1.راك مۇقامى مەنىسى-شىپالىق ئىزدەش.
2.چەببيات مۇقامى مەنىسى-گۈزەللىكنى سېغىنىش.
3.مۇشاۋىرەك مۇقامى مەنىسى-مۇڭدىشىش.
4.چارىگاھ مۇقامى مەنىسى-گۈزەل ھايات ئىزدەش.
5.پەنجىگاھ مۇقامى مەنىسى-ئۇلۇغ،يۈكسەك.
6.ئۇزھال مۇقامى---ئەھۋاللىشىش.
7.ئەجەم مۇقامى مەنىسى-ئانا ۋەتەننى سۆيۈش.
8.ئوشاق مۇقامى :ئوشاق مۇقامى (ئاشىقلار مەنىسىدە) جۇڭگو ئۇيغۇرلىرىدىكى چوڭ ھەجىملىك مۇزىكىلىق يۈرۈشلۈك كۈي بولغان كلاسسىك ‹‹ئون ئىككى مۇقام›› نىڭ سەككىزىنچى مۇقامى . بۇ مۇقامدا مۇھەببەتنى كۈيلەش ئاساسىي تېما قىلىنىدىغان بولۇپ ، تېكىستلارغا ئاساسىي جەھەتتىن بۇرۇنقى زاماندا ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ نەزمە شېئىرلىرى ھەمدە ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى ۋە ئەل ئىچىدىكى داستان پارچىلىرى سەپلەنگەن . جۈملە–مىسرالىرى ئىنتايىن گۈزەل ، كۈچلۈك ئاھاڭدارلىققا ئىگە ؛ مۇزىكىلىرى راۋان ، ھېسىياتقا باي؛ رېتىم ئۆزگىرىشى رەڭدار ، مېلودىيىسى گۈزەل بولۇپ ، كۆرۈرمەننىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ ؛ ئۇسسۇللىرى كۆركەم ، جەزبىدار بولۇپ ، تەسىرلەندۈرۈش كۈچى كۈچلۈك . ئۇششاق مۇقامى ئۇيغۇرلار ئىچىدە كەڭ تارقالغان .
9.بايات مۇقامى مەنىسى-ئەسلەش.
10.ناۋا مۇقامى مەنىسى-جاسارەت،كۈچ-قۇدرەت.
11.سىگاھ مۇقامى مەنىسى-ئۇزۇن غەپلەتتىن ئويغۇنۇش.
12.ئىراق مۇقامى مەنىسى-دەريا سۈيىنىڭ دولقۇنى. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى