جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:
دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ئاممىۋى تەنتەربىيە مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ گويۇڭ 31-مارت گۈيياڭدا ئېچىلغان 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا تەييارلىق كۆرۈش كومىتېتىنىڭ 2-قېتىمىلىق ئومۇمىي يىغىنىدا دوكلات بەرگەندە مۇنداق دېدى: 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا ئالتۇن مېدال، كۆمۈش مېدال، مىس مېدال ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، 1-، 2-،3-دەرىجىلىك مۇكاپات تەسىس قىلىنىدۇ. بۇ مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش. بۇنىڭ كونكرېت ئۇسۇلى، ھەر قايسى مۇسابىقە تۈرىدىكى ئالتۇن، كۆمۈش ۋە مىس مېدال ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. ماھارەت كۆرسىتىش تۈرلىرىدىمۇ ئالتۇن، كۆمۈش، مىس مېدال تەسىس قىلىنماي، 1-،2-،3- دەرىجىلىك مۇكاپات تەسىس قىلىنىدۇ. 1-باسقۇچتىكى مۇسابىقە يەنىلا ئەسلىدىكى بەلگىلىمىدىكى تەرتىپ بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ، مۇسابىقە نەتىجىسى ئالدىنقى سەككىزىنچى قاتارغا كىرگەندىن كېيىن، 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىدىن بىرى، ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىدىن ئۈچى، ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىدىن تۆتى تاللاپ چىقىلىدۇ.
تەرجىمان: ئىلھام مامۇت