسى مىسۇراتا شەھىرىگە نۇرغۇن راكېتا بومبا ئېتىپ، بىر قانچە ماي باكىنى ۋەيران قىلغان. مىسۇراتادىكى بىر قىسىم ماي باكلىرىدا پارتلاش يۈز بەرگەن، غايەت زور ئوت يالقۇنى كۆتۈرۈلگەن. رېيترس ئاگېنتلىقى توپىلاڭچىلارنىڭ باياناتچىسى ئەخمەد ھەسەننىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىشىچە، 4 دانە ماي باكغا بومباردىماندىن كېيىن ئوت كەتكەن، «بىزدە ئوت ئۆچۈرۈش قورالى كەمچىل بولغاچقا، ئۆچۈرۈشكە ئامالسىز قالدۇق» دېگەن.
لىۋىيە توپىلاڭچىلىرى قۇرغان ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت 7-ماي دېيىشىچە، ئىتالىيە توپىلاڭچىلارغا قورال تەمىنلەشكە ماقۇل بولغان. ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچى ئابدۇل ھافىز شۇ كۈنى توپىلاڭچىلارنىڭ بارىگاھى بىن غازىدا توپىلاڭچىلار بىلەن ئىتالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقى، توپىلاڭچىلارغا قورال-ياراغ تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىراق، ئىتالىيە دېپلوماتىيە مىنىستېرلىكىنىڭ باياناتچىسى بۇ قاراشنى ئىنكار قىلغان. بۇ باياناتچىنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، ئىتالىيە «لىۋىيە مەسىلىسى» يىغىنىدا ھاسىل قىلغان كېلىشىمگە ئاساسەن، لىۋىيە توپىلاڭچىلىرىغا «ئۆزىنى قوغداشقا ئىشلىتىدىغان ئەسلىھە» تەمىنلەيدىكەن.
قازافى ئارمىيىسى بىلەن توپىلاڭچىلار 7-ماي تۇنىس بىلەن چېگىرلىنىدىغان ۋازىن رايونىدا كەسكىن ئېتىشقان. توپىلاڭچىلار قاتار يېرىم ئارال تېلېۋىزىيىسى قاتارلىق ئاخباراتلارغا دېيىشىچە، قازافى ئارمىيىسى ۋازىن ئۆتۈشمە يولىغا كۆپ قېتىم راكېتا بومبا ھۇجۇمى قىلغان، نەچچە ئون توپىلاڭچى خادىمنىڭ ئۆلىشى ۋە يارىدار بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
تۇنىس ھۆكۈمىتى 7-ماي ھۆكۈمەت ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئارقىلىق لىۋىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ ۋازىن ئۆتۈشمە يولىغا يېقىن جايدا، تۇنىس زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. تۇنىس دېپلوماتىيە مىنىستېرلىكىدىكى ھوقۇقلۇق زاتنىڭ دېيىشىچە، قازافى ئارمىيىسىنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يامان تەسىر پەيدا قىلىدىكەن. لىۋىيە دائىرلىرى نۆۋەتتە ۋازىن ئۆتۈشمە يولىنى تاقاپ تاشلاشنى ئويلاشمىغان. باياناتتا لىۋىيە دائىرلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئالاقىدار كېلىشىمگە ھۆرمەت قىلمىغانلىقىنى كۆرسەتكەن، تۇنىس تەدبىر قوللىنىش دۆلىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لىۋىيە ئالىي خەلق كومىتېتى كاتىپى مەھمۇد 7-ماي تىرىپولىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ توپىلاڭچى قوراللىقلار ئۈچۈن چوڭ كەچۈرۈم قانۇنى تۈزۈپ چىقىپ، «توقۇنۇشتىكى بارلىق خادىملارنى كەچۈرۈم قىلىش مەسلىسى» نى ھەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەخمۇد چوڭ كەچۈرۈم قانۇنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارلىمىغان، پەقەت كەلگۈسىدە تەپسىلىي مۇزاكىرە ىلىدىغانلىقىنى ھەمدە ئەمەلگە ئاشۇرۇدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!