ئىز تورى www.iz.la
بۇ ئالەمدە ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان سىرلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى شەيئىلەر ۋە مەۋجۇداتلار ئۈستىدە ئەستايىدىل پېكىر يۈرگۈزىدىغان ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن ھەيران قالارلىق گەپ ئەمەس، ئەلۋەتتە. قېرىندىشىمىز <ئەمىن> ئەپەندىمۇ دەرۋەقە ئەنە ئەشۇنداق، ئەتراپىدىكى ھەر بىر شەيئى ئۈستىدە ئەستايىدىل تەپەككۇر يۈرگۈزىدىغان كىشىلەر جۈملىسىدىندۇر.
يېقىندا قېرىندىشىمىز <ئەمىن> ئەپەندى بىر قېتىملىق دالا سەيلىسىدە تەسادىپەن ئىككى پارچە تەبىئىي تاشنى ئۇچرىتىپ، بۇ تاشلاردىكى تەبىئىي ھالدا كۆزگە چىلىقىپ تۇرىدىغان ئەرەپچە خەت، ئەرەپچە رەقەم ۋە بۇ تاشلارنىڭ تاشقى شەكلى ئۈستىدە ئەستايىدىل تەپەككۇر قىلغان. شۇ تەرىپى ناھايىتى ئىنىقكى: بۇ تاشلارغا ھېچقانداق سۈنئىي كۈچ ئىشلىتىلمىگەن. كەڭ تورادشلارنىڭمۇ بۇ تاشلار ئۈستىدە ئەستايىدىل تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ بېقىشىنى توغرا تېپىپ، ئېنتىرنىتقا يوللىدۇق، كەڭ تورداشلارنىڭمۇ ئەقىل كۆزى بىلەن قاراپ بېقىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
1. بۇ تەخمىنەن نور مال ئادەمنىڭ مۇشتىمىچىلىك كېلىدىغان سۈزۈك، ئاق قاشتىشى رەڭلىك تاشتىكى قارا رەڭدىكى ئەرەپچە خەتنىڭ ئۇدۇل ۋە سول ياندىن كۆرىنىشى. خەتنىڭ ئەرەپچە ئوقۇلىشىنى تورداشلارغا قويدۇق.
www.iz.la
www.iz.la
تۆۋەندىكىسى يۇقارقى سۈزۈك، ئاق قاشتىشى رەڭلىك تاشنىڭ ئوڭ تەرىپىگە چۈشۈرىلگەن قارا رەڭلىك سۈرەتنىڭ ئۇدۇل كۆرىنىشى. سۈرەتنىڭ بۇ ئالەمدىكى قايسى شەيئىنىڭ تاشقى كۆرىنىشىگە ئوخشايدىغانلىقىنى تورداشلارنىڭ تەپەككۇرىغا قويدۇق. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
2. بۇ تەخمىنەن نورمال ئادەمنىڭ ئالقىنىنىڭ يېرىمىچىلىك كېلىدىغان 2- پارچە قارا رەڭلىك تەبىئىي تاشقا چۈشۈرۈلگەن ئاق رەڭلىك ئەرەپچە خەتنىڭ ئۇدۇلدىن ۋە ئارقىدىن كۆرىنىشى. خەتنىڭ ئەرەپچە ئوقۇلىشىنى تورداشلارغا قويدۇق. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بۇ قارا رەڭلىك تاشنىڭ سېرتقى شەكلى دۇنيانىڭ مەمۇرىي رايۇنلار خەرىتىسىدىكى مەلۇم رايۇننىڭ شەكلىگە ئوخشايدۇ، تورداشلارنىڭ سېلىشتۇرۇپ بېقىشىغا سۇندۇق.
رەسىملىرىنى بۇيەردىن كۆرۈڭ /plus/view.php?aid=32859