جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 8-ماي خەۋىرى: 5-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچتە، ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى قەندىھار ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى تۇريالاي ۋېسا (Tooryalai Wesa) ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، قەندىھار ئۆلكىسىدە 7-ماي كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 8 ئادەمنىڭ ئۆلىشى ۋە 29 ئادەمنىڭ يارىدار بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئېيتقان.
ۋېسا:«شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 1 ئەتراپىدا، تالىبانلار بىر قىسىم ھۆكۈمەت بىنالىرىغا ھۇجۇم قىلدى، ھۇجۇملار ئۆلكە باشلىقىنىڭ ئىشخانا بىناسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، قەندىھار ئۆلكىسى بىخەتەرلىك قىسىملىرى دەرھال قايتۇرما ھۇجۇم قىلىپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرىدە ھۇجۇم قىلماقچى بولغان 6 ئادەمنى ئېتىپ تاشلىدى» دېگەن.
ۋېسا تالىباننىڭ ھۇجۇمىدا يەنە بىر ساقچى ۋە بىر پۇقرا ئۆلگەنلىكىنى، يەنە 29 ئادەم يارىدار بولغانلىقىنى ئېيتقان.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، قەندىھار ئۆلكىسىنىڭ باياناتچىسى جامال ئايۇب ئۆلكە باشلىقىنىڭ ئىشخانا بىناسى ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى، قوراللىق كىشىلەرنىڭ يېنىك قوراللار ۋە راكېتا بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، 10 ئادەمنىڭ ئۆلۈش ۋە يارىدار بولىشىنى، ئېتىشىشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئافغانىستان قەندىھار ئۆلكىسى باشلىقىنىڭ ئىشخانا بىناسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!