پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى

پىراۋىسىز شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان
4 - ئاينىڭ 20 -كۈنى چۈشتىن كىيىن 4 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە لېچىڭ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى خەلق ئاۋاتسىيەسىنىڭ دىلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن درھال نەق مەيدانغا يىتىپ بارغان . 30 مىنۇتتىن كىيىن ساقچىلار بوشلۇقتا بىر تىك ئۇچار ئايرۇپىلانىنىڭ خەلق ئاۋاتسىيە ئىستانسىغا قونغانلىقىنى كۆرگەن . تىك ئۇچار ئايرۇپىلاننىڭ ئىچىدە ئىككى كىشى بۇلۇپ بىرسى ئايرۇپىلاننىڭ ئىگىسى شۈ فامىلىلىك كىشى يەنە بىرى تەكلىپ قىلىنغان ئۇچقۇچى ئىكەن . ساقچىلار ئۇچقۇچىدىن ئۇچۇش پىراۋىسىنى كۆرۈشنى تەلەپ قىلغاندا ئۇچقۇچى پىراۋىنى چىقىرىشقا ئۇنىمىغان . ساقچى تەرەپنىڭ تۇنۇشتۇرىشىچە تىك ئۇچار ئايرۇپىلاننىڭ ئىگىسى ۋېنجۇلۇق بىر سودىگەر بۇلۇپ ئۇ تىك ئۇچار ئايرۇپىلاننى 30 مىلىيون خەجلەپ ئامىركىدىكى بىر شىركەتتىن سېتىۋالغان ئىكەن . نەچچە ئايدىن بىرى ئىسكىلاتتا توختۇتۇپ قويۇپ ھەيدىمەي ، 20 جىسلا شىركىتىنىڭ بىر سودا پالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن مېڭىپ ھاۋا يولىدا ئېزىقىپ قېلىپ خەتەر پەيدا قىلىشقا تاس قالغان . ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە تىك ئۇچار ئايروپىلان ئىگىسىگە قايتۇرۇلغان بۇلۇپ بىر قەدەر يۇقىرى سوممىدىكى جەرىمانە تۈلەيدىكەن
مەنبە : ياشىن تورى ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!