«ئودېسسا» لىۋىيەگە «يورۇقلۇق» ئېلىپ كې...

ۋاقتى:2011-03-31 13:17مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى: چېكىلىشى:قىتىم
     فىرانسىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ لىۋىيەگە ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغىنىغا ھەپتىدىن ئاشتى. »ئىنسانپەرۋەرلىك«نى باھانە قىلغان بۇ ھەربىي ھەرىكەت باشلىنىشىدىلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى. بەزى ئالامەتلەردىن ھەربىي زەربە بېرىشتە پۇقرالار تالاپەتكە ئۇچراپ، نۇرغۇن لىۋىيەلىكنىڭ مۇساپىر بولۇپ چەت ئەلگە قېچىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ نەتىجىسىنىڭ ھەرىكەتنى قوزغىغۇچىلار ئېيىتقاندەك نىشانغا يېتىشتىن بەكلا يىراقلىقى مەلۇم بولدى. بۇ ھەربىي ھەرىكەت خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىدى. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 17-مارت ماقۇللىغان 1973-نومۇرلۇق قاراردا، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنى مەقسەت قىلىپ، لىۋىيەدە ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون تەسىس قىلىشقا ھوقۇق بېرىلدى. «كۆپ دۆلەت»نىڭ ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ گاڭگىرىشى، گۇمانى ۋە تەنقىدىي ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 1973-نومۇرلۇق قارارىدىكى ئۆلچەمگە ئاساسلانغاندا، بومباردىمان قىلىش قاراردا بېرىلگەن ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن. ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى مۇسا: ھەربىي زەربە ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون تەسىس قىلىش دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتتى، دېدى. غەربنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى «ئىنسانپەرۋەرلىك»نى باھانە قىلغان بولسىمۇ، بومباردىماننىڭ «جەڭ نەتىجىسى» ئىنسانپەرۋەرلىككە يات تىراگېدىيە ئېلىپ كەلدى، بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەندىشىسىنى قوزغىدى، ئەلۋەتتە. لىۋىيە ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر 100 دىن كۆپرەك پۇقرانىڭ بومباردىماندا ئۆلگەنلىكىنى جاكارلىدى. ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى 23-مارتقىچە جەمئىي 350 مىڭدىن كۆپرەك مۇساپىرنىڭ ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدىن قېچىپ لىۋىيەدىن كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. رۇسىيە باش مىنىستىرى پۇتىن 23-مارت: لىۋىيە زېمىنىدىكى ھەربىي ھەرىكەت پۇقرالارنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى، «بۇ كىشىنى ئەندىشىگە سالماي قالمايدۇ»، دېدى. ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغۇچىلار لىۋىيەنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىگە ئارىلاشمايمىز، دېگەن بولسىمۇ، لېكىن، بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكەت غەربتىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ لىۋىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ماجىراغا ئارىلىشىپ قالغانلىقىنى، لىۋىيەدىكى داۋالغۇشنىڭ يەنە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ۋە كېڭىيىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى ۋە داۋالغۇشنىڭ ئۇزاققا سوزۇلۇشى يەنە پۈتكۈل رايونغا يېڭى خەۋپ پەيدا قىلىدۇ. شەرقىي ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى رايون تەشكىلاتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئارا تەرەققىيات ئورگانلىرى: «بىز لىۋىيەدە يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ سومالى، ئافغانىستان ۋە ئىراقتىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشىدىن ئەنسىرەۋاتىمىز» دەپ ئاگاھلاندۇردى. ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغۇچىلار بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكەتكە «ئودېسسانىڭ سەھىرى» دەپ نام بەردى. «ئودېسسا» رىۋايىتىدە، يۇنان قەھرىمانى ئودېسسىئۇسنىڭ سەرسان-سەرگەردانلىق كەچۈرمىشى، تۈرلۈك ئوڭۇشسىزلىقلارنى يېڭىپ ئاخىرى يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، ئۆز ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. ئەمما ھازىرقى ھەربىي ھەرىكەت داۋالغۇشتا قالغان لىۋىيە ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىشى، خەلقنى تېخىمۇ ئېغىر ئۇرۇش ئازابىغا دۇچار قىلىشى، كىشىلەر ئۇنىڭ لىۋىيەنى ھەقىقىي «يورۇقلۇق»قا ئېرىشتۈرگەنلىكىنى كۆرەلمەسلىكى مۇمكىن.
ئىز تورى بەك ياخشى

 
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھاجى ئىمىن تۇرسۇن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى

    يېڭى دەۋر تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزدىكى تۆھپىكار باشلامچىلارنىڭ بىرى، تونۇلغان ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھەم تەرجىمان، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچىلاردىن بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 1924-يىلى 10-ئاينىڭ...

  • ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ

    ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ، تۆۋەندىكى رەسمىدە بىر ئەر ، بىرئايال بولۇپ ئۇلار ھاجەتخانغا قايسى يول بىلەن ماڭسا ئەڭ تىز سۈرەتتە بارالايدۇ....

  • ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

    ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تور ئەھلى، ئىز تورىنى قوللاپ،قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىپ كىلىۋاتقان،ياردەم قىلىۋاتقان دوسلارنىڭ ئايىمىنى تەبرىكلەيمىز! ئىز تورى نامىدىن بارلىق ئەزالارغا قۇربان ھېيىتلىق سالام يوللايمىز! ئىز...

  • GPS ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

    GPS نىڭ ئېنگىلىزچە تولۇق ئاتىلىشى Global Positioning System يەنى يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئامېرىكا ھاۋا،قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىلىرى ئورتاق تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان سۈنئىي ھەمرادىن پايدىلىنىپئورۇن بەلگىل...

  • بېكخام ئافغانىستانغا بېرىپ ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى

    ئېنگىلاند پۇتبول كوماندىسىنىڭ سابىق كاپىتانى داۋىد بېكھام 23-ماي ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق گازارمىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئالدىنقى سەپتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنى يوقلىدى ....

  • ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى

    ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى 1. تۇخۇمنى تاشقا ئۇرماق 1.以卵 击石 2. تامنىڭمۇ قۇلقى بار 2.隔墙有耳 3. يولۋاس يوق تاغدا مايمۇن پادىشاھ 3.山中无老虎,猴子称霸 4. ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ئۆز-ئۆزدىن قانائەتلەنمەك 4.骄傲自满 5. توخۇنى ئۆلتۈرۈپ مايمۇنغا ئىبرەت قلماق 5.杀鸡给猴看 6. ئاچ-يالڭاچ قالماق...

  • خوندا ماشىنىغا ئۈسىۋالغان لالما

    ...

  • مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش

    مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش تۇرمۇش تۇغۇلۇش ، ئۆزىگە تايىنىپ ياشاش دىمەكتۇر ، گەرچە مىنىڭ تۇرمۇشۇم جىن چىراقتىنمۇ غۇۋا بولسىمۇ ، مەن بىر قۇياش بۇلۇپ باشقىلارغا يۇرۇقلۇق بېغىشلاشنى خالايمەن ئاپتۇردىن مەزكۇر فىلىم سىچۈەنلىك داڭلىق ي...

  • 2010 – يىلى بايقالغان يېڭى مۆجىزە تاشلار

    بۇ ئالەمدە ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان سىرلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى شەيئىلەر ۋە مەۋجۇداتلار ئۈستىدە ئەستايىدىل پېكىر يۈرگۈزىدىغان ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن ھەيران قالارلىق گەپ ئەمەس، ئەلۋەتتە. قېرىندىشىمىز ئەمىن ئەپەندىمۇ دەرۋەقە ئەنە ئەشۇنداق، ئەتراپىدىكى ھە...

  • بىر يىل ئىچىدىكى بارلىق بايراملار

    1 ئاينىڭ 1كۈنى ، يېڭى يىل بايرىمى 2ئاينىڭ2كۈنى ، خەلقئارا نەم يە ركۈنى 2ئاينىڭ 4كۈنى ، خەلقئارا راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كۈنى 2ئاينىڭ 20كۈنى ، دۇنيا ئىجتىمائىي ئادىللىق كۈنى . 2ئاينىڭ21كۈنى ، خەلقئارا ئانا تىل كۈنى 3 ئاينىڭ 3 كۈنى مەملىكەتلى...

  • پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى

    پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى پىراۋىسىز شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان 4 - ئاينىڭ 20 -كۈنى چۈشتىن كىيىن 4 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە لېچىڭ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى خەلق ئاۋاتسىيەسىنىڭ دىل...

  • يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى

    يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك باھادا ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانىت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى بىر تەرەپتىن يىللىق ئىش ھەققى يۈز مىڭ يۈەنلىك تەمىنات كىشىنى قىززىقتۇرسا بىر تەرەپتىن تەن قۇرلىشى گۈزەل ئاسپىرانىت ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بۇلۇش چەكلىمىسى كىشىنى گا...

  • خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى

    خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى قوغدىغۇچى خوجايىنىنىڭ 6 ياشلىق قىزىنى ماشىنىغا چىقارماقتا قوغدىغۇچى يېنىدىن 10 تال يىڭنىنى چىقىرىپ بىرلا ۋاقىتتا 10 ئادەمگە تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خۇ...

  • ئاياللار ھەققىدىكى ئالقىشلانغان ھەزىل

    ئاياللار ھەققىدىكى ئالقىشلانغان ھەزىل بىر ئەر ئۆزىنىڭ كۇن بۇيى سىرىتتا ئۆلۇپ _ تىرىلىشى بىلەن ھېسابلاشماي ئىش قىلىدىغانلىغىنى ، ئايالىنىڭ كۇن بۇيى ئۆيدە بىكار ئولتۇرىدىغانلىغىنى ئويلاپ ، بۇ ئادالەتسىزلىكنى زادىلا ئەقلىگە سىغدۇرالماپتۇ ، ئۆزىنىڭ ھەر كۇنى س...

  • ئـەگـەر مـەن قـايـتا تـۇغـۇلسام ...

    مۆشۈك: ئەگەر مەن قايتا تۇغۇلسام چاشقان بولاتتىم ،چۈنكى مەن بىر قېتىم خوجايىننىڭ بىر تال بېلىقىنى ئوغۇرلاپ يەپ قويغىنىمغا ئۇرۇپ چالا ئۆلۈك قىلىپ قويدى ،چاشقان بولسا قاچاندا بولسا ئاشخانىدا ئىشكاپلارنى خالىغانچە ئاختۇرۇپ نىمە خالىسا شۇنى يەپ يۈرەلەيدۇ.دەپتۇ...