ۋېنخۇي گېزىتى تورىنىڭ 8-ماي خەۋىرى: ئەنگىلىيەدىكى بىن لادىننى قوللىغۇچى نەچچە يۈز مۇسۇلمان 7-ماي لوندوندىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ نامايىش قىلغان ھەمدە بىن لادىننى «دەپنە» قىلغان، ئارىلىقتا ئەنگىلىيە ئوڭ قانات تەشكىلاتى نەق مەيدانغا كېلىپ تىركەشكەن، ساقچىلار ئارىلىشىپ ئىككى تەرەپنى ئايرىپ تاشلاپ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.
مۇسۇلمان نامايىشچىلار پىلاكاتلارنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، «مۇسۇلمانلار دۇنياغا ھۆكۈمران بولىدۇ» دەپ توۋلىغان، ئامېرىكا رەھبەرلىرىنى «قاتىل» دېگەن ھەمدە ئۆچ ئېلىش ھۇجۇمى قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نامايىشچى مۇئاز «غەرب دۆلەتلىرى دۈشمەن»، ھۇجۇم پات ئارىدا بولىدۇ، پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى دېگەن. ئوق قانات تەشكىلات «ئېنگىلز قوغداش ئىتتىپاقى» نىڭ ئادەملىرى «تېرورچىلار دوزاخقا كىرگەي» دەپ توۋلىغان.
نامايىشنى «مۇجاھىد» تەشكىلاتىنىڭ لوندوندىكى تارمىقىنىڭ رەئىسى، «كىرست قوشۇنىغا قارشى مۇسۇلمانلار» نىڭ رەھبىرى Anjem Choudary قوزغىغان، ئامېرىكىدىن بىن لادىننىڭ جەسىتىنى ئائىلىسىدىكىلەرگە قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. ئىلگىرى ئۇ بىر قېتىملىق «لوندون زەنجىرسىمان بومبا پارتلىتىش» ھۇجۇمى قوزغاپ ئۆچ ئالىمەن دەپ ئاگاھلاندۇرغان، ئەنگىلىيە يېقىندا ئەلچىخانا ۋە ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قوغداشنى كۈچەيتكەن.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!