جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى(411- ماددىدىن 430)

ۋاقتى:2011-04-14 10:17مەنبە: تەھىرىر:nazakat چېكىلىشى:قىتىم
  

 411- ماددا   نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ ئەتكەسچىلىككە يول قويغان تاموژنا خادىملىرىدىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا 5 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
412 - ماددا   دۆلەتنىڭ تاۋار تەكشۈرۈش تارمىقى، تاۋار تەكشۈرۈش ئاپپاراتى خادىملىرىدىن نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئويدۇرۇپ چىققانلارغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا 5 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

ئىز تورى www.iz.la


يۇقىرىقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن خادىملاردىن ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك بۇيۇملارنى تەكشۈرمەي ياكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كېچىكتۈرۈپ چىقىرىپ، خاتا چىقىرىپ دۆلەت مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
413 - ماددا   ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىنىنىڭ كارانتىن خادىملىرىدىن نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ كارانتىن نەتىجىسىنى ئويدۇرۇپ چىققانلىرىغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا 5 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


يۇقىرىقى تارماقتا ئېيتىلغان خادىملاردىن ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، كارانتىن قىلىدىغان نەرسىلەرنى كارانتىن قىلماي ياكى كارانتىن ئىسپاتىنى كېچىكتۈرۈپ چىقىرىپ، خاتا چىقىرىپ دۆلەت مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
414 - ماددا   يالغان، ناچار تاۋارلارنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش جىنايى قىلمىشلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان بولسىمۇ، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. ئىز تورى www.iz.la
415 - ماددا   پاسپورت، ۋىزا بېجىرىش ياكى چېگرىدىن چىقىش - كىرىش گۇۋاھنامىلىرىنى بېجىرىشكە مەسئۇل دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى دۆلەت چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈپ كېتىشكە ئۇرۇنغان كىشىلەرگە بىلىپ تۇرۇپ دۆلەت چېگراسى (چېگرا)دىن چىقىش - كىرىش گۇۋاھنامىلىرىنى بېجىرىپ بەرسە ياكى چېگرا مۇداپىئە ئورگىنى، تاموژنا ئورگىنى قاتارلىق دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرى دۆلەت چېگراسى (چېگرا)دىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈپ كېتىدىغانلارنى بىلىپ تۇرۇپ قويۇۋەتسە، 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
416 - ماددا   ئالداپ سېتىلغان، تۇتۇپ كېتىلگەن ئاياللار ۋە بالىلارنى قۇتقۇزۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى ئالداپ سېتىلغان، تۇتۇپ كېتىلگەن ئاياللار، بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ مەلۇماتىنى قوبۇل قىلىپ، ئالداپ سېتىلغان، تۇتۇپ كېتىلگەن ئاياللار ۋە بالىلارنى قۇتقۇزماي ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلسا، 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
قۇتقۇزۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ قۇتقۇزۇشقا توسقۇنلۇق قىلغانلىرىغا 2 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلىرىغا 2 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
ئىز تورى بەك ياخشى

417 - ماددا   جىنايى ھەرىكەتلەرنى تەقىپ قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن جىنايەت ئۆتكۈزگۈچىلەرگە خەۋەر يەتكۈزۈپ، قۇلايلىق يارىتىپ بېرىپ، جىنايەت ئۆتكۈزگۈچىلەرنىڭ جازادىن قۇتۇلۇپ قېلىشىغا ياردەم بەرگەنلىرىگە 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
418 - ماددا   دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى قوبۇل قىلىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە نەپسانىيەتچىلىك قىلغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. ئىز تورى www.iz.la
419- ماددا   ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىغا ياكى يوقىلىشىغا سەۋەبچى بولغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

10 - باب   ھەربىيلەر مەسئۇلىيەتكە خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى

420 - ماددا   ھەربىيلەرنىڭ مەسئۇلىيەتكە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەتنىڭ ھەربىي مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن، قانۇن بويىچە جىنايى جازا بېرىشكە تېگىشلىك بولغان قىلمىشلىرى ھەربىيلەرنىڭ مەسئۇلىيەتكە خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى بولىدۇ. ئىز تورى www.iz.la
421 - ماددا   ئۇرۇش مەزگىلىدە بۇيرۇققا قارشىلىق كۆرسىتىپ جەڭگە زىيان يەتكۈزگەنلەرگە 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ جەڭ ۋە ئۇرۇشنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.
422 - ماددا   ھەربىي ئەھۋالنى قەستەن يوشۇرۇپ، يالغان مەلۇم قىلىپ ياكى ھەربىي بۇيرۇق يەتكۈزۈشنى رەت قىلىپ، يالغان ھەربىي بۇيرۇق يەتكۈزۈپ جەڭگە زىيان كەلتۈرگەنلەرگە 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ جەڭ ۋە ئۇرۇشنى زىيانغا ئۇچراتقانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
423 - ماددا   جەڭ مەيدانىدا ئۆلۈمدىن قورقۇپ، ئۆزلۈكىدىن قورال تاشلاپ دۈشمەنگە تەسلىم بولغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
تەسلىم بولغاندىن كېيىن، دۈشمەنگە خىزمەت قىلغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.
424 - ماددا   ئۇرۇش مەزگىلىدە جەڭدىن بۇرۇن قېچىپ كەتكەنلەرگە 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ جەڭ ۋە ئۇرۇشنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


425 - ماددا   قوماندانلىق قىلغۇچىلار، دىجورنىلار ۋە ۋەزىپە ئۆتىگۈچىلەردىن خىزمەت ئورنىدىن خالىغانچە كېتىپ قېلىپ ياكى خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
ئۇرۇش مەزگىلىدە، ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە 5 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
326 - ماددا   قوماندانلىق قىلغۇچىلار ياكى دىجورنىلار، ۋەزىپە ئۆتىگۈچىلەرنىڭ ۋەزىپە ئۆتىشىگە زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى بىلەن توسقۇنلۇق قىلغانلارغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 5 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقىلارنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى، ئۆلۈشىنى پەيدا قىلغانلارغا ياكى قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. ئۇرۇش مەزگىلىدە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

427 - ماددا   خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، قول ئاستىدىكىلەرنى مەسئۇلىيەتكە خىلاپ ئىشنى قىلدۇرۇپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا 5 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
428 - ماددا   قوماندانلىق قىلغۇچىلاردىن بۇيرۇققا قارشى چىقىپ، جەڭدىن قورقۇپ، ئۇرۇشتا پاسسىپلىق قىلىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ جەڭ ۋە ئۇرۇشنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 5 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

429 - ماددا   جەڭ مەيدانىدا خەۋپلىك ئەھۋالغا قالغان دوست - قوشنا قىسىمنىڭ ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ ۋە ياردەم بېرەلەيدىغان تۇرۇپ ياردەم بەرمەي، دوست - قوشنا قىسىمنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان قوماندانلىق قىلغۇچىلارغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
430 - ماددا   ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە خىزمەت ئورنىدىن ئۆزىچە ئايرىلىپ دۆلەت چېگراسىدىن ئاسىيلىق قىلىپ قېچىپ ياكى چېگرا سىرتىدا ئاسىيلىق قىلىپ دۆلەتنىڭ ھەربىي مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەرگە 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 5 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
ئىز تورى www.iz.la

ئاۋىئاتسىيە ۋاسىتىلىرى، كېمە  - پاراخوتلارنى ھەيدەپ ئاسىيلىق قىلىپ قاچقانلارغا ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

   مەنبە؛ <<  قانۇن قامۇسىنىڭ جىنايى ئىشلار  قانۇن قىسىمى>> دىن ئىلىندى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ياخشىكەن
(2)
66.7%
ئالقىشلايمەن
(1)
33.3%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • قانداق ئەھۋاللاردا ئەمگەك ماجىرالىرىنى كېسىم قىلمايلا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە ئەرىز قىلسا بۇلىدۇ ؟

    قانداق ئەھۋاللاردا ئەمگەك ماجىرالىرىنى كېسىم قىلمايلا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە ئەرىز قىلسا بۇلىدۇ ؟ 《ئەمگەك قانۇن》 نىڭ79ـماددىسىدىكى بەلگىلىملەرگە ئاساسلانغاندا،ئەمگەك ماجراالىرىرى دىلو ماجرالىرىنى كېسم قىلىش تارمىقىنىڭ كېسىمى، داۋا دىلولىرىدىكى زۇرۇ...

  • توختام تۈزۈشتىكى زىيان تۆلەم جاۋاپكارلىقى

    توختام تۈزۈشتىكى زىيان تۆلەم جاۋاپكارلىقى ئالاقىدارلاردىن توختام تۈزۈش جەريانىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللانىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ قارشى تەرەپكە زىيان سالغانلىرى زىياننى تۆلەش جاۋابكالرىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك: (1) توختام تۈزۈشنى سۈيئىستىمال قىلىپ، يامان غەرەزدە...

  • توختامغا خىلاپلىق قىلىش سوممىسىنى ھىساپلاش

    توختامغا خىلاپلىق قىلىش سوممىسىنى ھىساپلاشتا ،توختامغا خىلاپلىق قىلىش ھەققى تۈلەشنى پۈتۈشكەن-پۈتۈشمىگەنلىكىگە ئاساسەن تۈۋەدىكى ئۇسۇللار بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ: ئەگەر توختامدا ئىككى تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلىش سوممىسىنى پۈتۈشكەن بولسا،پۈتۈم بويىچە بىر...

  • جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئەمگەك توختامى

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئەمگەك توختام قانۇنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئەمگەك توختام قانۇنى (2007-يىل 6- ئاينىڭ 29-كۈنى مەملىكەتلىك10-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 28-سانلىق يىغىندا ماقۇللاندى بىرىنچى باپ ئومۇمي پىرىنسىپ 1- ماددا: بۇ قانۇن ئەمگەك توختام تۈ...

  • ئىمزا قويۇشقا بولمايدىغان ئالتە خىل توختام

    ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانلار توختامنىڭ ئۆلچەمسىز بولۇشى سەۋەبىدىن ئورۇنسىز ئاۋارىچىلىقلارغا ئۇچراپ زىيان تارتىپ قالىدۇ. مۇتەخەسىسلەر ئىشلەمچىلەرنى تۆۋەندىكىدەك ئالتە خىل توختامغا ئىمزا قويماسلىققا ئاگاھلاندۇردى: 1.ئاغزاكى توختام كىشنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ: بۇ خى...

  • توختامغا خىلاپلىق قىلىش تۆلىمىنى ھېسابلاش

    ئەگەر توختامدىكى ئىككى تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلسا ، توختام بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ . توختام قانۇنىدا ، توختامدىكى قايسى بىر تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلغان ۋاقتىدا ئەھۋالغا قاراپ مەلۇم مىقداردا تۆلەم تۆلەيدۇ . ئىككى تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلىش تۆلىم...

  • داۋالاش سەۋەنلىكىدىن كېلىپ چىققان ھەق - تەلەپ ئىشلىرىدا تۆل

    داۋالاش سەۋەنلىكىدىن كېلىپ چىققان ھەق - تەلەپ ئىشلىرىدا تۆلەمنىڭ ئۆلچىمى تۆۋەندىكى ئۆلچەملەر بويىچە بېكىتىلىدۇ : (1) داۋالاش ھەققى : داۋالاشتىكى سەۋەنلىك بىمارغا ئېلىپ كەلگەن جىسمانىي زىياننى داۋالاش جەريانىدا شەكىللەنگەن بارلىق داۋالاش چىقىمى بويىچە ھېسا...

  • ۋارىسلىق ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىپلا چوڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمى

    ئالىي خەلىق سوت مەھكىمىسى ۋارىسلىق قانۇنى نى ئىجرا قىلىشتىكى بىر قاتار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قارالمىلارنىڭ 46 ماددىسىدا : ۋارىسلىق قىلغۇچى ۋارىسلىق ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەنلىك باھانىسى بىلەن قانۇندا بەلگىلەنگەن بېقىش مەجبۇرىيىتىدىن قېچىشقا بولمايدۇ . ئۇنداق ب...