جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 8-ماي خەۋىرى: تۇنىس ۋەزىيىتى يېقىنقى ئىككى كۈندە جىددىيلىشىپ قالغان، كۆپلىگەن جايلىرىدا قايتىدىن نامايىش بولغان. تۇنىس ھۆكۈمىتى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى كېچىدە يۈرۈشنى مەنئىي قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
تۇنىس ھۆكۈمەت ئاگېنتلىقى 7-مايدىكى نامايىش ئەھۋالىنى خەۋەر قىلغان، بىخەتەرلىك قىسىملىرى شۇ كۈنى «تىنچلىق نامايىشىنى زوراۋانلىق بىلەن تارقىتىپ تاشلىغان». خەۋەردە دېيىلىشىچە، نۇرغۇن نامايىشچى تىنىس ئىچكى سىياسىي ئىشلار مىنىستېرلىكىنىڭ بىناسىغا بېرىپ، ئىچكى سىياسىي ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ھوقۇقىدىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلغان.
تۇنىس ئىچكى سىياسىي ئىشلار مىنىستېرلىكى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرلىكى 7-ماي كەچتە ھۆكۈمەت ئاخباراتى ئارقىلىق بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ۋەزىيەت تەرەققىياتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئامما ۋە ئاممىۋى بىخەتەرلىك تەھدىدكە ئۇچرىغانلىقتىن، ھۆكۈمەت شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچ سائەت 9 دىن باشلاپ (ئۈرۈمچى ۋاقتى 8-ماي سەھەر سائەت 2 دىن باشلاپ) ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەن سائەت 5 بولغىچە، پايتەخت ۋە يېقىن ئەتراپتىكى رايونلاردا كېچىدە يۈرۈشنى مەنئىي قىلغانلىقىنى جاكارلىغان. باياناتتا كېچىدە يۈرۈشنى مەنئىي قىلىشنىڭ نەچچە كۈن داۋاملىشىدىغانلىقىنى كونكرېت ئېيتمىغان.
نامايىشنىڭ پىلتىسى تۇنىسنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى فەرھات راجى يېقىندا قىلغان سۆزى بولۇپ، دۆلەت «سىياسىي ئۆزگىرىش» كە دۇچ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى دېيىشى كەڭ تالاش-تارتىش قوزغىغان. نۇرغۇن ئادەم ھۆكۈمەتتىن راجىنىڭ مەسئولىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما يەنە نۇرغۇن كىشىلەر فەرھات راجىنى قوللىغان. 7-ماي، تۇنىسنىڭ مۇۋاققەت پىرىزدېنتى مېبازا (Fouad Mebazaa) راجىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنسانىي ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىدىن ئېلىپ تاشلىغانلىقىنى جاكارلىغان. تۇنىس دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرلىكى دېيىشىچە، راجى پىتنە-ئىغۋا تارقاتقانلىقىنى ئۈچۈن ئەرز قىلىنىشى كېرەك ئىكەن.
تۇنىس ئىچكى سىياسىي ئىشلار مىنىستېرلىكى 7-ماي بايانات ئېلان قىلىپ، نامايىشتا كۆرۈلگەن ئامما ۋە مۇخبىرلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشىدىن ئەپۇ سورايدىغانلىقىنى ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار ئەيىبلەشلەرنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تۇنىس بىخەتەرلىك قىسىملىرى ياش ئاققۇزۇش گازى بىلەن نامايىشچىلارنى تارقىتىپ تاشلىغان؛ تۇنىس مۇخبىرلار كېڭىشىنىڭ نامايىشچىلارنى زىيارەت قىلغان 10 نەچچە مۇخبىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.
تۇنىس ھۆكۈمەت ئاگېنتلىقى يەنە دېيىشىچە، سابىق پىرىزدېنت بىن ئەلىنىڭ بىر تۇغقىنى 7-ماي تۇنىس يەرلىك سوتى تەرىپىدىن زەھەر چېكىش جىنايىتى بىلەن ئىككى يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ھەمدە 2000 تۇنىس دىنارى جەرىمانە قويۇلغان. بۇ كىشى بىن ئەلىنىڭ خانىمىنىڭ جىيەن ئوغلى بولۇپ، بىن ئەلى جەمەتىدىكى قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان تۇنجى تۇغقىنى ئىكەن.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!