431 - ماددا ئوغرىلاش، تىڭ تىڭلاش، سېتىۋېلىش يولى بىلەن ھەربىي مەخپىيەتلىكنى قانۇنسىز قولغا چۈشۈرگەنلەرگە 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 5 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار ۋە خادىملارغا ھەربىي مەخپىيەتلىكنى ئوغرىلاپ، تىڭ تىڭلاپ، سېتىۋېلىپ قانۇنسىز بەرگەنلەرگە 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى، ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. www.iz.la
432 - ماددا دۆلەت مەخپىيىتىنى ساقلاش قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھەربىي مەخپىيەتلىكنى قەستەن ياكى سەۋەنلىك بىلەن ئاشكارىلاپ قويغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا 5 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
ئۇرۇش مەزگىلىدە ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە 5 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
433 - ماددا ئۇرۇش مەزگىلىدە ئىغۋا تارقىتىپ، كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، ئارمىيىنىڭ ئىرادىسىنى بوشاشتۇرغانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
دۈشمەن بىلەن تىل بېرىكتۈرۈپ، ئىغۋا تارقىتىپ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ ئارمىيىنىڭ ئىرادىسىنى بوشاشتۇرغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلسە بولىدۇ.
434 - ماددا ئۇرۇش مەزگىلىدە ئۆزىنى زەخىملەندۈرۈۋېلىپ ھەربىي مەجبۇرىيەتتىن باش تارتقانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. ئىز تورى www.iz.la
435 - ماددا ھەربىي مەجبۇرىيەت قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ قىسىمدىن قاچقانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
ئۇرۇش مەزگىلىدە ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
436 - ماددا قورال - جابدۇق ئىشلىتىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، مەسئۇلىيەتسىزلىك ھادىسىسىنى پەيدا قىلغان، كىشىلەرنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى، ئۆلۈشىنى ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
437 - ماددا قورال - جابدۇق باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، قورال - جابدۇقلارنىڭ سەپلەپ ئىشلىتىلىشىنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
438- ماددا قورال - جابدۇق ياكى ھەربىي ئەشيالارنى ئوغرىلىغان، تارتىۋالغانلارغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 5 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
قورال - ياراغ، ئوق - دورا ۋە پارتلاتقۇچلارنى ئوغرىلىغان، تارتىۋالغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 127 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
439 - ماددا ئارمىيىنىڭ قورال - جابدۇقلىرىنى قانۇنسىز ساتقان، ئۆتۈنۈپ بەرگەنلەرگە 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ زور مىقداردىكى قورال - جابدۇقنى ساتقان، ئۆتۈنۈپ بەرگەنلەرگە ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.
440 - ماددا بۇيرۇققا قارشى چىقىپ، قورال - جابدۇقنى تاشلىۋەتكەنلەرگە 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ مۇھىم ياكى زور مىقداردىكى قورال - جابدۇقنى تاشلىۋەتكەنلەرگە ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا 5 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
441 - ماددا قورال - جابدۇقنى يوقىتىپ قويۇپ، ۋاقتىدا مەلۇم قىلمىغانلارغا ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
442 - ماددا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئارمىيىنىڭ ئۆي - زېمىنىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ساتقان، ئۆتۈنۈپ بەرگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغان بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
443 - ماددا خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، قول ئاستىدىكىلەرنى خارلاش قىلمىشى قەبى宾
بولۇپ، باشقىلارنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشىنى ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلغانلارغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقىلارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا 5 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
444 - ماددا جەڭ مەيدانىدا يارىدار ۋە كېسەل ھەربىيلەرنى قەستەن تاشلاپ كەتكەنلەردىن قىلمىشى قەبى宾 ئىز تورى www.iz.la
بولغان بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
445 - ماددا ئۇرۇش مەزگىلىدە، قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئورنىدا قۇتقۇزۇش - داۋالاش شارائىتى بار تۇرۇقلۇق، كېسىلى خەۋپلىك، ئېغىر ھەربىيلەرنى قۇتقۇزۇپ داۋالاشنى رەت قىلغانلارغا 5 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ يارىدار - كېسەل ھەربىيلەرنىڭ ئېغىر دەرىجىدە مېيىپ بولۇشىنى، ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ياكى باشقا قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 5 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
446 - ماددا ئۇرۇش مەزگىلىدە ھەربىي ھەرىكەت رايونىدا بىگۇناھ ئاھالىلەرگە زىيان - زەخمەت يەتكۈزگەنلەرگە ياكى بىگۇناھ ئاھالىلەرنىڭ پۇل - مېلىنى تالان - تاراج قىلغانلارغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 5 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.
447 - ماددا ئەسىرلەرنى ئاستىرتىن قويۇپ بەرگەنلەرگە 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ مۇھىم ئەسىرلەرنى ئاستىرتىن قويۇپ بەرگەن ۋە كۆپ ئەسىرنى ئاستىرتىن قويۇپ بەرگەنلەرگە ياكى باشقا قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 5 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
448- ماددا ئەسىرلەرنى خارلاش قىلمىشى قەبى宾
بولغانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
449- ماددا ئۇرۇش مەزگىلىدە 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەن، نەق خەۋپى بولمىغانلىقتىن جازاسىنى كېچىكتۈرۈش جاكارلانغان جىنايەت ئۆتكۈزگەن ھەربىيلەرنىڭ خىزمەت كۆرسىتىپ جىنايىتىنى يۇيۇشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ، ھەقىقەتەن خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى بولغاندا، ئەسلىي ھۆكۈمدىكى جازا كۈچتىن قالدۇرۇلۇپ، جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنمىسا بولىدۇ.
450 - ماددا بۇ باب جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىدىكى رەسمىي ئوفىتسېر، مۈلكىي كادىر، ئەسكەرلەرگە ۋە ھەربىي تەۋەلىكتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ھەم جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىملىرىدىكى رەسمىي ئوفىتسېرلار، مۈلكىي كادىرلار، ئەسكەرلەر ۋە ھەربىي تەۋەلىكتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ھەم ھەربىي ۋەزىپە ئىجرا قىلغۇچى زاپاس خادىملار ۋە باشقا خادىملارغا تەتبىقلىنىدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى
451 - ماددا مۇشۇ بابتا دېيىلگەن ئۇرۇش مەزگىلى دۆلەت ئۇرۇش ھالىتى جاكارلىغان ۋاقىتنى، قىسىم جەڭ ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغان ياكى دۈشمەننىڭ ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ.
قىسىملارنىڭ ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش ياكى ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋاقتى ئۇرۇش مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ.
قوشۇمچە پرىنسىپ
452 - ماددا بۇ قانۇن 1997 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
مۇشۇ قانۇننىڭ قوشۇمچە (1) سىدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزاملىرى، قوشۇمچە بەلگىلىمىلىرى ۋە بېكىتمىلىرىدىن مۇشۇ قانۇنغا كىرگۈزۈلگەنلىرى ياكى تەتبىقلانمايدىغانلىرى مۇشۇ قانۇن يولغا قويۇلغان كۈندىن باشلاپ بىكار قىلىنىدۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مۇشۇ قانۇننىڭ قوشۇمچە (2) سىدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قوشۇمچە بەلگىلىمىلىرى ۋە بېكىتمىلىرى ساقلاپ قېلىنىدۇ. بۇلاردىن مەمۇرىي جازا ۋە مەمۇرىي تەدبىرلەرگە دائىر بەلگىلىمىلەر كۈچكە ئىگە بولىۋېرىدۇ؛ جىنايى جاۋابكارلىققا دائىر بەلگىلىمىلەر مۇشۇ قانۇنغا كىرگۈزۈلدى، شۇڭا مۇشۇ قانۇن يولغا قويۇلغان كۈندىن باشلاپ مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.
قوشۇمچە (1)
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تۆۋەندىكى نىزام، قوشۇمچە بەلگىلىمە ۋە بېكىتمىلىرىدىن مۇشۇ قانۇنغا كىرگۈزۈلگەنلىرى ياكى تەتبىقلانمايدىغانلىرى مۇشۇ قانۇن يولغا قويۇلغان كۈندىن باشلاپ بىكار قىلىنىدۇ:
1. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەسئۇلىيەتكە خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن ھەربىيلەرنى جازالاش ۋاقىتلىق نىزامى
2. ئىقتىسادقا ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغان جىنايەتچىلەرنى قاتتىق جازالاش توغرىسىدىكى قارار
3. جەمئىيەت ئامانلىقىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزگەن جىنايەتچىلەرنى قاتتىق جازالاش توغرىسىدىكى قارار
4. ئەتكەسچىلىك جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرنى جازالاش توغرىسىدىكى قوشۇمچە بەلگىلىمە
5. خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرنى جازالاش توغرىسىدىكى قوشۇمچە بەلگىلىمە
6. دۆلەت مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويۇش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرنى جازالاش توغرىسىدىكى قوشۇمچە بەلگىلىمە ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
7. دۆلەت نۇقتىلىق قوغداۋاتقان ئەتىۋارلىق ۋە خەۋپ ئىچىدە قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى تۇتۇش، ئۆلتۈرۈش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرنى جازالاش توغرىسىدىكى قوشۇمچە بەلگىلىمە
8. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى ۋە دۆلەت گېربىنى ھاقارەتلەش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرنى جازالاش توغرىسىدىكى قارار
9. قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرى، قەدىمكى قەبرىلەرنى ئوغرىلىقچە قېزىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرنى جازالاش توغرىسىدىكى قوشۇمچە بەلگىلىمە
10. ئاۋىئاتسىيە ۋاسىتىلىرىنى بۇلىغان جىنايەتچىلەرنى جازالاش توغرىسىدىكى قارار
11. رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرنى جازالاش توغرىسىدىكى قوشۇمچە بەلگىلىمە
www.iz.la
12. ساختا، ناچار تاۋارلارنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرنى جازالاش توغرىسىدىكى قارار
13. ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش جىنايىتىنى ئۆتكۈزگەنلەرنى جازالاش توغرىسىدىكى قارار
14. شىركەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرنى جازالاش توغرىسىدىكى قارار
15. ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىلىۋاتقان جىنايەتچىلەر ۋە ئەمگەك بىلەن تەربىيىلىنىۋاتقانلاردىن قاچقان ياكى قايتا جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى قارار
قوشۇمچە (2)
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تۆۋەندىكى قوشۇمچە بەلگىلىمىلىرى ۋە بېكىتمىلىرى ساقلاپ قېلىنىدۇ. بۇلاردىن مەمۇرىي جازا ۋە مەمۇرىي تەدبىرلەرگە دائىر بەلگىلىمىلەر كۈچكە ئىگە بولىۋېرىدۇ؛ جىنايى جاۋابكارلىققا دائىر بەلگىلىمىلەر مۇشۇ قانۇنغا كىرگۈزۈلدى، شۇڭا مۇشۇ قانۇن يولغا قويۇلغان كۈندىن باشلاپ، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ:
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
1. زەھەرلىك بۇيۇملارنى مەنئى قىلىش توغرىسىدىكى قارار
2. شەھۋانىي بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغان، ياسىغان، ئېلىپ ساتقان ۋە تارقاتقان جىنايەتچىلەرنى جازالاش توغرىسىدىكى قارار
3. ئاياللار، بالىلارنى ئالداپ ساتقان، تۇتۇپ كەتكەن جىنايەتچىلەرنى قاتتىق جازالاش توغرىسىدىكى قارار
4. پاھىشىلىك، پاھىشىۋازلىقنى قاتتىق مەنئى قىلىش توغرىسىدىكى قارار
5. باج ئوغرىلاش، باج تاپشۇرۇشقا قارشىلىق كۆرسىتىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرنى قاتتىق جازالاش توغرىسىدىكى قوشۇمچە بەلگىلىمە
6. باشقىلارنى دۆلەت چېگراسى (چېگرا)دىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە ئۇيۇشتۇرۇش، توشۇش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرنى قاتتىق جازالاش توغرىسىدىكى قوشۇمچە بەلگىلىمە www.iz.la
7. پۇل مۇئامىلە تەرتىپىنى بۇزۇش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرنى جازالاش توغرىسىدىكى قارار
8. قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى كۆز بوياپ كېسىش ۋە قانۇنسىز سېتىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرنى جازالاش توغرىسىدىكى قارار
مەنبە ؛ << قانۇن قامۇسىنىڭ جىنايى ئىشلار قىسىمى>> دىن ئىلىندى.