شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمىگۈدەكمىز ‹ قىزىقارلىق سىلىشتۇرۇش›

ۋاقتى:2010-05-10 20:33مەنبە: يوللىغۇچى: تۇرغۇن چېكىلىشى:قىتىم
  

تەكلىماكاننىڭ بۇلۇڭىدا چوڭ بولغان بىزدەك قارا سەھرالىقلار ھەرقانچە باي بولساقمۇ شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمىگۈدەكمىز:
بىز نامراتلىقتا ئىشتىنىمىز تىزدىن ئاشماي يۈرگەن چاغلاردا، شەھەرلىكلەر پۈتۈن كىيىنىپ ھەممە يېرىنى دېگۈدەك يېپىپ يۈرەتتى. ئەمدى بىز پۈتۈن كىيىنىپ، ھەممە يېرىمىز يېپىلغۇدەك ھالغا يەتكەندە، شەھەرلىكلەر تىزىدىن ئاشمايدىغان تار ئىشتان، يوتىسىدىن ئاشمايدىغان تار يوپكىلارنى كىيىپ، يەنە بەزىلەر كۆڭلەك - يوپكا كىيمەي ئامالىنىڭ بارىچە بەدىنىنى ئوچۇق قويۇشقا تىرىشىدىغان بولۇۋاپتۇ!

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق


بۇرۇن بىز زاغرا ناندىن قۇتۇلالماي چىرايىمىز تاتىرىپ يۈرگەندە، شەھەرلىكلەر ئاق نان يەپ چىرايىنى پارقىرىتىپ يۈرەتتى. ئەمدى بىز ئاق نان يەيدىغان بولغاندا، شەھەرلىكلەر ئاق ناندىن قېچىپ، زاغرىغا ئىنتىلىدىغان بولۇۋاپتۇ!
بىز بۇرۇن ئۆيلىرىمىزنى كاكۇل سۇۋاق قىلىپ ئولتۇرغاندا، شەھەرلىكلەر ئۆيلىرىنى ھاكلاپ ئاقارتىپ، ئىشىك - دېرىزىلىرىنى سىرلاپ ئولتۇراتتى. ئەمدى بىز ئۆيلىرىمىزنى ھاكلاپ ئاقارتىپ، ئىشىك - دېرىزىلەرنى سىرلاپ ئولتۇرۇشنى ئۆگەنگەندە، شەھەرلىكلەرنىڭ ھاكلاش، سىرلاش دائىرىسى شىددەت بىلەن كېڭىيىپ، خانىم - قىزلارنىڭ چىرايىغا يېتىپ، توختىماي چېچىغا يامىشىپ يەنە ئاسمانغا شوتا قويغۇدەك ئەلپازى بىلەن ئىلگىرىلەۋېتىپتۇ! بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بىز بۇرۇن ھاجەتتىن كېيىن ئەۋرىتىمىزنى سۈرتۈشكە چالما ئىشلىتىدىغان چاغدا، شەھەرلىكلەر قەغەز بىلەن سۈرتىدىغان ئىشنى چىقاردى. بىز ئۇلارنىڭ بۇ ئىشىنى ئۆگىنىپ، ئاران دېگەندە كۆنۈۋاتساق، ئۇلار ئەمدى قەغەز بىلەن ئاغزىنى سۈرتىدىغان بولۇۋاپتۇ!
بىز بۇرۇن ئۆيلىرىمىزنىڭ ئارىلىقىنى يىراق قىلىپ ئولتۇرغاندا، شەھەرلىكلەر تام قوشنا ئۆيلەردە ئولتۇراتتى. بىز ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە قاراپ: «تام قوشنا ئولتۇرسا قېرىنداشلىق مېھرى قانچە كۈچلۈك بولىدىغاندۇ- ھە؟» دەپ قالاتتۇق. ئەمدى بىز ئۆيلىرىمىزنى تام قوشنا قىلىپ رەتلىك سېلىپ ئولتۇرۇپ، ئىناق قوشنىدارچىلىقنى ۋايىغا يەتكۈزگەندە، شەھەرلىكلەر ئۆينى يانداش سېلىشتىن ھالقىپ چاقماق قەنتتەك تۆپە - تۆپىلەپ سالىدىغان، ئەمما قوشنىلىرى بىلەن بۇرۇنقىدەك قويۇق مۇناسىۋەت قىلمايدىغان، ھەتتا تونۇشمايدىغان بولۇۋاپتۇ!

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق


بۇرۇن بىزنىڭ ئۆي ۋە ئورگانلىرىمىزنىڭ ھويلىسىدىن شور توپا ئۆرلەپ قاقاس تۇرغاندا، شەھەردىكى ئىدارە - ئورگانلارنىڭ ھويلىسىغا خىش ياتقۇزۇلۇپ، چۆرىسىدە رەتلىك سۇۋادان، تال باراڭلار سايە تاشلاپ باغچىدەك چىرايلىق تۇراتتى. ئەمدى بىز ھويلىمىزغا خىش بېسىپ، مېۋىلىك دەرەخ قويۇپ، تال باراڭلىق ھويلا بەرپا قىلغاندا، شەھەردىكى ئورگانلار ھويلىسىدىكى دەل - دەرەخلەرنى قومۇرۇپ تاشلاپ، تۇپراق يۈزىگە سېمونت ياتقۇزۇپ، بۇرۇنقى ئەتىر گۈللەرنى قومۇرۇۋېتىپ، بەزى ھويلىلارنىڭ يېرىمىغا چەت ئەلنىڭ ئوت - چۆپلىرىنى تېرىپ، چارۋىسى يوق يايلاق ياسىۋاپتۇ. قالغان يەرنى «قاتتىقلاشتۇرۇلغان قاقاسلىق» دېسە بولغۇدەككەن! ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بىز بۇرۇن كوپېراتسىيە ۋاقتىدا، كېچىلىرى ئۇخلىماي كەتمەن چېپىپ بىر تېرە، بىر سۆڭەك بولۇپ كەتكەندە، شەھەرلىكلەر كېچىسى ئۆيىدە بەخىرامان ئۇخلاپ بوتىلاقتەك سېمىز تۇراتتى. ئەمدى بىز كېچىسى ئىشلەيدىغان ئوپچە ئەمگەكتىن قۇتۇلۇپ بەدىنىمىزگە ئەت قونغاندا، شەھەرلىكلەر «ئورۇقلايمىز» دەپ كېچىدە قوپۇپ كوچىدا يۈگۈرىدىغان، ھەتتا نەچچە قوينىڭ پۇلىغا ئورۇقلىتىش دورىسى ئېلىپ يەيدىغان بولۇۋاپتۇ!
بۇرۇن بىزنىڭ بالىلىرىمىز تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ دېھقان بولغاندا، شەھەرلىكلەرنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بالىلىرى شەھەردە كادىر بولاتتى. بىزمۇ ئەمدى ئويغىنىپ پۇل تېپىپ، شەھەردە ئوقۇسا كادىر بولىدىغان ئوخشايدۇ، دەپ نەچچە ئون مىڭ يۈەن خەجلەپ بالىلىرىمىزنى شەھەردىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇپ، ئۆزىمىزگە كادىر بولۇپ كەلسۇن دېسەك، ئوننىڭ بىرسى بولالىدىمىكىن، قالغانلىرى تاۋىنازۇك دېھقان بولۇپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ شەھەرلىك ساۋاقداشلىرى بىزگە كادىر بولۇپ كېلىدىغان بولۇۋالدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بىز بۇرۇن كوپېراتسىيىنىڭ دولقۇنىدا، قۇچاقتىكى بالىمىزنى نائىلاج ئەترەت بەلگىلىگەن بالا باققۇچىغا تاشلاپ بېرىپ يېرىم كېچە بولغاندا ئاران كۆرەتتۇق. بۇ چاغدا شەھەرلىكلەرنىڭ بالىلىرى ئانىسىنىڭ باغرىدىن ئايرىلمايتتى. ئەمدى بىزمۇ بالىلىرىمىزنى باغرىمىزدىن ئايرىمايدىغان بولغاندا، شەھەرلىكلەر رېستوران دولقۇنىدا ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، قۇچاقتىكى بالىلىرىنى كېچە - كېچىلەپ باشقىلارغا تاشلاپ بېرىدىغان بولۇۋاپتۇ! ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
بىز بۇرۇن ئۆيدە ئوماچ، يوبداندىن يېڭى قۇتۇلۇپ سۇيۇقئاش، لەڭمەنگە تويغۇدەك بولغاندا، شەھەرلىكلەر بازارنىڭ ئاشخانىلىرىدا مەغرۇر ئولتۇرۇپ پولۇ، كاۋاپ يېيىشكە يۈزلەنگەنىدى. ئەمدى بىزمۇ ھاللىنىپ ھەپتىدە بىر ۋاخ بازاردا پولۇ، كاۋاپ يەپ روھلۇق يۈرىدىغان بولغاندا، شەھەرلىكلەر رېستوران دەپ ئۆگزىدەك بىر يەرگە چىقىپ، قىزىق سەي دەپ سىلوسقا ئوخشايدىغان، سوغۇق سەي دەپ ھەلەپكە ئوخشايدىغان بىرنېمىلەرنى ھەلەق بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، تۆمۈرچى بازغان سوققاندەك غەلىتە ئاۋازلارغا تەڭكەش قىلىپ يېرىم كېچىگىچە يەپ - ئىچىپ، 4 - 5 تاغار بۇغداينىڭ پۇلىنى بۇزۇپ - چېچىپ، يەنە ئاتتەك روھلۇق چىقماي، لەڭپۇڭدەك ساقىپ لىڭتاسما بولۇپ، نەچچە كېچە - كۈندۈز كارغا كەلمەي كېسەل توخۇدەك مۈگۈدەپ يۈرىدىغان بولۇۋاپتۇ! ئىز تورى بەك ياخشى
بىز بۇرۇن ساپال چىراغ يېقىپ قاپاقتا سۇ ئىچكەندە، شەھەرلىكلەر توك چىراغ يېقىپ، چىلەكتە سۇ ئىچەتتى. ئەمدى بىز توك چىراغ يېقىپ، تۇرۇبا سۈيى ئىچىدىغان بولغاندا، شەھەرلىكلەر قاپاقتا چاي ساقلاپ ئىچىدىغان، ھەتتا بىز تاشلىۋەتكەن ساپال چىراغ، كوزا، ياغاچ ھارۋىنىڭ چاقى، كونا چەكمەن قاتارلىقلارنى يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىپ، يادىكارلىق دەپ ئەتىۋارلاپ ساقلايدىغان بولۇۋاپتۇ. زادى بىزدەك سەھرالىق تومپايلار شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمىگەننىڭ ئۈستىگە، ئۇلارنىڭ بەزى ئىشلىرىنى توغرا چۈشىنەلمەيۋاتىمىز … بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
 
(ئاپتور: قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدە) ئىز تورى بەك ياخشى

  ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(16)
88.9%
ناچار
(2)
11.1%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئەنگىلىيە ئالىملىرى زۇكام ۋىرۇسىنىڭ راك ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرەلەيدىغانلىقىنى بايقىغان .

    راك ئادەتتە ساقايىتقىلى بولمايدۇ، دەپ قارىلىدىغان بولسىمۇ ، ئىنسانلارنىڭ راكىنى ساقايىتىشقا بولغان ئىزدىنىشى زادىلا توختاپ قالغىنى يوق . ئەنگىلىيە ئالىملىرى پۈتۈنلەي يېڭى بىر ئۇسۇلىنى - ئادەتتىكى زۇكام ۋىرۇسى ئارقىلىق راكىنى داۋالاشىنى سىناق قىلىش ئالىدىد...

  • قۇمدا رەسىم سىزىش «تىتانىك»

    ...

  • پۇشايمانىسز ياشاڭ

    بىر دوستۇم بەش يىلىنىڭ ئالىدىدا پاي چېكى بازىرىغا قەدەم قويىدى .ھەمدە سەزگۈسىگە تايىنىپ . قىسقىغىنا بىرنەچچە يىلىنىڭ ئىچىدىلا ئۈچ مىليۇنىدن كۆپرەك پۇلغا ئىرشىتى . شۇ چاغلاردا ئۇ ئەمىدلا 30 ياشقا كىرگەن ئىدى . كىم ئويلىغان دەيىسز ؟ ئۇنىڭ تازا ئامىتى كلېىپ...

  • قايتا تىرىلىش (پاتىگۈل قاۋۇل بىلەن سۆھبەت)

    مەنبە ؛مەركىزى خەلىق رادىئو ئىستانىسى تورى...

  • ئۈرۈمچىدىكى ئىپپەت بازىرى

    - قانچە پۇل؟ - 100 كوي. - 30 كوي بېرەيما؟ - كەم بولا. - ماقۇل دېسىلە! - كەم دەپ قويدىلا. - ماقۇل، 10 كوي قوشاي. - نېمانداق كۆزى كىچىك ئادەم سىلى، ئوبدانراق باھا قويسىلا! - 40 كويغا ماقۇل دېسىلە، چۆپقەت بولۇپ قالىمىز دەيمەن! - بوپتۇ، 50 كوي بەرسىلە! - ماقۇ...

  • ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھاجى ئىمىن تۇرسۇن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى

    يېڭى دەۋر تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزدىكى تۆھپىكار باشلامچىلارنىڭ بىرى، تونۇلغان ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھەم تەرجىمان، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچىلاردىن بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 1924-يىلى 10-ئاينىڭ...

  • ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ

    ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ، تۆۋەندىكى رەسمىدە بىر ئەر ، بىرئايال بولۇپ ئۇلار ھاجەتخانغا قايسى يول بىلەن ماڭسا ئەڭ تىز سۈرەتتە بارالايدۇ....

  • ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

    ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تور ئەھلى، ئىز تورىنى قوللاپ،قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىپ كىلىۋاتقان،ياردەم قىلىۋاتقان دوسلارنىڭ ئايىمىنى تەبرىكلەيمىز! ئىز تورى نامىدىن بارلىق ئەزالارغا قۇربان ھېيىتلىق سالام يوللايمىز! ئىز...

  • GPS ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

    GPS نىڭ ئېنگىلىزچە تولۇق ئاتىلىشى Global Positioning System يەنى يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئامېرىكا ھاۋا،قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىلىرى ئورتاق تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان سۈنئىي ھەمرادىن پايدىلىنىپئورۇن بەلگىل...

  • بېكخام ئافغانىستانغا بېرىپ ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى

    ئېنگىلاند پۇتبول كوماندىسىنىڭ سابىق كاپىتانى داۋىد بېكھام 23-ماي ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق گازارمىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئالدىنقى سەپتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنى يوقلىدى ....

  • ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى

    ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى 1. تۇخۇمنى تاشقا ئۇرماق 1.以卵 击石 2. تامنىڭمۇ قۇلقى بار 2.隔墙有耳 3. يولۋاس يوق تاغدا مايمۇن پادىشاھ 3.山中无老虎,猴子称霸 4. ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ئۆز-ئۆزدىن قانائەتلەنمەك 4.骄傲自满 5. توخۇنى ئۆلتۈرۈپ مايمۇنغا ئىبرەت قلماق 5.杀鸡给猴看 6. ئاچ-يالڭاچ قالماق...

  • خوندا ماشىنىغا ئۈسىۋالغان لالما

    ...

  • مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش

    مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش تۇرمۇش تۇغۇلۇش ، ئۆزىگە تايىنىپ ياشاش دىمەكتۇر ، گەرچە مىنىڭ تۇرمۇشۇم جىن چىراقتىنمۇ غۇۋا بولسىمۇ ، مەن بىر قۇياش بۇلۇپ باشقىلارغا يۇرۇقلۇق بېغىشلاشنى خالايمەن ئاپتۇردىن مەزكۇر فىلىم سىچۈەنلىك داڭلىق ي...

  • 2010 – يىلى بايقالغان يېڭى مۆجىزە تاشلار

    بۇ ئالەمدە ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان سىرلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى شەيئىلەر ۋە مەۋجۇداتلار ئۈستىدە ئەستايىدىل پېكىر يۈرگۈزىدىغان ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن ھەيران قالارلىق گەپ ئەمەس، ئەلۋەتتە. قېرىندىشىمىز ئەمىن ئەپەندىمۇ دەرۋەقە ئەنە ئەشۇنداق، ئەتراپىدىكى ھە...

  • بىر يىل ئىچىدىكى بارلىق بايراملار

    1 ئاينىڭ 1كۈنى ، يېڭى يىل بايرىمى 2ئاينىڭ2كۈنى ، خەلقئارا نەم يە ركۈنى 2ئاينىڭ 4كۈنى ، خەلقئارا راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كۈنى 2ئاينىڭ 20كۈنى ، دۇنيا ئىجتىمائىي ئادىللىق كۈنى . 2ئاينىڭ21كۈنى ، خەلقئارا ئانا تىل كۈنى 3 ئاينىڭ 3 كۈنى مەملىكەتلى...