GPS ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

ۋاقتى:2010-08-30 19:42مەنبە:koxuk.blogbus.com يوللىغۇچى: نەسىردىن چېكىلىشى:قىتىم
  



      GPS نىڭ ئېنگىلىزچە تولۇق ئاتىلىشى Global Positioning System يەنى يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئامېرىكا ھاۋا،قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىلىرى ئورتاق تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان سۈنئىي ھەمرادىن پايدىلىنىپ  ئورۇن بەلگىلەيدىغان سېستىما.  GPS يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى ئۈچ قىسىمدىن تەركىپ تاپقان.

بوشلۇقتىكى قىسىمى_ GPS سۈنئىي ھەمراھى
يەر يۈزىدىكى قسىمى_ يەر يۈزىدىكى كونتىرول سېستىمىسى

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

ئابونتلار ئۈسكۈنە قىسمى_  GPS سىگنال قوبۇللىغۇچى

     GPSنىڭ  بوشلۇقتىكى قىسمى 24 دانە سۇنئىي ھەمرادىن تەركىپ تاپقان. ئۇ يەر يۈزىدىن 20200 كىلومېتىر ئىگىزلىكتىكى بوشلۇقتا بولۇپ، ئالتە ئوربىتا تەكشىلىكىگە ئايرىلىدۇ، ھەربىر ئوربىتا تەكشىلىكىدە تۆت سۈنئىي ھەمرا بولۇپ، ئېكۋاتور تەكشىلىكى بىلەن 55° بۇلۇڭ ھاسىل قىلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت يەنە تۆت زاپاس سۈنئىي ھەمرا بار.  بۇ خىل ھالەتتە يەر شارىنىڭ ھەرقانداق بۇلۇڭ پۇچقىقى بىرلا  ۋاقىتتا تۆت سۈنئىي ھەمرانى كۆرەلەيدۇ. تۆت سۈنئىي ھەمرادىن بىرلا ۋاقىتتا ئورۇن بەلگىلىگەندە ئېنىقلىق دەرىجىسىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. GPS سۈنئىي ھەمراھىنىڭ ئىككى خىل كودى بار، بىرى  C/ Aكودى( Coarse/ Acquisition Code11023MHz)  ، يەنە بىرى P كودى (Procise Code 10123MHz). بۇنىڭ ئىچىدە P كودىنىڭ  چاستۇتىسى ، ئېنىقلىق دەرىجىسى يوقىرىراق بولۇپ،ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. C/ A كودى ئەل ئىچىدە ئورتاق ئىشلىتىشكە قويىۋېتىلگەن، لېكىن بۇنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلگەن. ئىز تورى www.iz.la


     GPS نىڭ يەر يۈزىدە بىر ئاساسىي كونتىرول قىلىش مەركىزى(ئامېرىكا كولورادو شىتاتى باھار شەھىرىدە) ، بەش ئۆلچەپ تەكشۈرۈش مەركىزى،ئۈچ يەر يۈزى كونتىرۇل مەركىزى بار. سۈنئىي ھەمرا ئۆلچىگەن سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش مەركىزى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، دەسلەپكى قەدەمدە بىر تەرەپ قىلىپ، ئاساسىي كونتىرول قىلىش مەركىزىگە يوللاپ بېرىدۇ. ئاساسىي كونتىرول قىلىش مەركىزى ھەرقايسى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش مەركەزلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى يىغىپ،سۇنئىي ھەمرانىڭ ئوربىتاسىنى ۋە ۋاقىت پارامېتىرىنى ھېساپلاپ،بۇنى قالغان ئۈچ يەر يۈزى كونتىرول قىلىش مەركىزىگە يوللاپ بېرىدۇ.  يەر يۈزى كونتىرول قىلىش مەركەزلىرى بۇ ئورۇن بەلگىلەش سانلىق مەلۇماتلىرى ۋە بۇيرۇقلارنى سۈنئىي ھەمراغا كىرگۈزىدۇ. بۇ خىل كىرگۈزۈشنى ھەربىر GPS  سۈنئىي ھەمراھى كۈندە بىر قېتىم ئېلىپ بارىدۇ. ئەگەر يەر يۈزىدىكى مەركەزدە چاتاق كۆرۈلسە، سۈنئىي ھەمرادىكى ئورۇن بەلگىلەش مەلۇماتلىرىنى بىر مەزگىل ئىشلەتكىلى بولىدۇ، لېكىن ئېنىقلىق دەرىجىسى تۆۋەنرەك.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن




     ئابۇنتلار ئىشلىتىۋاتقان ئۈسكۈنە GPS سىگنالى قوبۇل قىلىش ئاپىراتى دىيىلىدۇ.  ئاساسلىق ئىقتىدارى ئۆلچەشنى كۈتۈپ تۇرغان سۈنئىي ھەمرانى تېپىش ھەمدە سۈنئىي ھەمرانىڭ ھەركىتىنى ئىز قوغلاش.   قوبۇللىغۇچ ئىز قوغلاپ تۇتقان سۈنئىي ھەمرانىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن،قوبۇل قىلىش ئانتىنىسى بىلەن سۈنئىي ھەمراغىچە بولغان نىسپىي ئارىلىقنىڭ ئۆزگىرىش نىسبىتىنى ھېساپلاپ، سۈنئىي ھەمرا ئوربىتاسىنىڭ پارامېتىرى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى دىمودۇلياتسىيەلەيدۇ( تەقلىدى سىگنالنى رەقەملىك سىگنالغا ئايلاندۇرۇپ ھېساپلاش ماشىنىسىغا يوللاشنى كۆرسىتىدۇ). قوبۇللىغۇچتىكى مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ ئورۇن  بەلگىلەش ھېسابى ئېلىپ ، ئابونت تۇرغان ئورننىڭ جۇغراپىيىۋى ئورنى يەنى مېردىئان ، كەڭلىكلىرى، ئىگىزلىكى، سۈرئىتى ، ۋاقتى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ھېساپلاپ چىقىرىدۇ. قوبۇللىغۇچ قاتتىق دېتال قىسمى، يۇمشاق دېتال قىسمى ۋەGPS سانلىق مەلۇماتىنى بىرتەرەپ قىلغۇچى يۇمشاق دېتال بوغچىسىدىن تەركىپ تاپىدۇ. قۇرۇلما جەھەتتىن ئانتىنا بۆلىكى ۋە قوبۇللىغۇچ بۆلەكتىن ئىبارەت ئىككى بۆلەككە بۆلىنىدۇ. copyright by www.iz.la




     GPS ھاۋارايىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماسلىق، قاپلىنىشى يوقىرى(پۈتكۈل يەرشارىنى قاپلايدۇ)، ئېنىقلىق دەرىجىسى يوقىرى، سۈرئىتى تېز،ئۈنىمى يوقىرى، ئىشلىتىلىشى كەڭرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
    GPS ئاساسىي ئىشلىتىلىش دائىرىسى:
قۇرۇقلۇقتىكى ئىشلىتىلىشى- ئاپتۇموبىللارنىڭ ئورنىنى بەلگىلەش، جىددىي ئەھۋاللار، ئاتموسفىرانى فىزىكىلىق كۈزىتىش، يەرشارى بايلىقلىرىنى چارلاپ تەكشۈرۈش، قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى ئۆلچەش، شەكىل ئۆزگىرىشنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، يەر پوستى ھەركىتىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، شەھەرقۇرۇلۇشى پىلانلاش قاتارلىقلار.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

دېڭىزدىكى ئىشلىتىلىشى_ يىراق مۇساپىلىق پاراخوتلارنىڭ ئورنىنى تېپىش، يول باشلاش،دېڭىزدا قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىش، دېڭىز-ئوكياندا بايلىق ئىزدەش، گىدرو-گىئولوگىيەلىك ئۆلچەش، دېڭىز يۈزى تەكشىلىكىنى ئۆلچەش تەكشۈرۈش قاتارلىقلار.
ئاۋىئاتسىيەدىكى ئىشلىتىلىشى_ ئايرۇپىلانلارغا يول باشلاش، يىراقتىن كونتىرول قىلىش، تۆۋەن ئوربىتالىق سۈنئىي ھەمرالارنىڭ ئوربىتاسىنى بەلگىلەش، باشقۇرۇلدىغان بومبىنى كونتىرول قىلىش، ئاۋىئاتىسيەدىكى قۇتقۇزۇش ئىشلىرى، ئادەم چۈشكەن ئالەم كېمىلىرىنى قوغداش تەكشۈرۈش قاتارلىقلار.
     ھازىر ئامېرىكىنىڭ  GPS ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسىغا يۆلىنىش ھالىتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن   روسىيەنىڭ «GLONASS »،ياۋروپانىڭ« گالىلىي»، جۇڭگونىڭ «يەتتە تىكەن » دەپ ئاتىلىدىغان يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىلىرى ئارقا ئارقىدىن تەتقىق قىلىنىپ ياسىلىشقا باشلىدى. ياۋروپا 1999-يىلى «گالىلىي» پىلانىنى باشلىدى. بۇ جەمئىي 30دانە سۈنئىي ھەمرادىن تەركىپ تاپىدىغان بولۇپ، ئەل ئىچىدە ئىشلىتىدىغان ئېنىقلىق دەرىجىسى بىر مېتىر ئەتراپىدا ئىكەن(GPSنىڭ 10مېتىر ئەتراپىدا).  2005-يىلى 12-ئاينىڭ28-كۈنى تۇنجى سىناق سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بەردى.

ئىز تورى بەك ياخشى




   روسىيە بۇ ساھەدە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن تارتىپلا تۇتۇش قىلغان بولۇپ، 1993-يىلدىن تارتىپ ئىشلىتىشكە باشلىدى.بىراق بۇ ئاساسەن ھەربىي ساھەدە ئىشلىتىلدى. بۇ 24 سۈنئىي ھەمرادىن تەركىپ تاپقان.  روسىيەنىڭGLONASS سېستىمىسى ئامېرىكىنىڭ GPS سېستىمىسىغا ئوخشىمايدىغان ئوربىتا ۋە چاستوتىلارنى ئىشلەتكەن. سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن روسىيەنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ئانچە ياخشى بولمىغان روسىيە بۇ جەھەتكە ئانچە ئېتىبار بېرەلمىدى، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ روسىيە GLONASS سېستىمىسىنى يېڭىلاش پىلانىنى باشلىدى،2010-يىلغىچە سۈنئىي  ھەمرالار ئاساسىي جەھەتتىن تولۇقلىنىپ بولىندىكەن. روسىيە يەنە GLONASS سېستىمىسىنى ئەل ئىچىدە ئىشلىتىشكىمۇ يول قويىدىكەن. ئەل ئىچىدە ئىشلىتىلىدىغان ئېنىقلىق دەرىجىسى 30 مېتىر ئەتراپىدا ئىكەن(GPSنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى 10 مېتىر، گالىلىينىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى 1 مېتىر) .
copyright by www.iz.la



    جۇڭگو ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ 2000-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى، 2000-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى ، 2005-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى بولۇپ جەمئىي ئۈچ دانە «يەتتە تىكەن» سىناق سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بەردى. «يەتتە تىكەن » ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى جەمىئىي 5  مۇقىم ھالەتتىكى  ۋە 30 ئورنى مۇقىم بولمىغان سۈنئىي ھەمرادىن تەركىپ تاپىدىكەن. ئورۇن ئېنىقلىق دەرىجىسى 10 مېتىر، ۋاقىت ئېنىقلىق دەرىجىسى 50نامىسېكونت، سۈرئەت ئېنىقلىق دەرىجىسى 0.2مېتىر\سكونت ئەتراپىدا  بولىدىكەن. ئىز تورى بەك ياخشى


    يوقىرىقى دۆلەتلەر ئوخشاش تۈردىكى سېستىمىلارنى يېڭىلاپ، ياساۋاتقان پەيتتە ئامېرىكىمۇ ئەسلىدە بار بولغان GPS سېستىمىسىنى يېڭىلاپ تېخمۇ ئىلغارلاشتۇرماقچى بولدى. بۇ جەمئىي 30 سۈنئىي ھەمرا(تۆتى زاپاس) دىن تۈزۈلگەن.  GPS چىققان ئەڭ دەسلەپكى مەزگىللەردە ئامېرىكا ئەل ئىچىدىكى ئېنىقلىق دەرىجىسىنى 100 مېتىر ئەتراپىدا تەڭشىگەن ئىدى، 2000-يىلىغا كەلگەندە 10 مېتىرغا كۆتۈردى. گالىلىي پىلانىنىڭ ئىجرا بولىشىغا ئەگىشىپ ئامېرىكا ئېنىقلىق دەرىجىسىنى يەنىمۇ كۆتۈرىشى مۇمكىن.

ئىز تورى بەك ياخشى



بەيدۇ ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تور بىكەتلىرىدىن پايدىلىنىلدى. ئىز تورى بەك ياخشى

(ئۆلچەش خىزمىتىمىزدە GPS تىن كۆپرەك پايدىلانغاچقا ، بۇ توغرىلىق ئاز تولا چۈشەنچە بېرىش مەقسىتىدە بۇنى يوللاپ قويدۇم) بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

تەرجىمە قىلغۇچى؛ قوشۇق www.iz.la

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(39)
92.9%
ناچار
(3)
7.1%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • يىقىنقى يىللاردىن بۇيان جەميەتتەيامان تەسر پەيدا قىلغان توردىكى ئون چوڭ ئىغۋا

    يىقىنقى يىللاردىن بۇيان جەميەتتەيامان تەسر پەيدا قىلغان توردىكى ئون چوڭ ئىغۋا يىقىنقى يىللاردىن بۇيان ،تور ئائىللەرگىچە ئومۇملىشىپ ،كىشلەر توردىن ئايرىلالمايدىغان دەرجىگە يەتتى ،تور بىزنىڭ خىزمەت ،تۇرمۇشمىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى ،نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭدىن...

  • ئەنگىلىيە ئالىملىرى زۇكام ۋىرۇسىنىڭ راك ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرەلەيدىغانلىقىنى بايقىغان .

    راك ئادەتتە ساقايىتقىلى بولمايدۇ، دەپ قارىلىدىغان بولسىمۇ ، ئىنسانلارنىڭ راكىنى ساقايىتىشقا بولغان ئىزدىنىشى زادىلا توختاپ قالغىنى يوق . ئەنگىلىيە ئالىملىرى پۈتۈنلەي يېڭى بىر ئۇسۇلىنى - ئادەتتىكى زۇكام ۋىرۇسى ئارقىلىق راكىنى داۋالاشىنى سىناق قىلىش ئالىدىد...

  • قۇمدا رەسىم سىزىش «تىتانىك»

    ...

  • پۇشايمانىسز ياشاڭ

    بىر دوستۇم بەش يىلىنىڭ ئالىدىدا پاي چېكى بازىرىغا قەدەم قويىدى .ھەمدە سەزگۈسىگە تايىنىپ . قىسقىغىنا بىرنەچچە يىلىنىڭ ئىچىدىلا ئۈچ مىليۇنىدن كۆپرەك پۇلغا ئىرشىتى . شۇ چاغلاردا ئۇ ئەمىدلا 30 ياشقا كىرگەن ئىدى . كىم ئويلىغان دەيىسز ؟ ئۇنىڭ تازا ئامىتى كلېىپ...

  • قايتا تىرىلىش (پاتىگۈل قاۋۇل بىلەن سۆھبەت)

    مەنبە ؛مەركىزى خەلىق رادىئو ئىستانىسى تورى...

  • ئۈرۈمچىدىكى ئىپپەت بازىرى

    - قانچە پۇل؟ - 100 كوي. - 30 كوي بېرەيما؟ - كەم بولا. - ماقۇل دېسىلە! - كەم دەپ قويدىلا. - ماقۇل، 10 كوي قوشاي. - نېمانداق كۆزى كىچىك ئادەم سىلى، ئوبدانراق باھا قويسىلا! - 40 كويغا ماقۇل دېسىلە، چۆپقەت بولۇپ قالىمىز دەيمەن! - بوپتۇ، 50 كوي بەرسىلە! - ماقۇ...

  • ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھاجى ئىمىن تۇرسۇن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى

    يېڭى دەۋر تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزدىكى تۆھپىكار باشلامچىلارنىڭ بىرى، تونۇلغان ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھەم تەرجىمان، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچىلاردىن بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 1924-يىلى 10-ئاينىڭ...

  • ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ

    ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ، تۆۋەندىكى رەسمىدە بىر ئەر ، بىرئايال بولۇپ ئۇلار ھاجەتخانغا قايسى يول بىلەن ماڭسا ئەڭ تىز سۈرەتتە بارالايدۇ....

  • ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

    ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تور ئەھلى، ئىز تورىنى قوللاپ،قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىپ كىلىۋاتقان،ياردەم قىلىۋاتقان دوسلارنىڭ ئايىمىنى تەبرىكلەيمىز! ئىز تورى نامىدىن بارلىق ئەزالارغا قۇربان ھېيىتلىق سالام يوللايمىز! ئىز...

  • GPS ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

    GPS نىڭ ئېنگىلىزچە تولۇق ئاتىلىشى Global Positioning System يەنى يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئامېرىكا ھاۋا،قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىلىرى ئورتاق تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان سۈنئىي ھەمرادىن پايدىلىنىپئورۇن بەلگىل...

  • بېكخام ئافغانىستانغا بېرىپ ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى

    ئېنگىلاند پۇتبول كوماندىسىنىڭ سابىق كاپىتانى داۋىد بېكھام 23-ماي ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق گازارمىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئالدىنقى سەپتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنى يوقلىدى ....

  • ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى

    ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى 1. تۇخۇمنى تاشقا ئۇرماق 1.以卵 击石 2. تامنىڭمۇ قۇلقى بار 2.隔墙有耳 3. يولۋاس يوق تاغدا مايمۇن پادىشاھ 3.山中无老虎,猴子称霸 4. ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ئۆز-ئۆزدىن قانائەتلەنمەك 4.骄傲自满 5. توخۇنى ئۆلتۈرۈپ مايمۇنغا ئىبرەت قلماق 5.杀鸡给猴看 6. ئاچ-يالڭاچ قالماق...

  • خوندا ماشىنىغا ئۈسىۋالغان لالما

    ...

  • مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش

    مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش تۇرمۇش تۇغۇلۇش ، ئۆزىگە تايىنىپ ياشاش دىمەكتۇر ، گەرچە مىنىڭ تۇرمۇشۇم جىن چىراقتىنمۇ غۇۋا بولسىمۇ ، مەن بىر قۇياش بۇلۇپ باشقىلارغا يۇرۇقلۇق بېغىشلاشنى خالايمەن ئاپتۇردىن مەزكۇر فىلىم سىچۈەنلىك داڭلىق ي...

  • 2010 – يىلى بايقالغان يېڭى مۆجىزە تاشلار

    بۇ ئالەمدە ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان سىرلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى شەيئىلەر ۋە مەۋجۇداتلار ئۈستىدە ئەستايىدىل پېكىر يۈرگۈزىدىغان ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن ھەيران قالارلىق گەپ ئەمەس، ئەلۋەتتە. قېرىندىشىمىز ئەمىن ئەپەندىمۇ دەرۋەقە ئەنە ئەشۇنداق، ئەتراپىدىكى ھە...