باقىي ئالەم يولى "----ئامېرىكا قىتئەسىدىكى داڭلىق قەدىمىي شەھەر –تېئوتىۋاكاندا «باقىي ئالەم يولى» دەپ ئاتالغان بىر يول بار. مىلادى 10-ئەسىردە، بۇ يەرگە كەلگەن ئازتېكلار بۇ يول بىلەن بۇ قەدىمىي شەھەرگە كىرگەندە، بۇ يەردە ھېچقانداق ئادەم يوقلىغىنى بايقىغان. ئۇلار بۇ يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى قۇرۇلۇشلارنى ئىلاھلارنىڭ قەبرىسى ئوخشايدۇ ،دەپ قاراپ، مۇشۇنداق غەلىتە ئىسىمنى قويغان. «باقىي ئالەم يولى» قۇياش سېستېمىسىنىڭ تۈزۈلۈشىگە ئاساسەن ياسالغان بولۇپ، تېئوتىۋاكانىىڭ ئۆز دەۋرىدىكى لايىھىلىگۈچىلىرى خېلى بۇرۇنلا ، قۇياش سىستېمىسىدىكى سەييارىلەرنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنى ، شۇنداقلا قۇياش سىستېمىسى ۋە سەييارىلەر ئارىسىدىكى ئوربىتىلارغا دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى بىلگەن. ئەمما ئىنسانلار 1781-يىلى ئۇراننى،1845-يىلى نېپتۇننى،1930-يىلى پلۇتوننى بايقىغان ئىدى. ئۇنداقتا ئەينى چاغدا تېئوتىۋاكانىڭ قۇرغۇچىلىرى بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى قانداق بىلگەندۇ؟ copyright by www.iz.la
ئەرۋاھ ئارال----1707-يىلى سپىتسبېرگېن تاقىم ئارىلىنىڭ شىمالىدىكى ئۇپۇق سىزىقىدا، ئەنگلىيىلىك كاپىتان جۇلىيېس بىر قۇرۇقلۇقنى بايقىغان ، لېكىن بۇ يەرگە يېقىنلىشالمىغان . ئەمما ئۇنىڭ كۆرگىنى خىيالىي تۇيغۇ بولمىغاچقا ، ئۇ بۇ قۇرۇقلۇقنى دېڭىز خەرىتىسىگە بەلگە قىلىپ قويغان . 200 يىلدىن كېيىن ،«يېرماك»ناملىق كاراپ(مۇز يارغۇچى پاراخۇت)بىلەن شىمالىي قۇتۇپنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە بارغان ئادمىرال ماكاروۋ ۋە ئۇنىڭ تەكشۈرۈش ئەترىتىدىكىلەر بۇ قۇرۇقلۇقنى بايقىغان . بۇ دەل جۇلىيېس ئەينى يىلى كۆرگەن ئارال ئىدى. ئاتاقلىق دېڭىزچى ۋورسلېي 1925-يىلى بۇ جايدىن ئۆتكەندىمۇ بۇ ئارالنىڭ سىماسىنى كۆرگەن . لېكىن ئالىملار 1928-يىلى بۇ جاينى تەكشۈرگىلى بارغاندا، ھىلىقى ئارالنى كۆرمىگەن . مۇشۇنداق غەلىتە ئىشلار سەۋەبىدىن بۇ ئارال –«ئەرۋاھ ئارال» دەپ ئاتالغان .ئەسلىدە بۇ ئارال تاشقىن كۆتۈرۈلۈش ياكى قارا بورانلىق يامغۇر سەۋەبىدىن شەكىللەنگەن كۆچمە ئارال ئىكەن . ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
بېرمۇدا ئۈچ بۈرجەك رايونى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياننىڭ غەربىدە بولۇپ ،يەتتە چوڭ ئارال ، 150چە كىچىك ئارال ۋە خادا تاشلاردىن تەركىپ تاپقان تاقىم ئارال. پەن –تېخنىكا تەرەققى تاپقان بۈگۈنكى كۈندىمۇ ،ئۇ يەنىلا سىرلىق دېڭىز تەۋەلىكى ھېسابلىنىدۇ. سىگنال بولمىغانلىقتىن ئايرۇپىلان ۋە پاراخوتلار بۇ رايون تەۋەسىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇ يەردە ئىلغار ئەسۋاپلارمۇ ئىشلىمەيدۇ، خەتەرگە يولۇققان كىشىلەرنىڭ ھايات قېلىشى مۈمكىن ئەمەس . شۇڭا كىشىنى ۋەھىمىگە سالىدىغان بۇ سىرلىق جاي ---«ئالۋاستى ئۈچ بۈرجەك رايونى»دەپ ئاتالغان. ئىز تورى www.iz.la
«قار ياغمايدىغان قۇرغاق جىلغا» --- جەنۇبىي قۇتۇپ مەكمۇردو قولتۇغىنىڭ شەرقىي شىمالىدا، ئۆئارا تۇتىشىپ تۇرىدىغان ۋېكتۇرىيە ، رېيد، دىلا دىگەن ئۈچ جىلغا بار. ھەيران قالارلىقى شۇكى، بۇ يەرنىڭ ئەتراپىنى قار–مۇز قاپلىغان تاغلار ئوراپ تۇرسىمۇ، بۇ جىلغىلار يەنىلا ناھايىتى قۇرغاق بولۇپ، قار-مۇز يوق، ھۆل-يېغىنمۇ ناھايىتى ئاز، ھەممىلا يەردە، تاش –شېغىل ۋە دېڭىز يىلپىزى قاتارلىق دېڭىز ھايۋانلىرىنىڭ سۆڭەكلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇ يەردە كىشىلەر بىر خىل ئۆلۈم پۇرىقىنى ھېس قىلغاچقا ئۇ يەر يەنە «ھالاكەت جىلغىسى»دەپمۇ ئاتالغان. ئالىملار بۇ جاينى تەكشۈرۈپ، تاشلار يېنىدا قانداق قىلىپ ھايۋانات سۆڭەكلىرى يىغىلىپ قالغانلىقىنى ھەرقانچە قىلىپمۇ بىلەلمىگەن . بۇ يەرگە ئەڭ يېقىن دېڭىز قىرغىقى نەچچە ئون كىلومېتىر كېلىدۇ، ئەڭ يىراقلىرى يۈز كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. دېڭىز بويىدا ياشاشقا ئادەتلەنگەن دېڭىز يىلپىزلىرى ئادەتتىكى ئەھۋالدا دېڭىز قىرغىقىدىن بۇنچە يىراققا بارمايدۇ، ئەمما بۇ دېڭىز يىلپىزلىرى،ئادەتتىكى ياشاش مۇھىتىنى بۇزۇپ بۇ يەرگە كەلگەن. ئۇنداقتا، دېڭىز يىلپىزلىرى نىمىشقا شۇنچە يىراقتىكى دېڭىز قىرغىقىدىن بۇ قۇرغاق جىلغىغا كېلىدۇ؟